جۈمە 21 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 22 نويابىر 2024
Uygur

توختامدىكى جازا ماددىسى ياكى شەرتلىرى قاچان كۈچكە ئىگە بولىدىغان ۋە قاچان كۈچكە ئىگە بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

   مېنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت شىركىتىم بولۇپ، چەتئەلدىن مال كەلتۈرىمەن، دۆلەت ئېچىدىكى تىجارەتچىلەرگە ساتىمەن، مال سېتىۋالغۇچى ئالغان مالنىڭ پۇلىنى تۆلەشنى كېچىكتۈرۈپ قويسا تۆلەم تۆلەشكە مەجبۇرى بولىدىغان سودا توختامىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ شۇنىڭدەك بەزى ھالەتلەردە مۆلچەرلەنگەن پايدىنى تولۇقلاش قانداق بولىدۇ؟، بۇ جازا توختىمى مېنىڭ زىيىنىمغا پۈتكەندە، مەن بۇنى مال سېتىۋالغۇچىلارغىمۇ شەرت قىلسام توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   توختامدىكى جازا ماددىسى ياكى شەرتلىرى توختام ئەسلىدىكى قەرزنى لازىم تۇتقان ۋاقىتتا دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما سېتىۋالغۇچى مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىشكە مال سېتىۋالغان بولسا، پۇلنى ۋاقتىدا ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن پۇلنى زىيادە ئىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى زىيادە ئېلىنغىنى قەرزنى زىيادە ئالغانلىق بولىدۇ، بۇ ئوچۇق جازانىدۇر. ئەمما قەرزدىن باشقا ھەق-ھوقۇقلاردا ئەمەلىي زىيان يۈز بەرگەندە تۆلەم تۆلەشنى شەرت قىلىپ توختام قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.

   "ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى" قارارىدا توختامدىكى جازا ماددىسى ياكى شەرتلىرى توغرىسىدا مۇنداق كەلگەن:

    بىرىنچى: توختامدىكى جازا ماددىسى ياكى شەرتلىرى قانۇندا، ئىككى توختام قىلغۇچى ئارىسىدا تەرەپنىڭ قايسىسى توختامغا ئەمەل قىلماي ياكى توختامنىڭ شەرتلىرىنى لازىم تۇتماي يەنە بىر تەرەپنى زىيانغا ئۇچراتسا قارشى تەرەپنىڭ زىيىنىنى ئۈستىگە ئالىدۇ دېيىلگەن.

   ئىككىنچى: "ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى"نىڭ توختامدىكى جازا ماددىسى ياكى شەرتلىرى توغرىسىدا ئىلگىرى "سەلەم" يەنى ئالدىدىن پۇل تاپشۇرۇش سودىسى توغرىسىدا چىقارغان 85-نومۇرلۇق(2/9) قارارىدا مۇنداق كەلگەن: ئالدىن پۇل تۆلىگەن مالنى تاپشۇرۇش ۋاقتى كېچىككەنلىكى ئۈچۈن جازا توختامى بېكىتىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ قەرزدىن ئىبارەت بولۇپ، قەرزنى ئادا قىلىش كېچىكىپ قالغاندا قەرزنى زىيادە ئېلىش توغرا بولمايدۇ".

    بىر نەرسە ياسىتىشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدكى 65-نومۇرلۇق (3/7) قارارىدا مۇنداق كەلگەن: بىر نەرسە ياسىتىش كېلىشىمدە بېسىم بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئىككى تەرەپ توختام قىلغان كېلىشىمنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە جازانى شەرت قىلسا توغرا بولىدۇ".

    مۇددەتكە بۆلۈپ ئادا قىلىش سودىسى توغرىسىدىكى 51-نومۇرلۇق (6/2) قارارىدا مۇنداق كەلگەن: سېتىۋالغۇچى پۇلنى (قەرزنى)بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئادا قىلىشتىن كېچىكىپ قالسا، قەرزنى زىيادە ئېلىشنى شەرت قىلىش ئىلگىرىكى شەرت بىلەن بولسۇن ياكى يېڭىدىن تۈزۈلگەن شەرت بىلەن بولسۇن توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ھارام بولغان جازانىدۇر".

    ئۈچىنچى: جازا توختامىنى شەرت قىلىش ئەسلى كېلىشىم بىلەن بىرگە بولسا دۇرۇس بولىدۇ، بۇ خۇددى زىيان كېلىپ چېقىشتىن ئىلگىرى ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن كېلىشىمدە دۇرۇس بولىدۇ.

    تۆتىنچى: جازا توختامىنى شەرت قىلىش ئەسلى قەرز بولمىغان بارلىق مالىيە كىلىشىملىرىدە دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى ئەسلى قەرز بولسا ئۇ ئوچۇق جازانە بولىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن: قۇرۇلۇش سالغۇچىغا نىسبەتەن قۇرۇلۇش توختامىدا، تەمىنلىگۈچى بىلەن تەمىنلەش توختامىدا، بىر نەرسە ياساتقۇچى بىلەن ياسىغۇچىنىڭ توختامىدا، ئىككى تەرەپنىڭ بىرى توختامغا ئەمەل قىلمىسا ياكى توختامدىكى ئىشلارنى ئىجرا قىلمىسا مۇشۇنداق شەرتلەرنى بېكىتىش توغرا بولىدۇ.

   ئەمما مۇددەتكە بۆلۈپ ئادا قىلىش سودىسىدا قەرزدار بەلگىلەنگەن مۇددەتتە ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرۈپ قويسا، ئۇ قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن بولسۇن ياكى بەك ۋاقىتنى ئۇزارتىۋېتىش سەۋەبىدىن بولسۇن توختامدا جازا بېكىتىش توغرا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، بىر نەرسە ياساتقۇچى بىلەن ياسىغۇچىنىڭ توختامىدا سېتىۋالغۇچى ئۈستىدىكى ھەقنى ئادا قىلىشتىن كېچىكىپ قالسا توختامدا جازا بېكىتىش توغرا بولمايدۇ.

   بەشىنچى: تۆلەم تۆلەش دۇرۇس بولىدىغان زىيان ئەمەلىي يۈز بەرگەن مالىيە زىياننى، زىيانلانغۇچىغا قېتىلغان ھەقىقى زىياننى، تەكىتلەنگەن كەسىپتىن يوقىتىپ قويغان زىياننى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئەدەبىي ۋە مەنىۋىي زىياننى ئۆز ئېچىگە ئالمايدۇ.        

   ئالتىنچى: جازا توختامىنىڭ شەرتى شەرت قىلىنغان كىشىنىڭ توختامغا ئەمەل قىلالماسلىقى ئۆز ئىرادىسىنىڭ سىرتىدىكى سەۋەبلەردىن بولغانلىقى ئىسپاتلانسا ياكى توختامغا ئەمەل قىلماسلىق بىلەن ھېچ قانداق زىيان يەتمىگەن بولسا جازا توختامىنىڭ شەرتىگە ئەمەل قىلىنمايدۇ.

   يەتتىنچى: سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ بىرىنىڭ تەلىپىگە كۆرە، يەنە بىرى تۆلەمنى بەك ئاشۇرۇۋەتكەن ياكى بۇنى ئاقلايدىغان بىر يول تېپىلغاندا تۆلەمنىڭ مىقدارىنى باراۋەر قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ". ["مەجمۇئەنىڭ قارارى" 371-بەت. قاتار ۋەقپە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان].

    سەئۇدى ئەرەبىستان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆلىمالار ھەيئىتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۆز قىلغان. "ئىسلام تەتقىقات ژۇرنىلى"2-سان 143-بەتتە جازا توختامىنىڭ شەرتى توغرىسىدا ئىلىپ بېرىلغان تەتقىقات مۇنازىرىسىدىن كېيىن مۇنداق كەلگەن: "ھەقىقەتەن ھەممەيلەننىڭ بىرلىكى بىلەن يېغىن شۇنى قارار قىلىدۇكى: سودا كېلىشىملىرىدە شەرت قىلىنىشى ئىجرا بولىۋاتقان جازا توختامىنى شەرت قىلىش ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان توغرا شەرت بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش زۆرۈر بولىدۇ، شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئېلىنغان ئەمەل قىلىش زۆرۈر بولغان توختامغا ئۈزۈر بولمىغان ئەھۋالدا ئەمەل قىلىش زۆرۈر بولىدۇ، ئەگەر ئۈزۈر بولۇپ قالسا ئۈزۈر يوقالغۇچە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقى(زۆرۈرلىكى) چۈشۈپ كېتىدۇ.

   ئەگەر ئۆرپ-ئادەتتە جازا توختامىنى شەرت قىلىدىغان ئىشلار بەك كۆپ بولغان بولۇپ، بۇنىڭدىن مالىيە تەھدىتى مەقسەت قىلىنغان بولسا بۇ، شەرئى قائىدىلەرنىڭ تەقەززاسىدىن يىراق بولغان بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا مەنپەئەتتىن يوقىتىپ قويغان ياكى قېتىلغان زىياننى ھېسابلاشتا ئادالەت ۋە ئىنساپقا مۇراجىئەت قىلىنىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ مىقدارىنى بېكىتىشتە ئىختىلاپ بولۇپ قالسا، كۆز-قاراش، تەجرىبە ئەھلىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىگە ئەمەل قىلىپ، شەرئى مەھكىمىگە مۇراجىئەت قىلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذَا حَكَمْتُم بَيْنَ النَّاسِ أَن تَحْكُمُوا بِالْعَدْلِ تەرجىمىسى:«ئاللاھ سىلەرنى كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ»نىسا سۈىرىسى 58-ئايەت،  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا يَجْرِمَنَّكُمْ شَنَآنُ قَوْمٍ عَلَى أَلَّا تَعْدِلُوا اعْدِلُوا هُوَ أَقْرَبُ لِلتَّقْوَى تەرجىمىسى: «بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا) ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۈشمىنىڭلارغىمۇ) ئادىل بولۇڭلار، بۇ (يەنى ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇشۇڭلار) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر» [سۈرە مائىدە 8-ئايەت].

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىلەرگىمۇ زىيان يەتكۈزۈلمەيدۇ» تەۋپىق ئاللاھدىندۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   شۇنىڭ بىلەن سىلەر سېتىۋالغۇچىغا مالنى تاپشۇرۇشنى كېچىكتۈرۈپ قويغاندا، سېتىۋالغۇچىنىڭ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا جازا توختامىنى شەرت قىلىشى ئېنىق بولىدۇ، لېكىن سېتىۋالغۇچى پۇلنى تاپشۇرۇشنى كېچىكتۈرسە، سىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىگە جازا توختامىنى شەرت قىلىشىڭلار توغرا بولمايدۇ. سىلەر مال كەلتۈرىدىغان شىركەتكە ئاراڭلاردا ئىتتىپاق كەلگەن توختامنى ئىجرا قىلىشتا كەمچىلىك كۆرۈلگەندە بۇ شەرتنىڭ ئىجرا بولىدىغانلىقىنى شەرت قىلساڭلار بولىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى