پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى تۇتالمىغان رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟

سۇئال

مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى تۇتالمىغان رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قېلىش كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قېلىش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا روزا تۇتۇش بۇيرۇقى يۈزلەنمىگەن، ئۇ كىشى ئۆتۈپ كەتكەن روزىنىڭ قازاسىنى قىلغۇدەك رامىزان روزىسى پەرز بولغان كىشىلەردىن ئەمەس.  ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ:

["مۇھاجىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ" دېگەن رىسالىسى 1-توم 8-بەت].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى