دۇشەنبە 22 جىمادۇسسانى 1446 - 23 دىكابىر 2024
Uygur

ئۆي ئىجارە ئالغۇچى ئۆي ئىگىسىگە ھەققىنى بەرمىسە ئۆيدىكى نەرسىلەرنى ئىجارىغا ھېسابلاپ ئېلىۋالسا بولامدۇ؟

سۇئال

ھەمشىرەمنىڭ يولدىشىنىڭ ئارتۇق ئۆيى بولۇپ، ئۇنى ئىككى ياشقا ئىجارىگە بەرگەن، ئۇلار بىرقانچە ئايلىق ئىجارىنى بەرمىگەن، ئاخىرقى ۋاقىتتا بىر ياش ھۆكۈمەت تەرەپتىن قولغا ئېلىنغان، ھەمشىرەمنىڭ يولدىشى يەنە بىر ياشنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن ئىجارە پۇلنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇ ئۆز مەسئۇلىيتىدىن باش تارتىپ ھېچ نەرسە بەرمىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئۆيدىن قوغلىۋەتكەن، ئۆيدە ئۇلار ئالغان بىر دانە تىلېۋىزۇر ۋە قانال تارقاتقۇچ جىھاز بولۇپ، ھەمشىرەمنىڭ يولدىشى بۇنى سېتىپ ئۆينىڭ قالغان ئىجارە ھەققىگە ھېسابلىسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: بۇ مەسىلە پىقھى ئۆلىمالىرىنىڭ نەزىرىدە، ئۇتۇق قازىنىش مەسىلىسى دەپ تونۇلىدۇ، بۇنىڭ مەزمۇنى: سىزنىڭ بىر زالىمدا ھەققىڭىز بولسا، ئۇنىڭدىن ھەققىڭىزنى ئېلىشقا قادىر بولالمىسىڭىز، ئۇنىڭ بىر نەرسىسىنى ئېلىۋېلىشقا قادىر بولسىڭىز، بۇنىڭدىن ئۆزىڭىزنىڭ تىگىشلىك ھەققىڭىزنى ئېلىۋىلىشىڭىز توغرا بولامدۇ ياكى توغرا بولمامدۇ؟.

     بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار، بەزىلەر بۇنداق قىلىشنى توغرا بولىدۇ دەيدۇ، بەزىلەر توغرا بولمايدۇ دەيدۇ، يەنە بەزىلەر شەرت بىلەن توغرا بولىدۇ دەيدۇ. [خەرشىنىڭ"شەرھى مۇختەسەر خەلىيل"7-235-بەت، "پەتىۋا كۇبرا" 5-توم 47-بەت، "تەرھىب تەسرىيب"8-توم 226-227-بەت، "پەتھۇل بارى"5-توم 109-بەت، "مەۋسۇئەتۇل پىقھىيە"29-توم 162-بەتكە قارالسۇن].

     شەيخ ئىبنى جىبرىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن بۇ ھالەتلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ گەردەنكەش، تېنىۋالغۇچى، ئۈزۈرسىز ھەققىنى بەرمەستىن ۋاقىتنى سوزىۋەتكۈچى ئىكەنلىكى بىلىنسە، ئۇنىڭ مېلىدىن ھەققىنى ئىلىۋالسا توغرا بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەققىنى بېرىشتىن چەكلەپ قويىدىغان بىرەر شەك-شۈبھە بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىنىڭ مېلىدىن ئېلىۋىلىشى توغرا بولمايدۇ. ھەممىدىن توغىرنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر. شەيخنىڭ تور بىتىدىن ئېلىندى. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئىلگىرى 27068- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى، كۈچلۈك قاراشتا زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى زالىمنىڭ مىلىدىن بىر نەرسە ئېلىشقا قادىر بولسا، ئارتۇق ئالماستىن ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئېلىۋالسا توغرا بولىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن.

   ئەگەر ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىجارە ھەققى شەك-شۈبھىسىز، ئىجارە ئالغۇچى بىلەن داۋالاشماستىن ئىسپاتلانسا، ئۇنىڭ نەرسىلىرىدىن ئىجارە ھەققىنىڭ مىقدارىدا بىر نەرسە ئېلىۋالسا توغرا بولىدۇ.

    ئەمما ئىجارە ئالغۇچى بىلەن ئۆي ئىگىسىنىڭ ئارىسىدا ئىجارىنى ئىسپاتلاشتا تالاش-تارتىش بولسا، بۇ مەسىلىنى سوتچى ياكى قازى ئايرىدۇ.

     ئىككىنچى: ئەگەر بۇنى توغرا بولىدۇ دېسەك، ئۆي ئىگىسىنىڭ بۇ تىلېۋىزۇر ياكى قانال چىقىرىدىغان جىھازنى سېتىپ مەنپەئەتلىنىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ نەرسىلەرنى ئاللاھقا ئاسىي بولىدىغان، ئاللاھ چەكلىگەن فىلىملەرنى كۆرۈشكە، ناچار نەرسىلەرنى تارقىتىشقا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرىدە بۇزۇقچىلىقنى تارقىتىشقا ئىشلىتىدۇ، ياكى ھارامغا ئىشلىتىدىغان كىشىگە سېتىپ قىلىشى مۇمكىن.

   "دائىمى كومىتېتى پەتىۋاسى" 13-توم 109-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "چەكلەنگەن يولغا ياكى گۇمانىدا چەكلەنگەن يولغا ئىشلىتىلىدىغان نەرسىنىڭ ھەر قاندىغىنى ئىشلەپ چىقىرىش، كەلتۈرۈش، سېتىش ۋە بۇنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا راۋاجلاندۇرۇش چەكلىنىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تىلېۋىزۇرنى توغرا شەكىلدە قوللىنىدىغان، پايدىلىق نەرسىلەرنى كۆرۈشكە قوللىنىدىغان كىشىگە ساتسا بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ، ئەمما ئۇنى ھەممىگە ئىشلىتىدىغان كىشىلەرگە ساتسا گۇناھ بولىدۇ، چۈنكى كۆپچىلىك كىشىلەر تىلېۋىزۇرنى چەكلەنگەن نەرسىلەرنى كۆرۈشكە ئىشلىتىدۇ. ھەقىقەتەن تىلېۋىزۇردا توغرا بولغان، پايدىلىق بولغان ۋە چەكلەنگەن زىيانلىق بولغان نەرسىلەر كۆرىلىدۇ، كۆپچىلىك كىشىلەر بۇنىڭ ئارىسىنى ھېچ ئايرىمايدۇ". ["ئايلىق ئۇچرىشىش"1-بولۇم 49-بەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى