بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
پاكىزلىق: ھېسسى ۋە مەنەۋىيدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ، نىجاسەتمۇ ھېسسى ۋە مەنىۋىي دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.
ھېسسى پاكىزلىق دېگەن: چوڭ-كېچىك تەرەتسىزلىكتىن ۋە نىجاسەتتىن پاك بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.
ھېسسى نىجاسەت دېگەن: شەرىئەت ئۇنىڭ نىجىسلىقىغا ھۆكۈم قىلغان نىجىس ۋە پاسكىنا نەرسىلەردىن ئىبارەتتۇر. نىجاسەت ئىتقا ئوخشاش نىجىس بولىدۇ، يەنە بەزىسى سۈت ئېمىۋاتقان سەبىي بوۋاقنىڭ سۈيدۈكىگە ئوخشاش يەڭگىل بولىدۇ، بەزىلىرى سۈيدۈك، قان ۋە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋانغا ئوخشاش ئوتتۇراھال بولىدۇ.
پىقھى ئالىملىرىنىڭ كىتابلىرىدا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاچقۇچلۇق مەسىلە پاكىزلىق ۋە ھەقىقى نىجاسەت توغرىسىدا بولىدۇ.
ئەمما پاكىزلىق ۋە مەنىۋىي نىجاسەتلەر بولسا پىقھى ئالىملىرىنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىسى ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن پىقھى ئالىملىرى بۇ مەسىلىلەرنى ئومۇمى شەكىلدە بايان قىلىش ئۈچۈن بەك ئاز زىكىر قىلىدۇ.
مەنىۋىي پاكىزلىق بولسا: ئۇ مۆمىننىڭ شېرىكتىن ۋە كۇپۇردىن پاك بولىشىدىن ئىبارەتتۇر، مەنىۋىي نىجاسەت بولسا، ئۇ كۇپۇر، پىسقى-پۇجۇر ۋە ئاسىيلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.
مەنىۋىي پاكىزلىق ۋە نىجاسەتنى ئىپادىلەيدىغان شەرئى دەلىللەردىن تۆۋەندە بەزىسىنى زىكىر قىلىمىز. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذْ قَالَتِ الْمَلَائِكَةُ يَا مَرْيَمُ إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَاكِ وَطَهَّرَكِ وَاصْطَفَاكِ عَلَى نِسَاءِ الْعَالَمِينَ تەرجىمىسى:«پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ھەقىقەتەن سېنى (پۈتۈن ئاياللار ئىچىدىن) تاللىدى، سېنى پاك قىلدى، سېنى پۈتۈن جاھان ئاياللىرىدىن ئارتۇق قىلدى» [سۈرە ئال ئىمران 42-ئايەت].
ئىبنى جەرىر تەبەرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ سېنى پاك قىلدى" دېگەنلىك، سېنىڭ دىنىڭنى شەك-شۈبھىلەردىن، ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ ئاياللىرى قىلىدىغان پاسكىنا ئىشلاردىن پاك قىلدى دېمەكتۇر". ["تەپسىر تەبەرى" 5-توم 392-بەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: خُذْ مِنْ أَمْوَالِهِمْ صَدَقَةً تُطَهِّرُهُمْ وَتُزَكِّيهِمْ بِهَا وَصَلِّ عَلَيْهِمْ إِنَّ صَلَاتَكَ سَكَنٌ لَهُمْ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسىمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن، ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (سۆزىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچى، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» [سۈرە تەۋبە 103-ئايەت].
ئىبنى جەرىر تەبەرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەسلىتىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇھەممەد! ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ، خاتالىقلىرىغا تەۋبە قىلغان كىشىلەرنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسىمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئېلىپ، ئۇلارنى گۇناھنىڭ كىرلىرىدىن پاكلىغايسەن، ياخشىلىقلىرىنى كۆپەيتكەيسەن، ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسىنى نىپاق ئەھلىنىڭ تۆۋەن مەرتىۋىسىدىن ئىخلاس ئەھلىنىڭ يۇقىرى مەرتىۋىسىگە كۆتۈرگەيسەن". ["تەپسىر تەبەرى 11-توم 659-بەت].
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا مۇنداق دەيدۇ: وَقَرْنَ فِي بُيُوتِكُنَّ ، وَلَا تَبَرَّجْنَ تَبَرُّجَ الْجَاهِلِيَّةِ الْأُولَى ، وَأَقِمْنَ الصَّلَاةَ وَآتِينَ الزَّكَاةَ ، وَأَطِعْنَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ ، إِنَّمَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيُذْهِبَ عَنْكُمُ الرِّجْسَ أَهْلَ الْبَيْتِ ، وَيُطَهِّرَكُمْ تَطْهِيرًا تەرجىمىسى: «ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرۇڭلار، ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىپ چىققىنىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئى پەيغەمبەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر! ئاللاھ سىلەردىن گۇناھنى ساقىت قىلىشنى ۋە سىلەرنى تامامەن پاك قىلىشنى خالايدۇ» [سۈرە ئەھزاب 33-ئايەت].
يۇقىرىدىكى ئايەتتىن مەنىۋىي پاكىزلىق مەقسەت قىلىنىدۇ.
ئاللاھ تائالا لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋمى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهِ إِلَّا أَنْ قَالُوا أَخْرِجُوا آلَ لُوطٍ مِنْ قَرْيَتِكُمْ ، إِنَّهُمْ أُنَاسٌ يَتَطَهَّرُونَ تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ بىردىن بىر جاۋابى: «لۇتنىڭ تەۋەلىرىنى شەھرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىڭلار، ئۇلار پاك كىشىلەردۇر» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى» [سۈرە نەملە 56-ئايەت].
يەنى ئۇلار گۇناھ-مەسىيەت ۋە قەبىھ ئىشلاردىن پاكىزدۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْمُشْرِكُونَ نَجَسٌ ، فَلَا يَقْرَبُوا الْمَسْجِدَ الْحَرَامَ بَعْدَ عَامِهِمْ هَذَا تەرجىمىسى:«ئى مۆمىنلەر! مۇشرىكلار (ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى، ئېتىقادى بوزۇق بولغانلىقلىرى ئۈچۈن) پەقەت نىجىستۇر. مۇشۇ يىلدىن (يەنى ھىجرىيەنىڭ 9 ـ يىلىدىن) كېيىن ئۇلار مەسجىدى ھەرەمغا (ھەرەمگە) يېقىنلاشمىسۇن (يەنى ھەج قىلمىسۇن، ئۆمرە قىلمىسۇن)» [سۈرە تەۋبە 28-ئايەت].
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە شېرىكىنى، زىنانى ۋە لەۋاتەتنى نىجىس ۋە خەبىس دەپ سۈپەتلىدى، بۇ باشقا گۇناھلار بۇنىڭ دائىرىسىگە كىرسىمۇ، لېكىن باشقا گۇناھلارنى ئۇنداق سۈپەتلىمىدى. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْمُشْرِكُونَ نَجَسٌ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! مۇشرىكلار(ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى، ئېتىقادى بوزۇق بولغانلىقلىرى ئۈچۈن) پەقەت نىجىستۇر».
لەۋات توغرىسىدا مۇنداق كەلگەن: وَلُوطًا آتَيْنَاهُ حُكْمًا وَعِلْمًا وَنَجَّيْنَاهُ مِنَ الْقَرْيَةِ الَّتِي كَانَتْ تَعْمَلُ الْخَبَائِثَ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمَ سَوْءٍ فَاسِقِينَ تەرجىمىسى: «لۇتنى (ئاھالىسى بەچچىۋازلىق، قاراقچىلىق قاتارلىق) يامان قىلىقلارنى قىلىدىغان شەھەردىن قۇتقۇزدۇق، ھەقىقەتەن ئۇلار يامان، پاسىق قەۋم ئىدى».
لەۋاتەت قىلغۇچىلار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: أَخْرِجُوا آلَ لُوطٍ مِنْ قَرْيَتِكُمْ إِنَّهُمْ أُنَاسٌ يَتَطَهَّرُونَ تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ بىردىن بىر جاۋابى: «لۇتنىڭ تەۋەلىرىنى شەھرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىڭلار، ئۇلار پاك كىشىلەردۇر دېيىشتىن ئىبارەت بولدى».
ئۇلارنىڭ مۇشرىك بولىشى، كاپىر بولىشى بىلەن بىرگە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پاسكىنا، نىجىس ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلدى.
ئاللاھ تائالا زىناخورلار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: الْخَبِيثَاتُ لِلْخَبِيثِينَ وَالْخَبِيثُونَ لِلْخَبِيثَاتِ تەرجىمىسى: «يامان ئاياللار يامان ئەرلەرگە لايىقتۇر، يامان ئەرلەر يامان ئاياللارغا لايىقتۇر».
شېرىكنىڭ نىجىسلىقى كۈچلۈك نىجىس ۋە يەڭگىل نىجىس دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.
كۈچلۈك نىجىس دېگەن ئاللاھ تائالا ھەرگىز ئەپۇ قىلمايدىغان چوڭ شېرىكتىن ئىبارەتتۇر.
يەڭگىل شېرىك دېگەن: رىياخورلۇق، مەخلۇقلارغا چوڭچىلىق قىلىش، ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىش ئاللاھنىڭ غەيرىدىن قورقۇش ۋە ئۈمىد قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولغان كېچىك شېرىكتۇر.
بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت: نىجاسەت بەزى ۋاقىتتا كۆزگە كۆرۈنىدىغان ئاشكارە بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان مەنىۋىي بولىدۇ". ["شەيتاننىڭ قىلتىقىدىن قۇتۇلۇشنى تەلەپ قىلغان كىشىگە ياردەم بېرىش" ناملىق ئەسەر1-توم 59-بەت].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تاھارەتنىڭ مەنىسى: پاكلىق ۋە پاكىزلىقتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ شەرىئەتتە مەنىۋىي پاكىزلىق ۋە ھېسسى پاكىزلىق ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.
مەنىۋىي پاكىزلىق دېگەن: قەلبنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشتا شېرىكتىن، بىدئەتتىن، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا، يامان كۆرۈش، ئۆچمەنلىك قىلىش، ھەسەت قىلىش، غەزەپ قىلىش، ياقتۇرماسلىق دېگەندەك بەندىگە لايىق بولمايدىغان ئىشلاردىن پاك بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارنى نىجىس دەپ سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْمُشْرِكُونَ نَجَسٌ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! مۇشرىكلار (ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى، ئېتىقادى بوزۇق بولغانلىقلىرى ئۈچۈن) پەقەت نىجىستۇر».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۆمىننىڭ نىجىس بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەن مۆمىن نىجىس بولمايدۇ».
شۇنىڭ ئۈچۈن مۆمىن ئۆزىنىڭ قەلبىنى شېرىكتىن پاكلاش ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلىشى كېرەك. ["پىقھىل ئىبادەت" 97-بەت].
شەيخ سالىھ پەۋزان مۇنداق دەيدۇ: "مەنىۋىي پاكىزلىق دېگەن: شېرىكتىن، بىدئەتتىن، گۇناھ-مەسىيەتتىن پاكىز بولۇش دېمەكتۇر، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّهُمْ أُنَاسٌ يَتَطَهَّرُونَ تەرجىمىسى: «ئۇلار ھەقىقەتەن پاكىز ئىنسانلاردۇر»، پاكىزلىق بۇ ئايەتتە مەنىۋىي بولۇپ ئۇ گۇناھ، مەسىيەتتىن پاك بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
شېرىكنىڭ ئۆزى نىجاسەت بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا الْمُشْرِكُونَ نَجَسٌ تەرجىمىسى: «مۇشرىكلار (ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى، ئېتىقادى بوزۇق بولغانلىقلىرى ئۈچۈن)پەقەت نىجىستۇر». بۇ مەنىۋىي نىجاسەتتۇر. تەۋھىد بولسا مەنىۋىي پاكىزلىقتۇر". ["شەرھى مۇختەسەر ئەلا زادىل مۇستەقنى"1-توم 52-بەت] .
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.