يەكشەنبە 3 رەبىئۇسسانى 1446 - 6 ئۆكتەبىر 2024
Uygur

قۇرۇق ياكى ھۆل نەرسىلەردىن نىجاسەتنىڭ يۆتكىلىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

مەن تاھارەت ئىشىدا ۋە ئىنساننىڭ قانداقمۇ تاھارەت بىلەن تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەيران قالىمەن، سىلەرنىڭ تور بەتتىن: نىجاسەتنىڭ ھۆل نەرسىلەرنىڭ ئارىسىدىن يۆتكىلىدىغانلىقىنى، نەرسىلەرنىڭ ئۆزىدىن ياكى ئاستىدىن يۆتكەلمەيدىغانلىقىنى ئوقۇدۇم، ھەسەل ۋە قايماققا ئوخشاش سۇيۇق نەرسىلەرنىڭ ئارىسىدىنمۇ نىجاسەت يۆتكىلەمدۇ؟، مەن ئۆزۈمنىڭ مۇھىم ئىشىمنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغان،  ئودۇيۇم بولاپ قالغان بىر كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتىمەن، ئۇ كىشى چوڭ تەرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن تازىلاپ قويىمەن، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، نىجاسەت ھۆل نەرسىنىڭ ئاستىدىن يەنە بىر نەرسىگە يۆتكىلىدىغان بولسا، بۇ قائىدە نىجاسەتنىڭ كۆزگە كۆرۈنىدىغان ۋە كۆرۈنمەيدىغان ھەممە تۈرىگە مۇۋاپىق كېلەمدۇ؟ تەرلىگەن قولغىمۇ يۆتكىلەمدۇ؟، ئەگەر مەن پۇتۇمنى ئېقىۋاتقان نىجىس سۇغا تىقسام ئاندىن پۇتۇمنى تارتىۋېلىپ قۇرىغىچە قويۇپ قويسام، ئاندىن پايپاقنى كىيسەم، پۇتۇم ۋە پايپاق تەر بىلەن نەم بولسا شۇنىڭ بىلەن بۇ پايپاق نىجىس بولامدۇ؟، مەن بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا بەك گاڭگىراپ قىلىۋاتىمەن، چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:  بىزنىڭ تور بېتىمىزدە نىجاسەتنىڭ ھۆكمى جەھەتتە نەم نەرسىلەر بىلەن ھۆل نەرسىلەرنىڭ ئارىسىىنى ئايرىيدىغان بىر نەرسە ئىلان قىلىنمىدى، بەلكى ھۆل نەرسە بىلەن نەم نەرسىنىڭ ھۆكمى بىر، پەرق بولسا نىجاسەت بىلەن ھۆل بولغان نەرسە بىلەن قۇرۇق نەرسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرقتۇر.

قۇرۇق نىجاسەتكە ئۆزىگە ئوخشاش قۇرۇق نىجاسەت يۇقسا نىجىسلىق يۆتكەلمەيدۇ، بۇ قاراش بىلەن بىلىنىدىغان ئىش، قۇرۇق نەرسىلەرنى نىجاسەتنىڭ رەڭگى، تەمى ۋە پۇرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ سۈپەت ئاشكارا بولمايدۇ، بۇ پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش قۇرۇق نەرسىگە ئۇچرىشىشتۇر.

ئىمام سۇيۇتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:  قائىدە:  قومۇلى جەۋاھىردە مۇنداق دەيدۇ:  قۇرۇپ قالغان نىجىس نەرسە پاكىزە بولغان قۇرۇق نەرسىگە ئۇچراشسا ئىككىلىسى قۇرۇق بولغانلىقى ئۈچۈن نىجىس بولمايدۇ،”. [ “ئەل ئەشباھ ۋەن نەزائىر”  1 -توم 432 -بەت. ]

شەيخ ئىبنى جىبرىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “قۇرۇق نىجاسەت بەدەنگە ياكى قۇرۇق كىيىمگە تەگسە بۇنىڭ زىيىنى يوق، چۈنكى نىجاسەت دېگەن نەملىك بىلەن تارىلىدۇ”. [ “ئىسلام پەتىۋالىرى”  1 -توم 194 -بەت. ]

ئەمما نىجاسەت نەم بولسا، ھۆل بولسۇن ياكى قۇرۇق بولسۇن باشقا نەرسىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا يۆتكىلىدۇ.

ئىككىنچى:  ھەسەل ۋە قايماق دېگەندەك كۆزگە كۆرۈنىدىغان سۇيۇق نەرسىلەر نىجاسەتكە ئارىلاشقاندا ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، نىجاسەتنى يۇقتۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئارىسىدىنمۇ نىجاسەت يۆتكىلىدۇ، بولۇپمۇ ئۇنىڭغا مەلۇم مىقداردا نىجاسەت چۈشۈپ كەتسە، ئەتراپقا تارىلىدۇ، كۆپ مىقداردا نىجاسەت چۈشۈپ كەتسە، نىجاسەتنىڭ تەسىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سۇيۇق نەرسىلەرگىلا بولىدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن تەبىئى مايغا چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ قالغان ساچقان توغرىسىدا سورىغاندا؟، مەيمۇنە ئانىمىز مايغا چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتكەن ساچقان توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيىسسالامدىن سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ساچقاننى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ماينى ئىلىپ تاشلىۋېتىڭلار، قالغىنىنى يەڭلار» دېگەن. [ بۇخارى رىۋايىتى5538  -ھەدىس].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ : «ئەتراپىنى»دېگەن سۆزى ئۆلۈكنىڭ ئەتراپىدىكى نەرسىنىڭ نىجىس بولىدىغانلىقىنىڭ ۋە نىجاسەتنىڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر، بۇنىڭدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، بۇ يەردىكى ئىختىلاپ:  سۇيۇق نەرسىدىن ئۇنىڭدىن  زىيادە بولغىنىدا قانداق بولىدىغانلىقىدۇر.

ھەر قانداق ھالەتتە:  بىزگە مۇھىم بولغىنى سۇيۇق ماددىلار نىجاسەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، خۇددى سۇمۇ نىجاسەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندەك، چۈنكى سۇدا باشقا سۇيۇقلۇق ماددىلاردا بولمىغان نىجاسەتنى يىراق قىلىش كۈچى بار.

ئۈچىنچى:  بۇ مەسىلىدە مادامىكى نىجاسەتنىڭ يۇققان ئورنى بىلىنسە، ياكى نىجاسەتنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرەرسى ئاشكارا بولسا سۇيدۇككە ئوخشاش كۆزگە كۆرىنىدىغان نىجاسەتلەر بىلەن كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان نىجاسەتلەرنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق، ئورۇن نىجاسەتنىڭ پۇرىقى، رەڭگى ياكى تەمى قاتارلىق ئۈچ سۈپىتىنىڭ بىرىنىڭ ئاشكارا بولىشى بىلەن نىجىس بولىدۇ، ئەگەر بۇنىڭ كىيىمگە يۇققانلىقى تەقدىر قىلىنسا، كىيىمنىڭ رەڭگىدە سۇيدۇكنىڭ ئەسىرى نامايەندە بولمايدىغان بولسا، بۇنىڭدىن ئۇ كىيىم نىجىس بولمايدۇ دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ.

لېكىن نىجاسەت ئاز بولسا، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمىسا، سۇيدۇك تامچىلىرىغا ئوخشاش، ئالىملار بۇنىڭدىن ئەپۇ قىلىنىدۇ دەيدۇ.

شىيرازى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “نىجاسەت قاراش بىلەن بىلگىلى بولمايدىغان ھالەتتە بولسا، بۇنىڭدا ئۈچ خىل يول بار:  بىزنىڭ ھەمراھلىرىمىزدىن بەزىسى بۇنىڭغا ھۆكۈم بېرىلمەيدۇ، چۈنكى بۇنىڭدىن ساقلىنىش مۇمكىن بولمايدۇ ئۇ خۇددى چاڭ-توزانغا ئوخشايدۇ دەيدۇ. بەزىلىرى:  ئۇنىڭ ھۆكمى باشقا نىجاسەتلەرنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش، چۈنكى ئۇنىڭ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان نىجاسەت ئىكەنلىكى ئېنىق دەيدۇ”.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “مۇشۇنىڭ ھەممىسىدىن تاللانغان توغرا قاراش بولسا:  سۇ بىلەن كىيىم نىجىس بولمايدۇ، مەھامىلى بۇ قاراشنى “ئەل مۇغنى”دا كەسكىن بايان قىلدى. ئەبۇ تەييىب ئىبنى سەلەمە كىتابىدا نەقىل قىلدى. ئىمام غەزالى، ۋە ئۇددە ناملىق ئەسەرنىڭ ساھىبى سەھىھ دېدى.

بۇنداق بولىشى بۇنىڭدىن ساقلىنىش قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا دىندا سىلەرگە قىيىنچىلىق قىلمىدى». ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. [“شەرھىل مۇھەززەب”  1 -توم 178 -بەت. ]

مىرداۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ” ئايەتنىڭ سىياقى بۇ نىجاسەتلەردىن ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭ جۈملىسىدىن:  رىئايەدە دېيىلگەن:  توغرا قاراشتا قانغا ئوخشاش سۇيۇق نىجاسەتلەر بولسا ئۇنىڭ ئازلىرىدىن ئەپۇ قىلىنىدۇ، ئاز دېگىنىمىز كۆر بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان دېمەكتۇر. شەيخ تەقىييىددىن:  ئازدىن ئەپۇ قىلىنىدۇ دېگەندىن:  يېمەكلىك بولسۇن ياكى ئۇنىڭ غەيرىدىكى نەرسىلەر بولسۇن ھەتتا ساچقاننىڭ مايىقى بولسۇن بارلىق نىجاسەتلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ دېگەن قاراشنى تاللىدى.

“پۇرۇدا”مۇنداق دەيدۇ: ” كىيىمدە ۋە يېمەكلىكتە بولغانلىرىدىن ئەپۇ قىلىنىدۇ چۈنكى بۇنىڭدا قىيىنچىلىق كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈندۇر، ئەقىل ئىگىلىرى ئومۇم بولغان ئىشلاردا شەك قىلمايدۇ، ئۇنغا ئوخشاش تارتىلغان نەرسىلەر شېكەر قومۇشىغا ئوخشاش سىقىلغان نەرسىلەر، مايغا ئوخشاش سۇيۇق نەرسىلەرنى ساچقاننىڭ ئېچىپ قويۇشى، چىۋىننىڭ ۋە پاشىنىڭ قېنى قاتارلىق قۇشنىڭ مايىقى دېگەندەك نەرسىلەردىن ساقلاش قىيىن بولىدۇ، مەزھەپتىكى يارەنلەرنىڭ كۆپچىلىكى بۇنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى تاللىدى”.  [“ئەل ئىنساپ”  1 -توم 334 -بەت. ]

بەزىلەر كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بولسىمۇ ئاز نىجاسەتتىن ئەپۇ قىلىنمايدۇ دەيدۇ.  [“كەشاپۇل قىنا”  1 -توم 190 -بەت].

تۆتىنچى:  سۈننەت بويۇنچە ئىنسانغا نىجاسەت يۇقسا ئۇنى قۇرۇپ بولغىچە قويۇپ قويماستىن دەرھال نىجاسەتنى تازىلاشقا ئالدىرايدۇ، بۇ توغرىدا ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «بىر سەھرالىق كىشى كېلىپ مەسچىتنىڭ بىر تەرىپىگە سېيىپ قويدى، كىشىلەر ۋارقىراپ ئۇنى چەكلىمەكچى بولغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى بۇنداق قىلىشتىن توستى، ئۇ ئادەم سېيىپ بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى بىر چېلەك سۇ ئەكىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە چېچىپ ئىقىتىۋېتىشكە بۇيرىدى». [بۇخارى رىۋايىتى 221-ھەدىس].

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ھەدىستە: ئۇ ئادەم سېيىپ بولغاندىن كېيىنلا سۇ ئەكىلىپ قويۇۋېتىشكە بۇيرۇغانلىقى  بولسا “چەكلىمە يوق بولغاندا مەپسەدەنى تىزدىن يوق قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بايان قىلىدۇ”. [“پەتھۇل باردىن ئىلىندى ” ].

بەشىنچى:  نىجىس قەدەم تەرلىسە، ئۇنىڭ نىجىسلىقى چوقۇم پايپاققا يۆتكىلىدۇ، چۈنكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ھۆل نىجاسەت ئۆزىنىڭ غەيرىگە يۆتكىلىدۇ، گەرچە يۆتكىلىنگەن ئورۇن قۇرۇق بولسىمۇ ئوخشاشتۇر.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى