چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

مېيىتنىڭ شەرىئەت بويۇنچە يۇيۇلىشى توغرىسىدا

سۇئال

مېيىت قايسى ئۇسۇل بىلەن يۇيىلىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىسلامى شەكىلدە مېيىت يۇيۇش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن مېيىت ئىستىنجا قىلدۇرىلىدۇ، ئەگەر مېيىتتىن چوڭ-كىچىك تەرەت كەلگەن بولسا، مېيىتنى يۇغۇچى قولىغا رەختەك بىر نەرسىنى ئوراپ مېيىتنىڭ ئالدى-كەينى ئەزاسىنى يۇيىدۇ، سۇ قۇيىدۇ، مېيىتنىڭ كىندىكىدىن تىزىغىچە بولغان يەرلىرىنى يۆگەيدۇ، ئاندىن مېيىتنى خۇددى نامازغا تاھارەت ئالدۇرغاندەك تاھارەت ئالدۇرىدۇ، ئېغىز بۇرۇنلىرىنى سۇ بىلەن سۈرتىدۇ، يۈزى ۋە بىلەكلىرىنى يۇيىدۇ، بىشى ۋە قۇلىقىغا مەسىھ قىلىدۇ، ئىككى پۇتىنى يۇيىدۇ، ئاندىن مېيىتنىڭ بىشىغا خۇش-بۇي نەرسە ئارىلاشتۇرۇلغان سۇنى قۇيىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن مېيىتنىڭ ئوڭ تەرىپى كېيىن سول تەرىپىنى يۇيىدۇ، مېيىتنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە سۇ قۇيىدۇ، ئاخىرىدا مېيىتنىڭ بەدىنىنى كۈچلاندۇرىدىغان، پۇراقلىق بولغان كاپۇر ئارىلاشتۇرۇلغان سۇ بىلەن يۇيىدۇ.

مانا بۇ مېيىتنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە يۇيۇش ئۇسۇلى، بۇنىڭدىن باشقا مېيىتنى قايسى شەكىلدە سۇغا ئالسا بولاۋىرىدۇ، مۇھىم بولغىنى مېيىتنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە سۇ قۇيۇپ، نىجاسەتلەرنى يوق قىلىشتۇر. لېكىن ياخشىسى، ئالدى بىلەن ئىستىنجا قىلدۇرۇش، ئاندىن ئىسلامى شەكىلدە تارەت ئالدۇرۇش، ئاندىن خۇش-بۇي نەرسە ئارىلاشتۇرۇلغان سۇ بىلەن ئۈچ قېتىم يۇيۇش، ئۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن بەدەننى ئۈچ قېتىم يۇيۇش، ئوڭ تەرەپ-سول تەرەپتىن ئۈچ قېتىم يۇيۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر بۇنىڭدىن ئارتۇق يۇيۇشقا ئىھتىياجلىق بولغاندا بەش قېتىم ياكى يەتتە قېتىم يۇيۇش كېرەك، ياخشىسى تاق يۇيۇش كېرەك.

مېيىتنى بىر-ئىككى قېتىم يۇسىمۇ بولىدۇ، لىكىن ياخشىسى ئۈچ قېتىم ياكى بەش قېتىم ياكى مۇھىم بولغاندا يەتتە قېتىم يۇسا ياخشى بولىدۇ.

[شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى".

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى