بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
زاكات بولسا ئىسلام ئاساسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ ئادا قىلىشتىن باش تارتقان كىشىگە، زاكاتنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى بايان قىلىپ بېرىلىدۇ، شۇنداقتىمۇ زاكات بەرمەسلىكنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇ كىشى كاپىر بولىدۇ، ئۆلۈپ كەتسە ئۇنداق كىشىنىڭ نامىزى ئوقۇلمايدۇ، مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغىمۇ دەپنى قىلىنمايدۇ، ئەمما زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە ئىشەنسىمۇ، بېخىللىق قىلىپ زاكاتنى ئادا قىلمىسا، مۇشۇ سەۋەپتىن ئۇ كىشى چوڭ خاتالىق سادىر قىلغان ئاسى ۋە پاسىق ھېسابلىنىدۇ، لېكىن كاپىر بولمايدۇ، ئۇ كىشى شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشىنىڭ جەسىدى يۇيۇلىدۇ، نامىزى ئوقۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى قىيامەتكە قالدۇرىلىدۇ".