بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
مۇئاز ئىبنى ئەنەس جۇھەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئاننى ئوقۇپ ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بېىشغا قىيامەت كۈنىدە (ئەگەر ئۇ تاج دۇنيادا بولۇپ قالسا دۇنيانىڭ ئۆيلىرىنى يورۇتقان قۇياش نۇرىدىن نۇرلۇق بولغان) تاج كەيدۈرىلىدۇ، ئۆزى ئوقۇپ ئەمەل قىلغان كىشىنىڭ مۇكاپىتى قانداق بولىدۇ دەپ ئويلايسىلەر؟». [ئىمام ئەھمەد "ئەررىسالە" ناملىق ئەسەر 15645-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد 1241-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ زەئىپ دېگەن بولسىمۇ، لېكىن شەيخ ئەلبانىيدىن باشقا مۇسنەدنى تەتقىق قىلغۇچىلار ھەسەن دېگەن].
بۇرەيدەتىل ئەسلەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھىبۇل قۇرئان يەنى قۇرئان ياد قىلغۇچى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئۇ كىشىنىڭ بېشىغا ئېسىل تاج كەيدۈرىلىدۇ، ئاتا-ئانىسىغا دۇنيا ئەھلى قىممىتىگە يېتەلمەيدىغان بىر قۇردىن ئىككى قۇر كىيىم كەيدۇرىلىدۇ، ئۇ ئىككەيلەن: بىزگە نېمە ئۈچۈن بۇ ئېسىل كىيىم كەيدۈرۈلدى؟ دەيدۇ، ئۇلارغا: پەرزەنتىڭلار قۇرئان ياد قىلغانلىقى ئۈچۈن دەيدۇ، ئاندىن قۇرئان ياد قىلغان كىشىگە: قۇرئان ئوقۇغىن ۋە جەننەتنىڭ مەرتىۋېلىرى ۋە يۇقىرى ئۆيلىرىگە ئۆرلىگىن دېيىلىدۇ، ئەگەر ئۇ كىشى ئالدىرماي ئوقۇسۇن ياكى تىز ئوقۇسۇن ئوقۇغان ۋاقىتتا يۇقىرغا ئۆرلەپ تۇرىدۇ». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 22950-ھەدىس].
مۇسنەدنى تەتقىق قىلغۇچىلار بۇ ھەدىسنى تەكشۈرۈپ ھەدىسنىڭ ئىسنادىدا بەشىر ئىبنى مۇھاجىر غەنەۋىي دېگەن كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەدىسنىڭ ئىسنادى ھەسەن، باشقا راۋىلىرى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ راۋىلىرى دېگەن، ھاپىز ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ تەپسىر كىتابىنىڭ 1-توم 62-بەتتە بۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەن، بەزى يوللاردىن كەلگەن ئىسنادلار بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىگە شاھىت بولىدۇ".
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشىدىن: قۇرئان ياد قىلدۇرغاننىڭ ساۋابى پەقەت ئاتا-ئانىغا بولىدىغانلىقى ئېپادىلىنىدۇ، چۈنكى ئەرەپچىدىكى ۋالىدەين دېگەن سۆز ئاتا-ئانىنى بىلدۈرىدىغان ئىككىلىك سۆزدۈر، ئەگەر ئاتا-ئانىدىن باشقا تۇغقانلارنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان بولسا ئەلۋەتتە كۆپلۇك شەكىلدە بايان قىلىنغان بولاتتى. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.