جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

نامازدىن كېيىن دېيىلىدىغان زىكىرلەر توغرىسىدا

سۇئال

پەرز نامازدىن كېيىن دېيىلىدىغان دۇئا ۋە زىكىرلەرنى تولۇق بېلىشنى خالايمەن؟. سىلەردىن ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سۈننەت بويىچە مۇسۇلمان ھەر پەرز نامازدىن كېيىن ئىمام بولسۇن ياكى ئىمامغا ئەگەشكۈچى بولسۇن ياكى يالغۇز ناماز ئوقۇغان بولسۇن، ئۈچ قېتىم: ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن دەيدۇ، ئاندىن: ئى ئاللاھ! سەن تېنچلىق بەرگۈچىسەن، تېنچلىق زادى سېنىڭدىن، ئى ئۇلۇغلۇق ۋە پەزلى-كەرەم ئىگىسى ئاللاھ! سەن ھەقىقەتەن كاتتىلارنىڭ كاتتىسىسەن دەپ، ئىمام بولسا جامائەتكە يۈزلىنىپ ئۇ ۋە باشقا جامائەتلەر ۋە يالغۇز ناماز ئوقۇغۇچىمۇ: بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ سانالار ئۇنڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. ئى ئاللاھ! سەن ئاتا قىلغاننى توسۇۋالغۇچى يوق ۋە سەن توسقاننى بەرگۈچى يوق، سېنىڭ دەرگاھىڭدا كاتتىلارنىڭ كاتتىلىقى ئەسقاتمايدۇ دەيدۇ. شام ۋە بامدات نامىزىدىن كېيىن يۇقىرىقى دۇئالارنى دەپ بولغاندىن كېيىن: بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ-سانالار ئۇنىڭغا خاستۇر، ئاللاھ ئۆلتۈرەلەيدۇ ۋە تېرىلدۈرەلەيدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر دەپ ئون قېتىم دەيدۇ، ئاندىن سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر ھەر بىرىنى ئوتتۇز ئۈچ قېتىمدىن دەيدۇ، يۈزنى تولۇقلاپ: بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ-سانالار ئۇنىڭغا خاستۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، دەيدۇ.

    سۈننەت بويىچە ئىمام، ئىمامغا ئەگەشكۈچىلەر ۋە يالغۇز ناماز ئوقۇغۇچى ھەر پەرز نامازدىن كېيىن ئوتتۇرىھال ئاۋاز بىلەن دەيدۇ، بەك كۈچىمەيدۇ. بۇخارى ۋە مۇسلىمدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: كىشىلەر پەرز نامازدىن يانغاندا زىكىر بىلەن ئاۋازنى كۆتۈرۈش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە بولغان دېگەن سۆز رىۋايەت قىلىنغان.   ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇ: مەن بۇ زىكىرلەرنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا كىشىلەرنى نامازدىن يېنىپتۇ دەپ بىلەتتىم دەيدۇ.

    ھەممەيلەن بىرلىكتە يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى ھەر بىر كىشى باشقىلارنىڭ ئاۋازىغا رىئايە قىلماستىن دېيىش كېرەك، چۈنكى جامائەت شەكىلدە زىكىر قىلىش بىدئەتتۇر، ئۇنىڭ پاك شەرىئەتتە ئەسلى يوق. 

    ئاندىن ئىمام، ئىمامغا ئەگەشكۈچى ۋە يالغۇز ناماز ئوقۇغۇچى ئايەتەلكۇرسىنى ئىچىدە ئوقۇيدۇ، ئاندىن ھەر بىرى: قۇل ھۇۋاللاھۇ ئەھەد، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق ۋە قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىن ناسنى ئىچىدە ئوقۇيدۇ، بامدات ۋا شام نامىزىدىن كېيىن قۇل ھۇۋاللاھۇ ئەھەد، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق ۋە قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىن ناسنى ئۈچ قېتىمدىن ئوقۇيدۇ. بىز ھازىر زىكىر قىلغان دۇئا-زىكىرلەر سەھىھ ۋە ئەپزەل بولغانلىرىدۇر.

    پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلارغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: "شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى"11-توم 188-190-بەت