جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بارغاندەك، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ توغۇلغان كۈنىدىمۇ مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بارمايدۇ؟

سۇئال

مۇسۇلمانلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بارىدۇ، ئەمما نېمە سەۋەپتىن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بولغان ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بارمايدۇ؟ ئۇ ئوخشاشلا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئەمەسمۇ؟ مەن بۇ سۆزنى مەلۇم بىر كىشىدىن ئاڭلىدىم، لېكىن مەن يېڭى يىل بايرىمى دېگەن پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بېرىشنىڭ ھارام-چەكلەنگەن ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، شۇنداقتىمۇ يۇقىرىقى سوئالنىڭ جاۋابىنى بىلىشنى خالايمەن. ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:

ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئەۋەتىلگەن ئەلچى-پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش بولسا، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بارلىق پەيغەمبەر-ئەلچىلەرگە ئىشەنمىگەن (ئىمان ئېيتمىغان) كىشىنىڭ ئىمانى توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: آمَنَ الرَّسُولُ بِمَا أُنزِلَ إِلَيْهِ مِن رَّبِّهِ وَالْمُؤْمِنُونَ ۚ كُلٌّ آمَنَ بِاللَّـهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِّن رُّسُلِهِ ۚ وَقَالُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا ۖ غُفْرَانَكَ رَبَّنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ تەرجىمىسى: پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابغا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. ئۇلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز) دەيدۇ. ئۇلار: بىز دەۋىتىڭنى ئاڭلىدۇق ۋە ئەمرىڭگە ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر يانىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر،دەيدۇ [سۈرە بەقەرە 285-ئايەت].

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ يەككە-يىگانە، ھەممە ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولىدىغان بىردىن-بىر ھەقىقى ئىلاھ ۋە يارىتىشتا يەككە-يېگانە رەب ئىكەنلىكىگە ھەقىقى ئىشىنىدۇ. ئۇلار ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بارلىق پەيغەمبەر-ئەلچىلىرىگە ۋە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئۇلارغا چۈشۈرۈلگەن كىتابلارغا تولۇق ئىشىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمەيدۇ، بەزىسىگە ئىشىنىپ يەنە بەزىسىگە ئىشەنمەيدىغان بولمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىدا راستچىل، سەمىمى، ياخشىلىققا ۋە توغرا يولغا، ھىدايەتكە يېتەكلىگۈچى پەيغەمبەرلەردىن ھېسابلىنىدۇ." تۈگىدى. [تەپسىر ئىبنى كەسىر 1-توم 736-بەت].

سەئدىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن بەزىسىگە ئىشىنىپ يەنە بەزىسىگە ئىشەنمەسلىك، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىشەنمىگەنگە ئوخشاشتۇر، بەلكى ئاللاھ تائالاغا ئىشەنمىگەنلىك بولىدۇ. [تەپسىر سەئدى 120-بەت].

ئىككىنچى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بېرىش بولسا يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەت ئىشنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇ ئىشنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئۆزىمۇ قىلمىغان ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كىيىن ساھابىلاردىن بىرەرسىمۇ قىلمىغان، شۇنداقلا ئۇلاردىن كىيىنكى مۇجتەھىد ئالىم-ئۆلىمالاردىن ھېچ بىرى مەۋلۇت پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئەمەس، مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بېرىشنى توغرا ياكى دۇرۇس ئىش دېمىگەن، بەلكى بۇ ئىشنى شەرىئەتتە چەكلەنگەن بىدئەت، ھارام ئىشلاردىن دەپ قارىغان.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بېرىش چەكلەنگەن بىدئەت ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئىشنىڭ دىنىمىزدا يولغا قويۇلغانلىقىغا ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمدىن ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن بىرەر دەلىل يوق. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كىيىن توغرا يول تۇتۇپ ماڭغان خەلىپىلەردىن بىرەرسى، (يەنىئالدىنقى ئۈچ ئەسىردىكى خەلىپىلەردىن بىرەرسى) قىلمىغان." [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى پەتىۋاسى 2-توم 244-بەت]. بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى بىلىش ئۈچۈن 70317-نومۇرلۇق ۋە 13810- سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى بىلىمسىز ۋە جاھىل كىشىلەر ھەر يىلى ئىلىپ بېرىۋاتقان مەۋلۇت پائالىيىتى بولسا يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەت ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇنى چەكلەش ۋە توسۇش ئىنتايىن زۆرۈردۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بېرىشنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ يېڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى پائالىيىتى ئىلىپ بېرىش دېگەن ھېچ ئاساسى بولمىغان باتىل ئىشنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بېرىشنىڭ ئۆزى توغرا بولمىغان بىدئەت ئىش تۇرسا، بىدئەتكە قىياس قىلىپ ئىلىپ بارغان ئىشمۇ ئوخشاشلا بىدئەت ھېسابلىنىدۇ.

ئۈچىنچى: خرىستىئانلارنىڭ كىرىسمىس (يېڭى يىل) نامى بىلەن ئىلىپ بارىدىغان پائالىيىتىمۇ شېرىك ۋە بىدئەت ئىشلاردىن بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلارغا ئوخشاش پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىشى توغرا بولمايدۇ. ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ خاتا قىلمىشلىرىدىن پاكتۇر.

مۇسۇلمانلار كاپىلارنىڭ دىنى ئىشلىرىغا خاس بولغان ئىشلاردا ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشى بىدئەتتىن يۇقىرى بولغان شېرىك ئەمەلدۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى كاپىر قەۋمگە ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ شۇلاردىن بولىدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3512-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس كاپىرلارغا ئوخشىۋىلىشنىڭ كۇپىرغا ئىلىپ بارىدىغانلىقىنى تەقەززا قىلىدۇ. ھەدىسنىڭ ئۆزىدىنمۇ ئۇلارغا ئوخشىۋىلىشنىڭ كۇپىرغا ئىلىپ بارىدىغانلىقى ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ. چۈنكى ئايەتتىمۇ مۇنداق بايان قىلىنغان: وَمَن يَتَوَلَّهُم مِّنكُمْ فَإِنَّهُ مِنْهُمْ تەرجىمىسى: سىلەردىن كىمكى كاپىرلارنى دوست تۇتىدىكەن، چوقۇم ئۇ كىشى شۇلاردىن بولىدۇ يەنى كاپىرلاردىن سانىلىدۇ." [سۈرە مائىدە 51-ئايەت]. (توغرا يولغا ئەگىشىش ناملىق ئەسەر 82-83-بەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن).

ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىقى بايانلاردىن شۇ مەلۇم بولدىكى، كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىش بىلەن گۇناھ-مەسىيەتلەر ئاشكارا بولىدۇ، ئاللاھنىڭ دىنى ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرى سۇسلىشىپ كېتىدۇ. ئەسلىدە ھەرقانداق ياخشىلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ كۆرسەتمىسى يول-يورۇقلىرىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاش بىلەن بولىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن كاپىرلارغا ئوخشىۋالمىغاندىمۇ دىندا بىدئەت پەيدا قىلىشنىڭ خەتىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ، ئەگەر بىدئەت بىلەن بىرگە كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىش تەڭ تېپىلسا بۇنىڭ خەتىرى ئىنتايىن زور بولىدۇ. [توغرا يولغا ئەگىشىش ناملىق ئەسەر 116-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كاپىرلارنىڭ يېڭى يىل بايرىمى ياكى باشقا دىنى بايراملىرىنى تەبرىكلەش بارلىق ئالىملارنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن ھارام دەپ قارىلىدۇ، چۈنكى گەرچە مۇسۇلمان ئۆز كۆڭلىدە كۇپىرغا رازى بولمىسىمۇ كۇپىرنىڭ شوئار ۋە ئالامەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغانلىق بولىدۇ. مۇسۇلمان ئۈچۈن كۇپىرنىڭ شوئارلىرىغا رازى بولۇش ياكى ئۇلارنىڭ مۇراسىملىرىنى تەبرىكلەش چەكلىنىدۇ. شۇنىڭدەك مۇسۇلمانلارنىڭ كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىش، ئۇلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش، سوۋغا-ھەدىيە ئالماشتۇرۇش، يېمەك-ئىچمەك، تاتلىق-تۈرۈم نەرسىلەرنى تارقىتىش ياكى ئۇ كۈن ئۈچۈن خىزمەتنى توختىتىپ دەم ئىلىش قىلىش قاتارلىق ئىشلىرى قاتتىق چەكلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە: كىمكى كاپىر قەۋمگە ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ شۇلاردىن بولىدۇ، دېگەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى]. ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ ماقالە ۋە پەتىۋالار توپلىمى ناملىق ئەسىرى 3-توم 45-46-بەتلەر.

كاپىرلارنىڭ ھېيت-بايرام پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات ئىگە بولۇش ئۈچۈن 1130- ۋە 145950-نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

سۆزنىڭ خۇلاسىسى: مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئىلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە بىرقانچە تۈرلۈك زىيانلار ھاسىل بولىدۇ:

1- مۇسۇلماننىڭ بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىشى، كۇپۇر ئېتىقادىنىڭ تۈرتكىسى بويىچە بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈۋاتقان كاپىر-مۇشرىكلارغا ئوخشاپ قىلىش بولۇپ، مەزكۇر كاپىرلار ھەرگىزمۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىگە ئۇيغۇن ئىش قىلغان بولمايدۇ. چۈنكى بىزنىڭ دىنىمىزدا ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدىمۇ بۇنداق پائالىيەتلەر يولغا قويۇلمىغان. بۇ شېرىك بىلەن بىدئەت ئارىلىشىپ كەتكەن شۇنداقلا پىسق-پۇجۇر مۇنكىر ئىشلار سادىر بولىدىغان پائالىيەتتە، بىز قانداقمۇ ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشىمىز مۇمكىن بولىدۇ؟.

2- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بېرىشمۇ توغرا بولمىغان بىدئەت ئىشلاردىن بولۇپ، بۇنىڭغا قىياس قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئەسلى توغرا بولمىغان نەرسىگە قىياس قىلىنغان نەرسىمۇ توغرا بولمايدۇ.

3- مۇسۇلماننىڭ يېڭى يىل ياكى كىرىسمىس بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئىلىپ بېرىشى ھەرقانداق ھالەتتە دۇرۇس ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ ئەسلى توغرا بولمىغان پائالىيەتتىن ئىبارەتتۇر. ئۇ پائالىيەتتە شېرىك، كۇپىر، مەسىيەت ھەممىسى تېپىلىدۇ، بۇنىڭغا قىياس قىلىپ بىر نەرسىنى توغرا دېگىلى بولمايدۇ.

4- بۇ توغرا بولمىغان قىياسنىڭ باتىللىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مۇنداق دەيمىز: نېمە ئۈچۈن ھەممە پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەۋلۇت پائالىيىتى ئۆتكۈزمەيمىز؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەر ئەمەسمۇ؟ ھېچبىرى بۇ سۆزنى دېمەيدۇ.

5- ھېچ قانداق بىر پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغانلىقىغامۇناسىۋەتلىك ئېنىق تارىخ يوق، ھەتتا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان تارىخىمۇ ئېنىق ئەمەس، شۇنداقلا،قايسى تارىختا تۇغۇلغانلىقىنى ئېنىق بېكىتىلمىگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان تارىخىنى بېكىتكەن تارىخشۇناسلارنىڭ قارىشىمۇ توققۇز خىلغا يېتىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بېرىش تارىخى تەرەپتىن بولسۇن ياكى شەرئى تەرەپتىن بولسۇن كەسكىن توغرا بولمايدۇ. مەسىلە مەيلى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ياكى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاس قىلىپ پائالىيەت ئىلىپ بېرىشنىڭ ھېچ قانداق ئاساسى يوق.

ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كېچىسى مۇناسىۋىتى بىلەن مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بېرىشنىڭ تارىخى ياكى شەرئى تەرەپتىن ھېچ قانداق ئاساسى يوق." تۈگىدى. [پەتىۋا نۇرۇن ئەلەددەربى 19/45].

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى