بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە تاھارەتسىز كىشىنىڭ قۇرئان كەرىمنى بىۋاستە تۇتۇشى توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمىر ئىبنى ھەزمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ۋە يەمەن ئەھلىگە يازغان مەكتۇبىدا مۇنداق بايان قىلىنغان: «قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز كىشى تۇتمىسۇن». [ئىمام مالىك رىۋايىتى468-ھەدىس. ئىبنى ھىببان رىۋايىتى793-ھەدىس. بەيھەقىي 1-توم 87-بەت].
ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسنى ھەدىس تەتقىقاتچى ئالىملىرى ئىسنادى جەھەتتىن ئەمەس بەلكى مەشھۇرلۇق جەھەتتىن سەھىھ دېگەن.
ئىمام شافىئى ئۆزىنىڭ "ئەررىسالە" ناملىق ئەسىرىدە: ئۆلىمالار بۇ ھەدىسنى بۇنىڭ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يازغان خېتى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغانغا قەدەر قوبۇل قىلمىغان.
ئىبنى ئابدۇل بەر مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يازغان خېتى توغرىسىدىكى بۇ ھەدىس سىيرەت ئالىملىرىنىڭ نەزىرىدە بەك مەشھۇر، باشقا ئالىم-ئۆلىمالار ئارىسىدىمۇ تونۇشلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ھەدىسنىڭ مەشھۇرلىقى ئىسنادتىن بىھاجەت قىلدى، ئۇ ھەدىس كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە بىلىشى ئۈچۈن كېلىش يوللىرىدا مۇتەۋاتىر ھەدىسكە ئوخشايدۇ. ["تەلخىس ھەبىر" 17/4. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئىرۋائۇل غەلىيل" 1-توم 158-بەتتە كەلتۈرگەن].
ئىككىنچى: قۇرئانغا چىڭ يېپىشتۇرۇلغان ياكى تىكىلگەن مۇقاۋە بولسا قۇرئاننىڭ ھۆكۈمدە بولۇپ تاھارەتسىز كىشىنىڭ ئۇنى تۇتۇشى توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئەتراپلىرىنى تۇتۇشمۇ توغرا بولمايدۇ.
"پىقھى توپلاملىرى"7-توم 38-بەتتە مۇنداق كەلگەن: ھەنەفى، مالىكى، شافىئى ۋە ھەنبەلى مەزھىپىدىن بولغان كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرى تاھارەتسىز كىشىنىڭ قۇرئانغا ئۇلىنىپ تۇرىدىغان تېرە مۇقاۋىنى، قۇرئان ۋاراقلىرىدىن ئايەتلەر يېزىلمىغان بوش جايلارنى، قۇرلار ئارىسىدىكى بوشلۇقلارنى شۇنىڭدەك پەقەت خەت يېزىلمىغان بوش ۋاراقلارنى تۇتۇشنىمۇ چەكلىگەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى يېزىلغان قۇرئان ئايەتلىرىگە ئەگىشىدىغان بولۇپ، ئەگەشكەن نەرسە ئەگەشتۈرۈلگەن نەرسىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.
بەزى ھەنەفى ۋە شافىئى ئالىملىرىنى بۇنى تۇتۇشنى دۇرۇس دېگەن.
ئەمما قۇرئاندىن ئايرىم مۇقاۋە بولسا، ئۇ قۇرئاننى سالىدىغان-چىقىرىدىغان خالتا بولۇپ، ئۇنى گەرچە ئىچىدە قۇرئان كەرىم بولسىمۇ تاھارەتسىز تۇتسا دۇرۇس بولىدۇ.
قۇرئاننى قۇرئاندىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان مۇقاۋە بىلەن تۇتۇش ياكى قۇرئاننى سالغان خالتا بىلەن ياكى پەلەي قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن تۇتسا دۇرۇس بولىدۇ. "كەشاپۇل قىنا" 1-توم 135-بەتتە مۇنداق كەلگەن: تاھارەتسىز كىشى قۇرئان كەرىمنى سالغان خالتا بىلەن ياكى قېپى بىلەن كۆتۈرسە دۇرۇس بولىدۇ، چەكلىمە بىۋاستە تۇتۇش بولۇپ، كۆتۈرۈش دېگەن تۇتۇش ھېسابلانمايدۇ، قۇرئاننىڭ ۋاراقلىرىنى چاپىنىنىڭ يېڭى ياكى تاياق ياكى قولىغا بىر نەرسە ئوراپ ئۆرۈسە ئۇمۇ قۇرئان كەرىمنى تۇتقاننىڭ ھۆكمىدە بولمايدۇ.
ئۈچىنچى: تاھارەتسىز كىشى ئۈچۈن -جۇنۇپ بولسۇن ياكى تاھارەتسىز بولسۇن- كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىغا كۆرە تەپسىر كىتابلىرىنى تۇتۇشى دۇرۇس بولىدۇ لېكىن ئۇلارنىڭ بەزىسى تەپسىرنىڭ ھەجىمى قۇرئاننىڭ ھەجىمىدىن كۆپ بولسا بولىدۇ دېگەننى شەرت قىلدى، بەزى ئالىملار بۇنى شەرت قىلمىدى.
"پىقھى توپلاملىرى"13-توم 97-بەتتە مۇنداق كەلگەن: كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا تاھارەتسىز كىشىنىڭ ھەتتا جۇنۇپ بولغان كىشىنىڭمۇ گەرچە قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى بولسىمۇ تەپسىر كىتابلىرىنى تۇتۇشى، كۆتۈرۈشى، كىتابلار مۇزاكىرە قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە: تەپسىردىن بولغان مەقسەت قۇرئان كەرىمنىڭ تىلاۋېتى ئەمەس بەلكى مەنالىرى بولۇپ ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكۈملىرى ئىجرا بولمايدىكەن.
شاپى ئالىملىرىنى تەپسىرنىڭ ھەجىمىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ھەجىمىدىن كۆپ بولۇشنى شەرت قىلدى، چۈنكى ئۇنداق بولغاندا قۇرئان كەرىمگە بولغان ھۆرمەت ۋە ئۇلۇغلاشقا تەسىر يەتمەيدىكەن، ئەمما ھەنەفى مەزھەپ ئالىملىرى بۇنىڭ ئەكسىچە تەپسىر كىتابلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن تاھارەت بولۇشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: تەپسىر كىتابلىرىنى تاھارەتسىز تۇتسا دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى ئۇ تەپسىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدا بولغان ئايەتلەرنىڭ ھەجىمى قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ ھەجىمىدىن ئاز بولىدۇ. بۇ قارىشىغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كاپىرلارغا مەكتۇپ يازغانلىقىنى دەلىل قىلىپ، ئۇ مەكتۇپتىمۇ قۇرئان ئايەتلىرى بولسىمۇ ھۆكۈمنىڭ كۆپكە بولىدىغانلىقى بۇنىڭدىن ئىپادىلىنىدۇ دەيدۇ.
ئەمما تەپسىر بىلەن قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ ھەجىمى باراۋەر بولۇپ قالسا، دۇرۇسلۇق بىلەن ھەزەر بىرگە كېلىپ، ئىككىسىنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن كۈچلۈك بولمىسا ئۇ ۋاقىتتا ھەزەر تەرىپى كۈچلۈك ھېسابلىنىپ قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ. ئەگەر تەپسىر تەرىپى ئازراق كۆپ بولۇپ قالسا ئۇ ۋاقىتتا تەپسىرنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ". ["شەرھىل مۇمتىئ" 1-توم 267-بەت].
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى 4-توم 136-بەتتە مۇنداق كەلگەن: قۇرئان كەرىمنىڭ ئەرەب تىلىغا ۋە ئەرەب تىلىدىن باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان تەرجىمە، تەپسىرلىرىنى تاھارەتسىز تۇتۇش توغرا بولىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ قۇرئان ھېسابلانمايدۇ بەلكى تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىسىدىن چۈشەنگەنلىرى ھېسابلىنىدۇ.
شۇنىڭغا ئاساسەن قۇرئاننىڭ ئەرەب تىلىنىڭ غەيرىگە تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىلىرىنى، شۇنىڭدەك ئەرەبچە يېزىلغان تەپسىرلىرىنى تاھارەتسىز تۇتسا دۇرۇس بولىدۇ".
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.