پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

پەرز ناماز بىلەن نەپلە نامازنىڭ ئارىسىنى سۆز ياكى ئورۇندىن يۆتكۈلۈش بىلەن ئايرىپ ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا

سۇئال

پەرز ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن نەپلە ناماز ئوقۇماقچى بولسام، كۆپ جاينىڭ مېنىڭ سەجدە قىلغانلىقىمغا گۇۋاھ بولىشى ئۈچۈن پەرز ئوقۇغان جايدىن يۆتكۈلۈپ نەپلە ئوقۇشۇم ياخشىمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

پەرز ناماز بىلەن نەپلە نامازنىڭ ئارىسىنى سۆز بىلەن ياكى باشقا جايغا يۆتكۈلۈش بىلەن ئايرىپ ئوقۇش ياخشى بولىدۇ.

ئەڭ ياخشىسى نەپلە نامازنى ئۆيىگە بېرىپ ئوقۇغان ياخشى، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، مۇسۇلماننىڭ پەرز نامازلاردىن باشقا نامازنى ئۆيىدە ئوقۇغىنى ئەۋزەلدۇر. بۇنىڭ دەلىلى، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن نەقل قىلىنغان ھەدىسىدە: جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن نەپلە ناماز ئوقۇماقچى بولساڭ، سۆز قىلىۋىتىپ ياكى باشقا جايغا چىقىپ ناماز ئوقۇغىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان، نامازنى نامازغا ئۇلىماستىن سۆز قىلىۋىتىپ ياكى باشقا جايغا يۆتكىلىپ ئادا قىلىشقا بۇيرىغان. [مۇسلىم رىۋايىتى 1463-ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسەدە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس بىزنىڭ شاپىئىي مەزھەب ئۆلىمالىرى ئېيتقان سۈننەت ۋە نەپلە نامازنى، پەرز ئوقۇغان جايدىن باشقا جايغا يۆتكۈلۈپ ئوقۇش ياخشى، بولۇپمۇ ئۆيگە بېرىپ ئوقۇسا ئەۋزەلدۇر. پەرز نامازنىڭ شەكلىنى نەپلە نامازدىن ئايرىش ئۈچۈن ياكى ئۆزىنىڭ سەجدە قىلغان ئورنىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، مەسچىتتە باشقا جايغا يۆتكۈلۈپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ دېگەن سۆزىگە دەلىل بولىدۇ، شۇنىڭدەك ھەدىستىكى سۆز بىلەن ئايرىش دېگەن سۆزمۇ ئىككى نامازنىڭ ئارىسىنى سۆز بىلەن ئايرىسىمۇ بولىدىغانلىقى، ئەمما بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان بويىچە يۆتكۈلۈپ ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئىپەدىلىنىدۇ". توغىرسىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بېرىڭلار پەرز ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن نەپلە ناماز ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا، ئالدى ياكى كەينىگە ياكى ئوڭ-سول تەرەپكە يۆتكۈلۈپ ئوقۇشتىن ئاجىز كىلەمدۇ؟. [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى 854-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1417-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋا كۇبرا" ناملىق ئەسەر 2-توم 359-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "جۈمە نامىزى ۋە باشقا نامازلارنى ئوقۇغاندا پەرز ناماز بىلەن نەپلە نامازنىڭ ئارىسىنى ئايرىش سۈننەت بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە نامازنى ئۇلاپ ئوقۇماستىن، پەرز نامازنى نەپلە نامازدىن سۆز ياكى باشقا جايغا يۆتكۈلۈش بىلەن ئايرىپ ئوقۇشقا بۇيرۇلغان بولسىمۇ ئەمما كۆپچىلىك كىشىلەر سالامغا ئۇلاپلا سۈننەت نامازنى ئوقۇۋىتىدۇ، مانا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە چەكلىگەن ئىشتۇر، بۇنىڭدىكى ھىكمەت پەرز ناماز بىلەن پەرز بولمىغان نەپلە نامازنىڭ ئارىسىنى ئايرىشتۇر، شۇنىڭغا ئوخشاش؛ ئىبادەت بىلەن ئىبادەت بولمىغان ئىشلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىش، ئىپتارنى دەل ۋاقتىدا ئالدىراپ قىلىش، سوھۇرلۇقنى كىچىكتۇرۇپ يېيىش، روزا ھېيت كۈنىدە ھېيت نامىزىغا چېقىشتىن ئىلگىرى ناشتا قىلىش، رامىزاندىن بىر-ئىككى كۈن ئىلگىرى روزا تۇتماسلىققا ئوخشىغان ئىشلار، پەرز روزا بىلەن نەپلە روزىنىڭ ئارىسىنى ئايرىش، ئىبادەت بىلەن ئىبادەت بولمىغان ئىشلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىش، شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان جۈمە نامىزى بىلەن باشقا نەپلە نامازنىڭ ئارىسىنى ئايرىشتىن ئىبارەتتۇر".

پەرز ناماز بىلەن نەپلە نامازنىڭ ئارىسىنى ئايرىشتىكى سەۋەپ بولسا، پەرقلىق بولغان نامازنىڭ ئارىسىنى ئايرىشتۇر، بەزى ئالىملار بۇنىڭدىن باشقا سەۋەپلارنى بايان قىلدى، ئۇ بولسىمۇ: قىيامەت كۈنى ئۇ كىشىنىڭ ئىبادىتىگە گۇۋاھ قىلىش ئۈچۈن سەجدە قىلىدىغان جاينى كۆپەيتىشتىن ئىبارەتتۇر، يۇقىرىدا ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھمۇ بۇنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

رەملى رەھىمەھۇللاھ "نىھايەتۇل مۇھتاج" ناملىق ئەسەرنىڭ 1-تومى 552-بېتىدە مۇنداقدەيدۇ: "سەجدە قىلغان ئورۇننى كۆپەيتىش، بۇ ئورۇنلارنىڭ قىيامەت كۈنىدە گۇۋاھ بولىشى، زېمىننىڭ ھەممە جايلىرىنى ئىبادەت بىلەن گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن پەرز ياكى نەپلە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن، دەسلەپتە ناماز ئوقۇغان جايدىن باشقا جايغا يۆتكۈلۈپ ناماز ئوقۇش سۈننەتتۇر، ئەگەر ئورنىدىن يۆتكەلمىسە سۆز قىلىۋېتىش ئارقىلىق ئايرىسىمۇ بولىدۇ".

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى