جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

چىركاۋدا ئۆتكۈزىلىدىغان كىرىسمىس بايرىمىغا مەسچىتتە كىشىلەرنى دەۋەت قىلىش توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

ىز تۇرىۋاتقان رايۇندىكى بىر مەسچىتتە بەزى مۇسۇلمانلار كىشىلەر كىرىسمىس بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پالانى چىركاۋدا مۇنداق پائالىيەتلەر بولىدۇ، پالانى چىركاۋدا مۇنداق مۇكاپاتلار تارقىلىتىلىدۇ دېگەندەك ئىلانلار ئارقىلىق كىشىلەرنى چىركاۋدا ئۆتكۈزىلىدىغان خىرىستىئانلارنىڭ دىنى بايرىمىغا دەۋەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ باتىل ئەقىدىلىرىنىڭ جانلىنىشىغا ھەمكارلاشماقتا. بەزى چىركاۋلار زىيارەتكە كەلگەنلەرنى ھەقسىز تاماق، ياتاق بىلەن كۈتىۋالىدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە مەسچىتتە بۇنىڭغا دەۋەت قىلىۋاتقان مەزكۇر قېرىنداشلىرىمىز، چىركاۋدا نېمە ئىشلارنىڭ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ بۇنداق قىلساق خاتا بولامدىكەن؟ دەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى كۇپۇرلۇق دەرىجىسىگە يېتەمدۇ يەتمەمدۇ؟، گەرچە مۇسۇلمانلارنىڭ چۈشەنچىسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسى چىركاۋنىڭ كۇپىرنى تارقىتىدىغان ۋە ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرىدىغان ئورۇن ئىكەنلىكىنى قەتئى بىلىدۇ. بۇ ئىشلار بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ساغلام ئەقىدىسى ۋە توغرا پىرىنسىپىغا زىت كىلىدۇ. مەسچىتتە غەيرى دىندىكىلەرنىڭ تەشۋىقاتىنى راۋاجلاندۇرغانلارنى كاپىر دەپ ئاتاش ئۈچۈن يەنە ئۇلارغا دەلىل-ئىسپات كېرەك بولامدۇ؟، بۇ دىندا ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق بولغان ئىش تۇرسا، يەنە دەلىل-ئىسپات كىتەمدۇ؟ ئۇلارنى قوللىغان ۋە ئۇلارنى ھىمايە قىلغان كىشىلەرنىمۇ ئۇلارنى ھىمايە قىلىش بىلەن كۇپۇرلۇق جىنايىتى سادىر قىلدى دېسەك توغرا بولامدۇ؟ بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىز 160470-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا: تاكسىچىنىڭ خىرىستىئاندىن بىرنى چىركاۋغا ئاپىرىپ قويىشىنىڭمۇ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدۇق. چۈنكى بۇ ھەممىدىن چوڭ بولغان گۇناھ-مەسىيەتكە ياردەملەشكەنلىك بولىدۇ. چىركاۋ ئاشكارا ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ مەنبىيىدۇر. ھەتتا ئۇلار ئۆز قارىشى بويىچە ئاللاھ تائالانىڭ بالىسى بار دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ھۆكۈمدە خىرىستىئاننى چىركاۋغا ئاپىرىپ قويغان بىلەن مەسىتتە كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ بايراملىرىغا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلغۇچىنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، بەلكى كىشىلەرنى چىركاۋدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بايرامغا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلغاننىڭ جىنايىتى چوڭ بولىدۇ، چۈنكى ئۇ باتىل بولغان دىنى بايراملارنى ئۆتكۈزۈشكە ياردەملەشكەنلىكتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئىككى چوڭ گۇناھنى شەكىللەندۈرىدۇ، بىرى چىركاۋغا بېرىش، يەنە بىرى ئۇلارنىڭ دىنى بايرىمىغا قاتنىشىشتىن ئىبارەت.

بىز بۇ مەسىلە توغىرسىدا 69558-50074-نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا تەپسلى سۆزلەپ ئۆتتۇق. بىر قىسىم ئالىملار قايسى شەكىلدە بولمىسۇن خىرىستىئانلارنىڭ دىنى بايراملىرىغا ياردەملىشىشنى ھارام دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەن چىركاۋدا ئۆتكۈزىلىدىغان كىرىسمىس بايرىمى بولسا

خىرىستىئانلارنىڭ دىنى بايراملىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تەشۋىقات ئىلىپ بېرىۋاتقان، كىشىلەرنى شېرىك-كۇپۇر ئورۇنلىرىغا باشلاپ قوياۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئىشى بەك خەتەرلىك، ھەقىقەتتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشى ئارقىلىق زور خاتالىق ۋە چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان بولدى.

دائىمى كومېتىتى ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمانلارنىڭ قايسى شەكىلدە بولسۇن كاپىرلارنىڭ بايراملىرىغا ھەمكارلىشىشى توغرا بولمايدۇ، بۇنىڭ جۈملىسىدىن: ئۇلارنىڭ دىنى بايراملىرىنى ئاشكارا قىلىش، ئېلان قىلىش، قايسى شەكىلدە بولسۇن تەشۋىق قىلىش قاتارلىقلار. [پەتىۋادا: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئال- شەيخ، شەيخ ئابدۇللاھ غۇدەييان،شەيخ سالىھ ئەلپەۋزان ۋە شەيخ بەكىر ئەبۇ زەيد قاتارلىقلار. "دائىمى كومېتىت پەتىۋاسى"(26/409)].

خىرىستىئانلار ئۆتكۈزىۋاتقان كىرىسمىس بايرىمى ئاللاھ تائالا ئاتىسىز ياراتقان پەيغەمبەر ئىسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزىلىدىغان بايرام شۇمۇ؟ دېيىلسە، جاۋاپ: ياق، ئۇ ئەمەس. بەلكى كىرىسمىس بايرىمى بولسا خىرىستىئانلار قارىشىدىكى ئاتالمىش پەرۋەردىگار ئىسانىڭ ياكى پەرۋەردىگارنىڭ ئوغلىنىڭ تۇغۇلغان كۈن پائالىيتى. جانابى ئاللاھ ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزلىرىدىن پاكتۇر ۋە ھەممىدىن ئالىدۇر. مۇسۇلماننىڭ باشقىلار ئىلاھ ياكى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلىۋاتقان بىر پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئىشتىراك قىلىش دەپ ئېتىقاد قىلىشى توغرا بولىدۇ؟!. ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىكلرىدىن پاكتۇر.

شۇنداقتىمۇ ئۇلار خىرىستىئانلارنىڭ دىنىنى توغرا دەپ ئېتىقاد قىلمىسا، ئۇلارنىڭ ئىلىپ بېرىۋاتقان ئېلان-تەشۋىقات خىزمەتلىرى، ئۇلارنى ئىسلام مىللىتى دائىرسىدىن چىقىرۋىتىدىغان كۇپىرنىڭ دەرىجىسىگە ئىلىپ بارمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارنى بۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن بىراقلا ئىسلام دائىرسىدىن چىقىرۋىتىدىغان چوڭ كۇپىرنىڭ دائىرسىگە كىرگۈزمەيمىز، قاراپ باقىمىز: ئەگەر ئۇلارنى بۇ قىلمىشىدىن چەكلىسەك ۋەز-نەسىھەت قىلساق ئۇلار خاتالىقىنى تونۇپ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى تاشلىسا ئۇلارغا قىلغان ئىشلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن كۇپايە قىلىمىز. ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنى كاپىر ياكى كاپىر ئەمەس دېگەن ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، مۇھىمى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ خاتا-ھارام ئىش ئىكەنلىكىنى بىلسە، ئۇلارنى چىرايلىق نەسىھەت قىلىپ مەزكۇر ئىشلىرىدىن چەكلىسەك شۇ يىتەرلىك بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى