پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

نېمە ئۈچۈن ئىسلام تارىخىنى ۋەھيىنىڭ باشلىنىشىدىن ھېسابلىماي، ھىجرەتنىڭ باشلىنىشىدىن ھېسابلايمىز؟

سۇئال

مۇسۇلمان بولمىغان ھەر قانداق كىشى پەيغەمبەرلىك دەۋرىدىن كېيىنكى ئىسلام تارىخى توغرىسىدا سوئال قىلىدۇ؟، بىزمۇ  مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش ھىجرەتتىن كېيىن يولغا قويۇلغان ھىجىرىيە تارىخى بويىچە جاۋاپ بېرىمىز، مېنىڭ سوئالىم: نېمە ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرەتتىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلىك دەۋرىدىن ئون ئۈچ يىلنى ھېسابلىمايمىز؟، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرەت قىلغان يىلىنىڭ كاتتا بىر يىل ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن ھەممەيلەن پەيغەمبەرلىكنىڭ ھىجرەتتىن ئون ئۈچ يىل بۇرۇن باشلانغانلىقىنى ياخشى بىلىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىسلام تارىخى توغرىسىدا سورالغاندا، بىز پەيغەمبەرلىكنىڭ 1446-يىلىدا دەپ ھىجرەتتىن بۇرۇنقى ئون ئۈچ يىلنى قېتىپ جاۋاپ بەرمەستىن بەلكى ھىجىرىيىنىڭ 1433-يىلىدا دەپ جاۋاپ بېرىمىز؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرەتتىن ئىلگىرى كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشى، ئەزىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى، نادانلارنىڭ سۆز-چۆچەكلىرىگە سەبىر قىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام تارىخىدىن بەلكى ئىسلامدىكى ئەڭ ئۇلۇغ يىللاردىن ھېسابلىنىدۇ، بۇ يىللاردا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھۋالى پەقەت يەككە-يىگانە بولغان بىر ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش، ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئېشىنىش ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش يولىدا ئۇچرىغان ئەزىيەتلەرگە سەبىر قىلىش بولغان. بۇ ئىشتا ئەقلى-ھوشى جايىدا بولغان ھېچكىم شەك قىلمايدۇ، مۇسۇلمان بولسۇن ياكى غەيرى مۇسۇلمان بۇنى ھېچ بىر ئىنسان ئىنكار قىلمايدۇ.

    لېكىن ئىنسانلارنىڭ تارىخ قوللانغاندا ياكى شۇ يىللاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئەسلىگەندە، ھىجىرىيە تارىخىنى ئاساس قىلىشى بېكىتىلگەن، ئۇلارنىڭ سوئالىنىڭ كۆپ قىسمى بۇنى مەقسەت قىلىدۇ، ھەقىقەتەن ھىجىرىيە تارىخى بولسا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە كۆپچىلىك ساھابىلارنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن يولغا قويۇلغان، بۇنداق بولىشى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھىجرەت قىلىپ مەدىنىگە چۈشكەندىن كېيىن، كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىپ، ئۇنىڭغا ھەمدەم بولۇپ، مەدىنىدە تۇنجى مەسچىتنى ياساپ ئۇنىڭدىن كېيىنكى باشقا ئىشلارنىڭ روياپقا چېقىشى بىلەن مەدىنىدە ئىسلام دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ ھەقىقى تارىخىدۇر، بۇ تارىخ بىلەن ئىسلام دولىتىنىڭ باشلىنىش ئالامەتلىرى ئاشكارا بولىدۇ، ئىسلام دۆلىتىنىڭ سىياسى، ئەسكىرى، ئىجتىمائىي ۋە جۇغراپىيلىك ئورنى روشەنلىشىدۇ. ئەمما ھىجرەتتىن بۇرۇن مۇسۇلماننىڭ دۆلىتىمۇ بولمىغان ۋە ئۇلارنى بىر يەرگە توپلايدىغان پىرنسىپمۇ بولمىغان.

    ساھابىلار ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خىلاپەت دەۋرىنىڭ ئون ئالتە ياكى ئون يەتتە ياكى ئون سەككىزىنچى يىلى ئىسلام تارىخىنى ھىجرەت يىلىدىن باشلاشقا بىرلىككە كەلدى، بۇنىڭ سەۋەبى: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئىككى كىشى ئارىسىدا شەبان ئېيىدا يۈز بەرگەن بىر ئىش توغرىسىدا دەۋا سۇنۇلدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ ئىككى كىشىدىن: بۇ ۋەقە مۇشۇ يىلى شەئبان ئېيىدا يۈز بەرگەنمۇ ياكى ئۆتكەن يىل شەئبان ئېيىدا يۈز بەرگەنمۇ؟ قايسى يىلى شەبان ئېيىدا يۈز بەرگەن؟ دەپ سورايدۇ. ئاندىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ساھابىلارنى توپلاپ قەرىزنىڭ ۋاقتىنى بىلىش قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تارىخ-كالىندارنى يولغا قويۇش توغرىسىدا مەسلىھەت سورايدۇ، ئۇلاردىن بىرى: پارسلارنىڭ يىل نامىسىغا ئوخشاش تارىخ قوللىنىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، يەنە بىرى رىملىقلارنىڭ يىلنامىسىغا ئوخشاش تارىخ قوللىنىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ  ئۇلارغا ئوخشاش تارىخ قوللىنىشنى ياقتۇرمايدۇ، بەزىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان يىلىنى تارىخ قىلىشقا تەكلىپ بەرسە، بەزىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن يىلىنى تارىخ قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، بەزىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرەت قىلغان يىلىنى تارىخ قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بەزىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولغان يىلىنى تارىخ قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھىجرەت يىلىنىڭ ھەممىگە تونۇشلۇق ۋە مەشھۇر بىر يىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ يىلنى ئىسلام تارىخى قىلىش پىكرىگە قوشۇلىدۇ، ساھابىلارمۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرلىكتە بۇ قاراشقا بىرلىككە كېلىدۇ.

    بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت: ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھىجرەت يىلىنى ئىسلام تارىخىنىڭ باشلىنىش يىلى قىلدى، ئۇلار ئارىسىدا مەشھۇر بولغان مۇھەررەم ئېيىنى يىلنىڭ باشلىنىشى قىلدى، تۈزۈلمىنىڭ ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كۆپچىلىك ئۆلىمالارمۇ مۇشۇ قاراشنى قوللىدى. ["ئەل بىدايە ۋەننىھايە"ناملىق ئەسەر 3-توم251-153-بەتلەر].

    سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن ياكى ۋاپات بولغان يىلىنى ئىسلام تارىخى قىلماستىن بەلكى مەدىنىگە يىتىپ كەلگەن ھىجرەت يىلىنى ئىسلام تارىخى قىلدى. [بۇخارى رىۋايىتى 3934-ھەدىس].

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ساھابىلارنىڭ بەزىلىرى مەدىنىگە  ھىجرەتنىڭ باشلىنىشىنى ئىسلام تارىخى قىلىشقا مۇناسىپ دەپ قارىدى، ساھابىلار بىرلىككە كەلگەن ۋە ئۇنى ئىسلام تارىخى قىلىشقا بولىدىغان تۆت تۈرلۈك ھادىسە بار، ئۇ بولسىمۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشى، پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشى، مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشى ۋە ۋاپاتىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار ھىجرەت يىلىنى تارىخ قىلىش پىكىرىنى كۇچلاندۇردى، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغانلىق ۋە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن توغرىسىدىكى تارىختا ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار، ۋاپات بولغان ۋاقتىنى بېكىتىشتىن باش تارتتى، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولغىنىنى ھەر قېتىم ئەسلىگەندە ئۇلارنىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ، قەلبى ئەلەم چېكەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھىجرەت يىلىنى تارىخ قىلىشقا ئىتتىپاققا كەلدى، ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرەت قىلغان ۋاقتى رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىنى كەينىگە سۈرۈپ مۇھەررەم ئېيىنى ھىجرەتنىڭ بىرىنچى ئېيى قىلىپ بېكىتتى، چۈنكى ھىجرەتكە تەييارلىق قىلىش مۇھەررەمدە باشلانغان ئىدى، شۇنداقلا مەدىنىدىن كەلگەن ئەنسارىلارمۇ زۇلھەججە ئېيىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلدى، بۇ بولسىمۇ ھىجرەتنىڭ باشلىنىشىدۇر، ئەنسارىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلىپ ۋە مەككىدىكى ساھابىلار ھىجرەت ئىرادىسىگە كېلىپ بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى كۆرۈنگەن ئاي مۇھەررەم ئېيى بولدى، بۇ ئاي ھىجرەتنىڭ تۇنجى ئېيى بولۇشقا مۇناسپتۇر، مانا بۇ مۇھەررەم ئېينى ھىجرەتنىڭ تۇنجى ئېيى قىلىشنىڭ مۇناسىپ ئىكەنلىكىگە مۇۋاپىق كېلىنگەن كۈچلۈك قاراشتۇر.

    سەئىد ئىبنى مۇسەييىب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرنى توپلاپ ئىسلام تارىخىنى قايسى كۈندىن باشلاپ يېزىش توغرىسىدا سورىغاندا، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شېرىك زېمىننى تەرك قىلىپ ھىجرەت قىلىپ چىققان كۈنىدىن باشلىغىن دەيدۇ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق قىلدى". [ھاكىم رىۋايىتى].

    ئىسلام تارىخى ھىجرەتنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، ھەقىقەتەن تارىخ ۋە كالېندار دېگەن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە كۈنلەرنى بىلىش، كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى كېلىشىم، توختام قاتارلىق ئۆزئارا ۋەدىلەشكەن ۋاقىتلىرىنى بىلىش ئۈچۈن قۇرۇلمىنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت كىشىلەر تەرىپىدىن بىرلىككە كەلگەن ۋاقىتتۇر. ئىسلام تارىخىنىڭ ھىجرەتتىن باشلىنىشى بولسا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ بۈگۈنكى كۈنگىچە كىشىلەر بىرلىككە كەلگەن ئىشتۇر، مۇشۇ تارىخنى بېكىتىش بىلەن ئىسلام دۆلىتىنىڭ شەكىللىنىش ۋە قۇرۇلۇشى مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ ھىجرەت بىلەن باشلىنىدۇ.

    ئەمما ئىسلامنىڭ باشلىنىشى ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇنى بىلىشى بولسا ھېچ بىر ئاگاھلاندۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ، چۈنكى ئىسلام دىنى ھىجرەتتىن نۇرغۇن زامانلار ئىلگىرى مەيدانغا كەلگەن، بەلكى ئىسلام دېگەن ئومۇمى مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا: ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئۈچۈن رازى بولغان، بۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر، ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن دىنلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئورۇندا ئومۇمى مەنىدىكى ئىسلام مەقسەت قىلىنماستىن بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىنكى دىن مەقسەت قىلىنىدۇ.

    ھېچبىر كىشىنى ھەقىقى ئىسلامنىڭ باشلىنىشىنى ھىجرەتتىن ھېسابلايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ساھابىلارنىڭ ھىجرەتتىن بۇرۇن دەۋەت ئۈچۈن مەككىدە ياشىغانلىقلىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ دەپ قارىمايمىز ۋە ھېچكىم بۇنداق دېمەيدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى