دۇشەنبە 22 جىمادۇسسانى 1446 - 23 دىكابىر 2024
Uygur

ناماز ئوقۇغاندا ئالدىغا قويىدىغان سۈترىنىڭ ئۇزۇنلىقى ۋە كەڭلىكى توغرىسىدا

سۇئال

سىلەرنىڭ تور بېتىڭلاردىن سۈترىگە ئالاقىدار پەتىۋانى ئوقۇدۇم، بۇنىڭغا ئالاقىدار ئىككى ئىشتا ھازىرغىچە شەكلىنىمەن:

1 -سۈترىنىڭ ھەجىمى توغرىسىدا، ئۇزۇنلىقى ۋە كەڭلىكى قانداق بولىدۇ؟ .

2 -ناماز ئوقۇغۇچى بىلەن سۈترىنىڭ ئارىسىدىكى مۇساپىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى قانچىلىك بولىدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى :ئىمام ۋە يالغۇز ناماز ئادا قىلغۇچى ئۈچۈن سۈترىگە يۈزلىنىپ ناماز ئادا قىلىش مۇستەھەپ بولىدۇ .بۇ توغرىدا ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ناماز ئادا قىلسا، ئالدىغا سۈتىر قويۇپ، ئۇنىڭغا يېقىن تۇرۇپ ناماز ئادا قىلسۇن». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 697-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى ھەسەن، سەھىھ دەپ، ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 3 -توم 281 -بەتتە كەلتۈرگەن].

“پىقھى توپلاملىرى” 24 -توم 177 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: “ناماز ئادا قىلغۇچى يالغۇز بولسۇن ياكى ئىمام بولسۇن ئالدىغا ئۆتىدىغان كىشىلەرنى توسىدىغان بىر سۈترە قويۇش سۈننەت بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا نامازنى خۇشۇ بىلەن ئادا قىلىش ئىمكانىيىتى بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:  «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ناماز ئادا قىلسا، ئالدىغا سۈتىر قويۇپ، ئۇنىڭغا يېقىن تۇرۇپ ناماز ئادا قىلسۇن، ئالدىدىن بىر كىشىنى ئۆتكىلى قويمىسۇن».

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ناماز ئادا قىلسا يانىڭ ئوقىچىلىك نەرسە بىلەن بولسىمۇ سۈتىر قىلسۇن».

ئەمما ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچى ئۈچۈن سۈترە قويۇش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى ئىمامنىڭ سۈترىسى ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلغانلارنىڭمۇ سۈترىسى بولىدۇ ياكى ئىمام ئۇنىڭغا سۈترە بولىدۇ”.

ئىككىنچى:  سۈننەت بويۇنچە ناماز ئادا قىلغۇچى تىكلەپ قويغىلى بولىدىغان بىر نەرسە بىلەن سۈترە قىلىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى سۈترىنىڭ مىقدارى ئىگەرنىڭ ئارقا لىڭگىرچاق مىقدارىدا ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇنراق بولسا بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ سۈترىسى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئىگەرنىڭ ئارقا لىڭگىرچاق مىقدارىدا بولىدۇ، دېدى». [مۇسلىم رىۋايىتى771-ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ھەدىستە ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ ئالدىغا سۈترە قويۇشىنىڭ ۋە سۈترىنىڭ مىقدارىنىڭ ئىگەرنىڭ ئارقا لىڭگىرچاق مىقدارىدا بولىشىنىڭ  سۈننەت ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. بۇ يەتمىش ساندىن ئەللىك سانتى مىقدارىغا توغرا كېلىدۇ، ناماز ئادا قىلغۇچى ئالدىغا ھەرقانداق بىر نەرسە قويسا سۈترە ھاسىل بولىدۇ”.   نەۋەۋىينىڭ: “شەرھى مۇسلىم” 216/4 قارالسۇن.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېدى: “سۈتىرنىڭ مىقدارى ئۇزۇنلۇقتا ئەللىك سانتىمېتىردىن يەتمىش سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ. ئەسرەم مۇنداق دەيدۇ:  ئەبۇ ئابدۇللاھدىن يەنى ئىمام ئەھمەدتىن سۈتىرنىڭ مىقدارى توغرىسىدا؟ سورالغاندا، بىرگەز (يەنى يەتمىش ساندىن ئەللىك سانغىچە) دېگەن.

ئەتا ئىبنى ئەبۇ رەباھ، سۇپيان سەۋرى، ھەنەپى مەزھەپ پېشىۋالىرىمۇ شۇنداق دېگەن، ئىمام ئەھمەدتىن يەنە بىر رىۋايەتتە زىرانىڭ چوڭلۇقىدا بولىدۇ دەپ كەلگەن. بۇ ئىمام مالىك ۋە ئىمام شاپىنىڭمۇ قارىشىدۇر.

بۇ مەسىلىنى بېكىتىشنىڭ كۆرۈنىشى ئەمەس بەلكى يېقىنلاشتۇرۇش كۆرۈنۈشىدۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۈترىنىڭ مىقدارىنى ئىگەرنىڭ ئارقا لىڭگىرچاق مىقداردا بېكىتكەن بولۇپ، ئىگەرلەرنىڭ لىڭگىرچاق ئۇزۇنلۇق ۋە قىسقىلىقتا پەرقلىق بولىدۇ، بىر گەزگە يەنى يەتمىش ساندىن ئەللىك سانغىچە بولغان بىر نەرسىنى سۈتىر قىلسا دۇرۇس بولىدۇ. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئەمما ئۇنىڭ توملۇق ياكى ئىنچىكىلىكتىكى مىقدارى بولسا، ئۇنىڭ بەلگىلىمىسىنى بىلمەيمىز، ئىنچىكىلىكى يا ئوقى، نەيزە مىقداردا، توملۇقى تامدەك بولسىمۇ بولىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئۇچىغا تۆمۈر بېكىتىلگەن نەيزىنى سۈتىر قىلغان.

ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «بىز نامازدا يا ئوقى ۋە تاش قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن سۈتىر قىلاتتۇق».

سەبرەدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «نامازدا يا ئوقىدەك نەرسە بىلەن بولسىمۇ سۈتىر قىلىڭلار». [ئەسرەم بايان قىلغان.]

ئىمام ئەۋزائى مۇنداق دەيدۇ: ” يا ئوقى ۋە قامچا دېگەندەك نەرسىلەرنى سۈتىر قىلسا دۇرۇس بولىدۇ”.

ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېگەن: “كەڭلىكى بولغان نەرسە ماڭا ياخشى كۆرۈنگۈچى بولىدۇ، بۇنداق بولىشى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يا ئوقىچىلىك نەرسە بولسىمۇ دېگەن، بۇ ئوقتىن باشقا نەرسىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ”.  [“ئەلمۇغنى”  2 -توم 38 -بەت.]

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ سۈترىسىنىڭ مىقدارىدىن سورالغاندا؟ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: “ئەڭ ياخشىسى ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ ئالدىغا قويىدىغان سۈترىسى ئىگەرنىڭ ئارقا لىڭگىرچاق مىقدارىدا يەنى يەتمىش ساندىن ئەللىك سانغىچە بولغان ئارىلىقتا بولسا ياخشى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن قىسقا بولسىمۇ بولىدۇ، يا ئوقى ياكى ھاسا دېگەندەك نەرسىلەرنى قويسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ”.  [“ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى” 13-توم 326-بەت].

ئۈچىنچى:  سۈننەت بويۇنچە ناماز ئادا قىلغۇچى سۈترىگە يېقىنراق تۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئالدىدىن بىرسىنىڭ ئۆتىشىگە يول قويمايدۇ، بۇ توغرىدا سەھل ئىبنى ئەبى ھەسمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:  پەيغەمبەرئەلەيھسىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار سۈترە قويۇپ ناماز ئادا قىلسا، سۈترىگە يېقىن تۇرسۇن، شەيتان ئۇ كىشىنىڭ نامىزىنى بۇزالمايدۇ». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى695-ھەدىس. ئىبنى ئابدۇل بەر بۇ ھەدىسنى ھەسەن دەپ  “ئەتتەمھىيد”  4 -توم 195 -بەتتە، ئىمام نەۋەۋىي سەھىھ دەپ  “ئەلمەجمۇ”  3 -توم 244 -بەتتە، ئەلبانى سەھىھ دەپ “ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر”توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

ئالىملار ناماز ئادا قىلغۇچى بىلەن سۈترىنىڭ ئارىسىدىكى مۇساپىنىڭ مىقدارى توغرىسىدا پەرقلىق قاراشتا بولدى، مۇساپە نەدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؟.

بەزى ئالىملار:  مۇساپە ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ قەدىمدىن باشلاپ ئۈچ گەز مىقدارى ھېسابلىنىدۇ (بىر يېرىم مېتىردىن ئىككى مېتىرغىچە)، بۇ توغرىدا ناپى بايان قىلغان ئەسەردە:  ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كەبىگە كىرگەندە، ئالدىغا مېڭىپ دۈمبىسىنى كەبىنىڭ ئېشىكىگە قىلاتتى، ئۆزى تۇرغان جاي بىلەن ئالدىدىكى تامنىڭ ئارىسى ئۈچ گەز ئەتراپىدا بولاتتى، بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ناماز ئادا قىلغان جاينى سۈرۈشتۈرۈپ شۇ يەردە ناماز ئادا قىلاتتى». [بۇخارى رىۋايىتى506-ھەدىس].

“پىقھى توپلاملىرى”  24 -توم 184 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: “سۈترە قويۇپ ناماز ئادا قىلغان كىشىنىڭ ئىككى قەدىمدىن باشلاپ سۈترىگە ئۈچ گەز مىقداردا يېقىن تۇرۇشى سۈننەت بولىدۇ، بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەبىدە ناماز ئادا قىلغاندا، ئۆزى بىلەن تامنىڭ ئارىسىدا ئۈچ گەز ئارىلىق قويغان».  بۇ ھەنەپى، شاپىئى ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشى، مالىكى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ سۆزىدىنمۇ مۇشۇ مەنا ئىپادىلىنىدۇ، چۈنكى ناماز ئادا قىلغۇچى بىلەن سۈتىرنىڭ ئارىلىقىدىكى پاسىل ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ قىيامدا، رۇكۇدا ۋە سەجدىدە تۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولىدىغان مىقداردا بولىدۇ.

بەزى ئالىملار ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ سەجدە قىلىدىغان ئورنى بىلەن سۈتىرنىڭ ئارىسىدا بىر قوي ئۆتكىدەك ئارىلىق قالسا بولىدۇ دەيدۇ. بۇ توغرىدا سەھىل ئىبنى سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامازدا سەجدە قىلىدىغان ئورنى بىلەن تامنىڭ ئارىسىدا بىر قوي ئۆتكۈچىلىك ئورۇن قالاتتى». [بۇخارى رىۋايىتى 474 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى رىۋايىتى508-ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىس ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ سۈترىگە  يېقىن تۇرۇشىنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

بەزى ئالىملار ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن سەھەل ئىبنى سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ئارىسىنى جۇغلاپ، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنى: ئۆرە تۇرغاندا ئۈچ گەز بولىدۇ، سەھەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسنى سەجدە قىلغاندا بىر قوي ئۆتكۈدەك ئورۇن قالىدۇ دېگەن.

شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ : “نامازنىڭ سۈپەتلىرى”  ناملىق ئەسىرى 1 -توم 114 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: “پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۈترىگە يېقىن تۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تامنىڭ ئارىلىقى ئۈچ گەز مىقداردا بولاتتى، سەجدە قىلغان ئورنى بىلەن تامنىڭ ئارىلىقى بىر قوي ئۆتكۈدەك بولاتتى”.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى