جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

شېركەت ھەر يىلى روجىستىۋۇ بايرىمىدا كەچلىك زىياپەت ئورۇنلاشتۇرىدۇ

سۇئال

مەن مالايشىيادا قۇرۇلغان ئامېرىكا شېركىتىدە خىزمەت قىلىمەن، ئۇلار ھەر يىلى يىڭى يىل ھارپىسىدا كەچلىك زىياپەت ئورۇنلاشتۇرۇپ بۇنى روجىستۇۋۇ ھارپىسى زىياپىتى دەپ ئاتايدۇ. گەرچە شۇنداق ئاتىسىمۇ ئەمما بۇ زىياپەتتە ئۆز-ئارا ھەدىيە، سوۋغا ئالماشتۇرىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا بايرامغا ئالاقىدار ھېچقانداق پائالىيەت ئىلىپ بېرىلمايدۇ. مۇشۇ زىياپەتكە قاتناشسام توغرا بولامدۇ؟. ئەگەر شېركەت مېنى بۇ زىياپەتنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئەزالارنىڭ قاتارىدا تاللىغان بولسا قانداق قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مۇسۇلمان ئۈچۈن قايسى شەكىلدە بولسۇن كاپىرلارنىڭ بايراملىرىغا قاتنىشىشى توغرا بولمايدۇ، بۇنداق قىلىش چوڭ گۇناھلاردىن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى مۇسۇلماننىڭ بۇ تۈردىكى بايراملارغا قاتنىشىشى ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرىشىنى كۈچەيتىدۇ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا رازى بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلماننىڭ بۇنداق بايراملاردا كاپىرلارنى تەبرىكلەپ ۋە ئۇلارغا ھەدىيە-سوۋغا تەقدىم قىلىشى توغرا بولمايدۇ. 947-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بۇ مەسىلە تەپسىلى بايان قىلىنغان.

يۇقىرىقى سوئالدا تىلغا ئىلىنغان يىللىق زىياپەتنى ئوونلاشتۇرغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ دىنى بايرىمىنىڭ ئاتىلىشى بويىچە"روجىستىۋۇ" (كىرىسمىس) بايرىمى دەپ ئاتىغان. بۇ پائالىيەتنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى پەقەت بىر كۈن ئەمەس، بەلكى بىرقانچە كۈن داۋاملىشىدۇ. يەنى 24-دىكابىردا باشلىنىپ 6-يانۋارغىچە 13 كۈن داۋاملىشىدۇ.

خىرىستىئانلارنىڭ قارىشىدا بۇ كۈندە ئىلىپ بېرىلىدىغان دىنى پائالىيەتلەردىن: كەچلىك تائام يىيىش: بۇ يېڭى يىل كەچلىك زىياپىتى دەپ ئاتىلىنىدۇ، ھەدىيە-سوۋغات ئالماشتۇرۇش، بۇ يۇقىرىدا سوئالدا بايان قىلىنغان ئۇلارنىڭ مۇشۇ بايرامدا قىلىدىغان ئىشلىرىدىن بىرى، بۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئادەتلەنگەن دىنى بايرام ياكى دىنغا ئالاقىدار بولغان بايرام ھېسابلىنىدۇ، مۇسۇلماننىڭ بۇنداق بايراملارغا قاتنىشىشى ياكى بايرامغا قاتناشقانلارنى تەبرىكلىشى توغرا بولمايدۇ.

شېركەتتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ئادەتتە بۇ زىياپەتكە قاتنىشىدىغان بولسا ياكى بىۋاستە بۇ زىياپەتكە چاقىرىلغان بولسا، مۇمكىن بولىدىغان ئۈزۈر ۋە ئامال-چارىلارنى قىلىپ قاتناشماسلىق كېرەك. چوڭ شېركەتلەر ئادەتتە شېركەت خادىملىرىنىڭ دىنى تۇيغۇلىرىنى ھۆرمەت قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن دىنى تەرەپتىن ئۈزۈر بايان قىلىنغاندا بەلكىم شېركەت خىزمەتچىلەرنىڭ دىنى تۇيغۇلىرىنى ئېھتىرام قىلىپ، زىياپەتلەرگە قاتناشتۇرۇلماسلىقى مۇمكىن.

يەنىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 127500- 85108- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن. ئاللاھ تائالا سىزنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى