جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

سپېرما بىلەن مەزىينىڭ سۈپەت جەھەتتىكى پەرقى

سۇئال

سپېرما بىلەن مەزىينى قانداق ئايرىيمەن؟، ئۇنىڭ پۇرىقىدىن ئايرىمەنمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

سپېرما بىلەن مەزىي ئارىسىدىكى پەرق تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ، ئۇلار:

1-سپېرما تىز، كۈچلۈك چىقىدۇ، ئەمما مەزىي تىز چىقمايدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئىنسان مەزىنىڭ چىققانلىقىنى تۇيماي قالىدۇ.

2-سپېرما يىرىك، قويۇق، ئاق بولىدۇ ئۇنىڭ پۇرىقى دەرەخنىڭ يىلتىزى ياكى خېمىرنىڭ پۇرىقىدەك بولىدۇ، ئەمما مەزىي سۇتۇق، شىلىمشىق، سۇدەك بولۇپ ئۇنىڭ ھېچ پۇرىقى يوق.

3-سپېرما چىقىپ بولغاندىن كىيىن شەھۋەت ئاجىزلىشىدۇ ئەمما مەزىي چىقىش بىلەن شەھۋەت ئاجىزلاشمايدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلمەجمۇئ"ناملىق ئەسەر 2-توم 141-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك سۈپەتنىڭ بىرىنىڭ تېپىلىشى ئۇنىڭ سپېرما ئىكەنلىكىگە كۇپايە قىلىدۇ، ئۈچ سۈپەتنىڭ ھەممىسىنىڭ بىراقلا تېپىلىشى شەرت ئەمەس، ئەگەر ئۈچ سۈپەتنىڭ ھېچ بىرى تېپىلمىسا ئۇنىڭغا سپېرما دەپ ھۆكۈم قىلىنمايدۇ".

بۇ ھەقتە دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى 4-توم 138-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "سپېرما: قويۇق، ئاق بولۇپ، ئەركىشىدىن لەززەت بىلەن تىز چىقىدۇ، سپېرما چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئىنسان شەھۋەتنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، توغرا قاراشتا سپېرما پاك بولۇپ، كىيىمگە سپېرما يۇقۇپ قالسا ئۇنى يۇيۇۋېتىش ياكى ئۇلاپ چىقىرىۋېتىش ياخشىدۇر. ئىنساندىن سپېرما چىققاندىن كېيىن يۇيۇنۇش كېرەك بولىدۇ. سپېرما جىما قىلىش ياكى ئېھتىلام بولۇش بىلەن چىقسۇن ئوخشاش، ئەمما سپېرما لەززەتسىز كېسەللىكتىن ياكى ھاۋانىڭ سوغۇق بولىشى سەۋەبىدىن چىققان بولسا يۇيۇنۇش كېرەك بولمايدۇ، پەقەت تاھارەت ئىلىش كېرەك بولىدۇ.

مەزىي بولسا: سۇيۇق، ئاق، شىلىمشىق بولۇپ ئەر كىشىدىن ئايالى بىلەن ئويناشقاندا ياكى جىما قىلىشنى پىكىر قىلغاندا چىقىدۇ، تىز چىقمايدۇ، مەزىي چىقىپ بولغاندىن كېيىن شەھۋەت ئاجىزلاشمايدۇ، مەزىي نىجىس بولۇپ، مەزىي چىققاندىن كېيىن تەرەت ئىلىش كېرەك بولىدۇ، ئەۋرەتنى تولۇق يۇيىدۇ، كىيىمگە ۋە بەدەنگە يۇقۇپ قالغان بولسا ئۇنىڭدىن تەسىرىدىن تازىلىنىدۇ.

ۋەدىي بولسا: قويۇق، ئاق سۇ بولۇپ، ئەر كىشىدىن كېچىك تەرەت قىلىپ بولغاندىن كىيىن چىقىدۇ، ئۇ نىجىس بولۇپ، تاھارەت ئېلىش ۋاجىب بولىدۇ". بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 99507-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى