پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئاتا-ئانىنىڭ قىز پەرزەنتىگە بېرىدىغان ئەركىنلىكىنىڭ دائىرسى توغرىسىدا

175634

تارقاتقان ۋاقىت : 15-03-2019

كۆرگۈچىلەر : 2306

سۇئال

مەن ئاۋىستىرالىيدە ياشايمەن بالاغەت يېشىدىكى بىر قىز بولۇپ، ئاتا-ئانام ماڭا بەك چەكسىز دائىرىدە ئەركىنلىك بېرىۋېتىدۇ، بۇ توغرىدا ئاتا-ئانامغا قانداق خەۋەر بېرىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ھۆرمەتلىك ھەمشىرەم! ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سىزگە بەرگەن ئەركىنلىكىنىڭ دائىرىسىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىز بىلمەيمىز، سىز تەلەپ قىلغان ئەركىنلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمىز، چۈنكى ئەركىنلىك چۈشەنچىسى ھازىر ئوچۇق بولمىغان دائىرىدە كەڭ يېيىلىپ كەتتى.

    ھەرقانداق ھالەتتە شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئاللاھ ئىشىڭىزنى بەرىكەتلىك قىلسۇن، تەلەپ قىلىنغان ئەركىنلىك دېگەن بەندىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قانۇنى دائىرىسىدە بولىشى كېرەك، ئاللاھنىڭ قانۇنىغا مۇخالىپ كېلىدىغان ئەركىنلىك بولمايدۇ، سىزنىڭمۇ بۇنى تەلەپ قىلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۇ ئىككىيلەنمۇ سىزنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق، ئاللاھنىڭ پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدىغان، بەلگىلىمە دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەيدىغان ھالەتتە تەربىيىلەشكە بۇيرۇلغان.

    ئاندىن ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سىزگە كۆڭۈل بۆلىشى، سىزنى ئېسىل ئەخلاقلىق، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىغان قىلىپ تەربىيىلىشى تەلەپ قېلىنىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى سىزنى ساغلام ئېتىقادلىق تەربىيىلەش، ناچار، بۇزۇق پىكىر، ئەقىدىلەرلەردىن ھىمايە قىلىش دائىرىسىدە بولىدۇ. يەنە سىزنىڭ پەرۋەردىگارىڭىزغا قىلىدىغان ئىبادەتلىرىڭىز، پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلىش، چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولىشىڭىزمۇ بۇ دائىرىگە كېرىدۇ. يەنە ھەم ئومۇمى ئەدەپ-ئەخلاق، كىيىم-كېچەك، يۈرۈش-تۇرۇش، دوست-ھەمراھ تاللاش قاتارلىقلارمۇ بار. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ھەر كىشى ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە سوئال قىلىنىدۇ، ئەر كىشى ئائىلىسىگە مەسئۇل بولۇپ ئۇ ئائىلىسى دائىرىسىدىن سۇئال قېلىنىدۇ، ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىگە مەسئۇل بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قېلىنىدۇ، خىزمەتچى خوجايىننىڭ ماللىرىغا مەسئۇل بولۇپ، بۇمۇ ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە سوئال قېلىنىدۇ. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    بىز ھەقىقەتەن بۇ ئىشنىڭ سىز ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە قېيىن بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز، مۇسۇلماننىڭ مەسئۇلىيىتى: جۇشقۇنلۇقتا بولسۇن ياكى سۇسلۇقتا بولسۇن، قىيىنچىلىقتا بولسۇن ياكى ئاسانلىقتا بولسۇن، نەپسى خاھىشىغا مۇۋاپىق ياخشى كۆرىدىغان ئىشتا بولسۇن ياكى نەپسى خاھىشىغا زىت بولغان ياقتۇرمايدىغان ئىشتا بولسۇن ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن ھەممە ئىشتا چەكلىمىسىز، مۇتلەق ئەركىنلىكىگە ئىگە بولىشى لېكىن بۇ ئەركىنلىك ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە بۇيرۇقلىرىغا سەبىر قىلىش دائىرىسىدە بولىشى تەلەپ قېلىنىدۇ.

    سىز ئۆزىڭىزنى بويسۇندۇرۇشقا، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن چېقىپ كەتمەسلىككە كۆپ تىرىشچانلىق قېلىڭ ۋە پۈتۈن كۈچىڭىزنى چىقىرىڭ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا كۆپ ئەجىرگە ئېرىشىسىز، كۆپ سەبىر قىلىڭ، ئاللاھ خالىسا تائەت-ئىبادەتتىن كېيىنكى لەززەت سىزگە بۇ يولدا چەككەن مۇشەققەتنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.

    شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئاللاھ سىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن، ئاتا-ئانىڭىز قىيامەت كۈنى سىزدىن مەسئۇل بولىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن سىزنىڭ ئۈستىڭىزدە كۆپ ھەقلەر بار، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغىنى: ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسى دائىرىسىدە بولغان ئىشلاردا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتۇر.

    ئەمما ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سىزگە بەرگەن كەڭ دائىرىدىكى ئەركىنلىكنىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسى دائىرىسىدە بولىشى توغرىسىدا روشەن دەلىللەر، تىنچ مۇنازىرىلەر، چىرايلىق سۆزلەر بىلەن چۈشەنچە بېرىشىڭىز، پوزىتسىيىڭىزنىڭ ساغلام، توغرا ئىكەنلىكىگە مىساللارنى كەلتۈرۈپ، بۇنى ئەمەلىي ھەرىكىتىڭىز بىلەن ئىسپاتلىشىڭىز لازىم. ئاللاھ تائالادىن بىز ۋە سىزنى، ئاتا-ئانىڭىزنى توغرا يولغا باشلىشىنى سورايمىز.

    بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن: 505393519- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن. 

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى