چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىنساننىڭ مۇسۇلمان بولىشى ئۈچۈن قەلبىدىكى ئىمان كۇپايە قىلامدۇ؟

133036

تارقاتقان ۋاقىت : 21-09-2012

كۆرگۈچىلەر : 7228

سۇئال

ئىنسان ناماز، روزا ۋە زاكاتتىن ئىبارەت ئەمەللەرنى ئادا قىلمىسىمۇ قەلبىدىكى ئىمانى ئۇنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىگە كۇپايە قىلامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.

ئىنساننىڭ ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى ئادا قىلماستىن، ئاللاھ تائالاغا پەقەت قەلبىدىلا ئىشىنىشى كۇپايە قىلمايدۇ. بەلكى ئۇ كىشى چىن قەلبىدىن ئاللاھنىڭ ھېچقانداق شېرىكى يوق يەككە-يىگانە، ھەممىنى ياراتقۇچى ۋە تەربىيەت  قىلغۇچى زات ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش بىلەن بىرگە، بارلىق ئىبادەتلەرنى ئاللاھ ئۈچۈن ئادا قىلىشى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىنسان ۋە جىنلارغا ئەۋەتىلگەن ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى دىندا ئىمان ئېيتىش زۆرۈر  بولغان ئاساسلاردىندۇر. شۇنداقلا مۇسۇلمان ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى خەۋەر بەرگەن جەننەت، دوزاخ، پىلسىرات، تارازا قاتارلىق قۇرئان-ھەدىستە بايان قېلىنغان غەيبى ئىشلارغا ئىشىنىشى لازىم. "بىر ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق مەئبۇد بەرھەق يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى" دېگەن شاھادەت سۆزىنى ئېيتىش زۆرۈر بولغاندەك، ناماز ئوقۇش ۋە دىندا بېكىتىلگەن باشقا پەرز ئىبادەتلەرنىمۇ ئادا قىلىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. مۇسۇلمان نامازنى ئادا قىلسا ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەت ئادا بولىدۇ، ئەگەر ئادا قىلمىسا كاپىر دېيىلىدۇ، چۈنكى نامازنى قەستەنلىك بىلەن تەرك قېلىش ئاللاھقا كۇفرى قىلغانلىقتۇر.

بىر كىشى زاكات، روزا، ھەج قاتارلىق باشقا پەرز ئىبادەتلەرنى زۆرۈر دەپ ئىتىقاد قېلىدىيۇ ئەمما ئۇنى ئادا قېلىشقا سەل قارايدۇ، بۇ ھالەتتە مەزكۇر كىشى كاپىر دەپ قارالماستىن بەلكى گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئىمانى تولۇق ئەمەس ياكى ئاجىز دېيىلىدۇ، چۈنكى ئىمان زىيادە بولىدۇ ۋە كېمىيىدۇ. ئىمان ئەھلى سۈننەت جامائىتىنىڭ ئېتىقادى قارىشىدا، ياخشى ئەمەل ۋە تائەت-ئىبادەت بىلەن كۈچىيىدۇ، گۇناھ-مەسىيەت بىلەن ئاجىزلايدۇ.

نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكى ئىنكار قىلىنمىسىمۇ لېكىن ناماز ئوقۇمىغان كىشى كاپىر دەپ قارىلىدىغان بىردىن بىر ئىبادەتتۇر (بۇ سۆز ئەڭ كۈچلۈك كۆزقاراش بىلەن كۈچكە ئىگە قىلىنىدۇ).

 زاكات، روزا ۋە ھەج قاتارلىق نامازدىن باشقا پەرز ئىبادەتلەرنى ئادا قىلماسلىق بىلەن كاپىر بولمىسىمۇ لېكىن ئىمانى ناقىس بولىدۇ ۋە چوڭ گۇناھ ئىشلىگەن بولىدۇ. زاكات، روزا ۋە ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قېلىپ ئىنكار قىلماستىن، ئادا قىلىشقا سەل قارىسا ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا كاپىر دەپ ھېسابلانمايدۇ، ئەمما نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىسىمۇ لېكىن نامازنى ئادا قىلمىسا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ ساغلام كۆز قارىشىدا كاپىر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىز بىلەن دىنسىزلار ئارىسىدىكى پەرق نامازدۇر، نامازنى تەرك قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: مۇسۇلمان بىلەن كۇفىر ۋە شېرىك ئوتتۇرسىدىكى پەرق نامازنى تەرك قىلىشتۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى].

بۇ مەسىلىدە ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاشدۇر.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلسۇن.

شەيخنىڭ سۆزى تۇگىدى.

خۇلاسە: (بەندە ئاللاھنىڭ پەرز قىلغان ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلماستىن، ئىمان داۋاسى قىلىش ياكى قەلبىمدە ئىمانىم بار دېيىشنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى يوقتۇر. قەلبتىكى ئىمان ساھىبىنى ئەمەل قىلىشقا يىتەكلىيەلمىسە، مەزكۇر ئېتىقاد ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمىغان بولىدۇ-مۇھەررىر-.)

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى