دۇشەنبە 22 جىمادۇسسانى 1446 - 23 دىكابىر 2024
Uygur

ئەھلى بەيتنىڭ قانداق پەزىلەتلىرى بار؟ ئۇلار قىيامەت كۈنىدە ئىنسانلارغا شاپائەت قىلامدۇ؟

سۇئال

ئەھلى بەيتنىڭ باشقا ئىنسانلاردىن قانداق ئارتۇقچىلىقى بار؟، ئۇلار قىيامەت كۈنىدە كىشىلەرگە شاپائەت قىلامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

بىرىنچى: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى كىملەر؟ دېگەن مەسىلىنى 10055-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىپ، جاۋابنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدۇق: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بولسا ئۇلار: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى، ئەۋلادلىرى، ھاشىم جەمەتىنىڭ ئەۋلادلىرى، ئابدۇل مۇتتەلىپ ئەۋلادلىرى، ئۇلارنىڭ ئازاد قىلىۋەتكەن قۇللىرى قاتارلىقلار.

ئىككىنچى: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەرنى قىلدى، ئەھلى-سۈننە ۋەلجامائە ئالىملىرى: ئۇلارنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ھەققىگە رىئايە قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاققا كەلدى.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “شۇنىڭدەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلۈش ۋاجىپ بولغان ھەق-ھوقۇقلىرى بار، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇلار ئۈچۈن ئۇرۇش غەنىمەتلىرىدىن، ئۇرۇش قىلماي ئالغان ئولجىلاردىن  نېسىۋە قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش بىلەن بىرگە ئۇلارغىمۇ دۇرۇت-سالام يوللاشقا بۇيرىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە مۇنداق دېدى: «ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت-مەغپىرەت قىلغاندەك،  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت-مەغپىرەت قىلغىن، ھەقىقەتەن سەن ماختالغۇچى ۋە ئۇلۇغسەن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلغاندەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلغىن، ھەقىقەتەن سەن ماختالغۇچى ۋە ئۇلۇغسەن». [“پەتىۋالار مەجمۇئەسى” 3-توم 407-بەت].

يەنە مۇنداق دەيدۇ: “شۇنىڭدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ياخشى كۆرۈش، دوست تۇتۇش ۋە ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ”.  [“پەتىۋالار مەجمۇئەسى” 27-توم 491-بەت].

ئۈچىنچى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ پەزىلەتلىىرىدىن:

1-ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا نِسَاءَ النَّبِيِّ لَسْتُنَّ كَأَحَدٍ مِنَ النِّسَاءِ إِنِ اتَّقَيْتُنَّ فَلا تَخْضَعْنَ بِالْقَوْلِ فَيَطْمَعَ الَّذِي فِي قَلْبِهِ مَرَضٌ وَقُلْنَ قَوْلاً مَعْرُوفاً . وَقَرْنَ فِي بُيُوتِكُنَّ وَلا تَبَرَّجْنَ تَبَرُّجَ الْجَاهِلِيَّةِ الْأُولَى وَأَقِمْنَ الصَّلاةَ وَآتِينَ الزَّكَاةَ وَأَطِعْنَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ إِنَّمَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيُذْهِبَ عَنْكُمُ الرِّجْسَ أَهْلَ الْبَيْتِ وَيُطَهِّرَكُمْ تَطْهِيراً  تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايسىلەر، سىلەر (يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا) نازلىنىپ سۆز قىلماڭلار، (نازلىنىپ سۆز قىلساڭلار) دىلىدا كېسەل بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا) تەمەدە بولۇپ قالىدۇ، (گۇماندىن خالىي) ياخشى سۆزنى سۆزلەڭلار، ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرۇڭلار، ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىپ چىققىنىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئى پەيغەمبەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر! ئاللاھ سىلەردىن گۇناھنى ساقىت قىلىشنى ۋە سىلەرنى تامامەن پاك قىلىشنى خالايدۇ» [سۈرە ئەھزاب 32-33-ئايەتلەر].

بۇ پەزىلەت پەقەتلا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغىلا خاس بولماستىن، بەلكى بۇنىڭغا ھەدىستە بايان قىلىنغان دەلىللەر بىلەن باشقا ئاياللارمۇ كېرىدۇ: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ئەتتىگەندە قارا رەڭلىك يۇڭ چاپان كىيىپ چقتى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ چوڭ ئوغلى ھەسەن كەلگەن ئېدى، ئۇنى توننىڭ ئېچىگە كېرگۈزدى، ئاندىن ھۈسەيىن كەلگەن ئېدى ئۇنىمۇ توننىڭ ئېچىگە كىرگۈزدى، ئاندىن پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا كەلگەن ئېدى، ئۇنىمۇ توننىڭ ئېچىگە كىرگۈزدى، ئاندىن مۇنداق دېدى: «ئى پەيغەمبەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر! ئاللاھ سىلەردىن گۇناھنى ساقىت قىلىشنى ۋە سىلەرنى تامامەن پاك قىلىشنى خالايدۇ» [مۇسلىم رىۋايىتى 2424-ھەدىس].

2-ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: النَّبِيُّ أَوْلَى بِالْمُؤْمِنِينَ مِنْ أَنْفُسِهِمْ وَأَزْوَاجُهُ أُمَّهَاتُهُمْ  تەرجىمىسى: «پەيغەمبەر مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىلىرىدىنمۇ چارىدۇر، پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر» [سۈرە ئەھزاب 6-ئايەت].

3-ۋاسىل ئىبنى ئەسقە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم: «ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ئەۋلادىدىن كىنانىنى تاللىدى، كىنانىدىن قۇرەيشنى تاللىدى، قۇرەيشتىن ھاشىم ئەۋلادلىرىنى تاللىدى، ھاشىم ئەۋلادلىرىدىن مېنى تاللىدى» [مۇسلىم رىۋايىتى 2276-ھەدىس].

4-زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە بىلەن مەدىنە ئارىسىدىكى “خۇممە”دېگەن جايدا بىزگە شۇنداق بىر خۇتبە سۆزلىدى: ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ئېيتتى، ۋەز-نەسىھەت قىلدى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە ئازابىنى ئەسلەتتى، ئاندىن مۇنداق دېدى: «ئى ئىنسانلار دىققەت قىلىڭلار! ھەقىقەتەن مەنمۇ بىر ئىنسان، يېقىندا رەببىمنىڭ ئەلچىسى چاقىرغىلى كېلىدۇ، مەن چاقىرىققا ئىجابەت قىلىپ كېتىپ قالىمەن، مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئىككى ئېغىر نەرسىنى قويۇپ كېتىمەن، ئۇنىڭ بىرى: ئاللاھنىڭ كىتابى بولۇپ، ئۇنىڭدا ھىدايەت ۋە نۇر بار، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭغا مۇستەھكەم ئېسىلىڭلار» دەپ ئاللاھنىڭ كىتابىغا قىزىقتۇرۇپ ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرۈپ ئاندىن مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىم، سىلەرگە مېنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمنى ئەسلىتىمەن، سىلەرگە مېنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمنى ئەسلىتىمەن، سىلەرگە مېنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمنى ئەسلىتىمەن» [مۇسلىم رىۋايىتى 2408-ھەدىس].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ تەۋسىيىلىرىگە ساھابىلار ئالاھىدە رىئايە قىلدى، ئۇلارنىڭ پېشۋالىرى: ئەبۇ بەكىر سىددىق ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردۇر. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ئەسەردە، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى ئۇلاش مەن ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىمنى ئۇلاشتىن ياخشى كۆرەلگۈچىدۇر»، [بۇخارى رىۋايىتى3508-ھەدىس. مۇسلىم  رىۋايىتى1759-ھەدىس].

ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرگە يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئادا قىلىڭلار». [بۇخارى سەھىھ كىتابىدا 3509-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئادا قىلىڭلار دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: بۇ سۆز بىلەن كىشىلەرگە خىتاپ قىلىپ ئۇلارغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلىش، ئۇلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك، ناچار مۇئامىلىدە بولماسلىق قاتارلىق ئىشلارنى ئەسلىتىدۇ”. [“پەتھۇلبارى” 7-توم 79-بەت].

ئەمما ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشى نۇرغۇن ئىشلاردا نامايەندە بولغان: نەپىقە تارقىتىشتا ئۇلارنى ئۆزىدىنمۇ ۋە باشقا بارلىق ئىنسانلاردىنمۇ ئىلگىرى قىلىپ، ئۈستۈن كۆرىشىدۇر.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ھەقىقەتەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايلىق ۋە يىللىق نەپىقە تارقىتىش تىزىملىكىنى بېكىتكەندە، كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئۇلارنىڭ نەسىبىگە كۆرە جەدىۋەللەشتۈردى، نەسەپتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يېقىن بولغانلارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويدى،   ئەرەپلەر ئەجەملەرنىڭ ھاكىمىيتى يوق قىلغاندىن كېيىنكى توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەرنىڭ زامانىدا ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى ئۇمەۋىيلەر ئەۋلادلىرىنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزگەن دەۋرىدە ۋە ئابباس ئەۋلادلىرى ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرىدە ھەتتا ئۇلاردىن كېيىن ئىشلار ئۆزگەرگەنگە قەدەر شۇنداق بولغان”. [“توغرا يولغا ئەگىشىش” 159-160-بەتلەر].

تۆتىنچى: بۇ يەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا خاس بولغان بىر شاپائەت يوق بەلكى ياخشىلار، شېھىتلەر، ئالىم-ئۆلىمالارغا مەيلى ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بولسۇن ياكى ئۇلارنىڭ غەيرىدىن بولسۇن، ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان كىشىلەرنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدۇ”.

بىز 21672- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا مۇنداق دېدۇق: “گۇناھ-مەسىيەت ئۆتكۈزگۈچى ۋە خاتالىق سادىر قىلغۇچىلار ئۈچۈن شاپائەت تەلەپ قىلىش يالغۇز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خاس بولمايدۇ بەلكى بۇ ئىشلارغا بارلىق ئەلچىلەر، پەيغەمبەرلەر، شېھىتلەر، ئالىم-ئۆلىمالار، سالىھلار ۋە پەرىشتىلەرمۇ ئىشتىراك قىلىشىدۇ، بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بولغانلىقى شاپائەت قىلىش سالاھىيتىگە ئېگە بولىدۇ، لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائەتتىن بولغان نېسىۋىسى ھەممىدىن كۆپ ۋە مۇكەممەلدۇر”.

بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى خاس شاپائەت قىلىش سالاھىيتىگە ئىگە بولىدۇ دېگەن راپىزىلارغا رەددىيە بېرىلىدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدا: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئىنسانلارنى جەننەتكە ۋە دوزاخقا كىرگۈزىدۇ دەپ يېزىلغان، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئىشلاردا ھەقتىن چېقىپ كەتكەن ھەرىكەتلىرى بار، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەنبىيى نېمە؟ دېيىلگەندە: ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ دىنىنى بىلمەسلىك، چۈشەنمەس قۇرئان-ھەدىستىن بولغان ۋەھىينىڭ روھىدىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكتۇر.

بىز سىلەرنى  شەيخ ئابدۇل مۇھسىن ئىبنى ھەمد ئەبباد بەدرى يازغان: “پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت ئالىملىرىنىڭ نەزىرىدىكى مەرتىۋېسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى”ناملىق رىسالىسىگە قاراپ چېقىشقا تەۋسىيە قىلىمىز. بۇ يەردە مۇشۇ تېمىغا ئالاقىدار بولغان ھەجىمى كېچىك بولسىمۇ مول مەزمۇنلۇق تېمىلار بار بۇنىڭغىمۇ قاراپ چېقىشقا تەۋسىيە قىلىمىز”.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى