شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

تەمەتتۇ ھەج قىلغۇچىنىڭ تاۋاپ ۋە سەئيىنى قانچە قېتىم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

تەمەتتۇ ھەج قىلغۇچى ھەج ئۈچۈن ئايرىم تاۋاپ ۋە سەئيى قىلامدۇ ياكى ئۆمرىدە قىلغان تاۋاپ ۋە سەئيى كۇپايە قىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ئىمام مالىك، شاپىئىي ۋە ئىمام ئەھمەدتىن بايان قىلىنغان سەھىھ بىر رىۋايەتتە ۋە باشقا كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا: تەمەتتۇ ھەج قىلغان كىشى ئىككى قېتىم تاۋاپ قىلىدۇ ۋە ئىككى قېتىم سەئيى قىلىدۇ، بىر تاۋاپ بىلەن سەئيى ئۆمرە ئۈچۈن بولىدۇ، يەنە بىر تاۋاپ بىلەن سەئيى ھەج ئۈچۈن بولىدۇ.

     ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن تەمەتتۇ ھەج توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇ كىشى مۇنداق دېگەن: "مۇھاجىرلار، ئەنسارىلار، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى ۋىدالىشىش ھەججىدە ھەجگە ئېھرام كىيىپ تەلبىيە ئېيتتى، بىزمۇ شۇنداق قىلدۇق، مەككىگە كەلگەن ۋاقتىمىزدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەجنى مەقسەت قىلغان ئېھراملىرىڭلارنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتىڭلار پەقەت قۇربانلىق ئېلىپ كەلگەنلەر ئېھرامدىن چىقمىسۇن دېدى، شۇنىڭ بىلەن بىز تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېھرامدىن چىقىپ، ئاياللىرىمىز بىلەن بىرگە بولۇپ، كىيىملىرىمىزنى كەيدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: قۇربانلىق ئىلىپ كەلگەنلەر قۇربانلىقنى ئادا قىلمىغۇچە ئېھرامدىن چىقمايدۇ دېدى، مىناغا چىقىدىغان كۈنى كەچتە بىزنى ھەجنى مەقسەت قىلىپ ئېھرام كىيىشكە بۇيرىدى، بىز ئەرەپاتتىن قايتىپ كىرگەندىن كېيىن كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋىدە سەئيى قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ھەججىمىز تامام بولدى، بىزگە بىردىن قوي قۇربانلىق كېرەك بولدى». بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ھەج توغرىسىدا ئاللاھنىڭ:ھەرەم ئەھلىدىن بولمىغان كىشىلەر دېگەن ئايەت بايان قىلىنغان باپتا كەلتۈرگەن.

    شەيخ شەنقىتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ سەھىھ بۇخارىدا ئىسپاتلانغان ھەدىس بولۇپ، بۇ ھەدىس تەمەتتۇ ھەج قىلغۇچىنىڭ ئۆمرە ئۈچۈن تاۋاپ ۋە سەئيى قىلىپ بولسا ئېھرامدىن چىقىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھەج ئۈچۈن تاۋاپ ۋە سەئيى قىلىدىغانلىقىنى بلدۈرىدىغان، ئىختىلاپنى ھەل قىلىدىغان دەلىلدۇر. ["ئەزۋائۇل بايان"5-توم 178-بەت].

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەردىن: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىس تەمەتتۇ ھەج قىلغۇچىنىڭ ئەرەپاتتىن قايتىپ كىرگەندىن كېيىن ھەج ئۈچۈن تاۋاپ ۋە سەئيى قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئىلگىرى ئۆمرە ئۈچۈن قىلغان تاۋاپ ۋە سەئيىسىنىڭ بۇنىڭغا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ۋە ئىختىلاپنى ھەل قىلىدىغان ئوچۇق دەلىلدۇر. ["ئەزۋائۇل بايان" 5-توم 182-بەت].

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ئۆمرىگە ئېھرام كىيگەنلەر تاۋاپ ۋە سەئيى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېھرامدىن چىقتى، ئەرەپاتتىن قايتقاندىن كېيىن ھەج ئۈچۈن تاۋاپ ۋە سەئيى قىلدى، ئەمما ھەج بىلەن ئۆمرىگە بىللە ئېھرام كىيگەنلەر بىر قېتىملا تاۋاپ ۋە سەئيى قىلدى". [بۇخارى رىۋايىتى 1557-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1211-ھەدىس].

    شەنقىتى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مانا بۇ قىران ھەج بىلەن تەمەتتۇ ھەجنىڭ ئارىسىدىكى پەرىقنى ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىدىغان بىرلىككە كەلگەن روشەن دەلىلدۇر، قىران ھەج قىلغۇچى يالغۇز ھەج قىلغۇچىغا ئوخشاش بىر قېتىم تاۋاپ ۋە سەئيى قىلىدۇ، تەمەتتۇ ھەج قىلغۇچى بولسا ھەج ئۈچۈن بىر تاۋاپ ۋە سەئيى قىلىدۇ، ئۆمرە ئۈچۈنمۇ ئايرىم تاۋاپ ۋە سەئيى قىلىدۇ. يۇقىرىدا ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىس بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپقا ھېچ ئورۇن يوق.

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەر قىران ھەج بىلەن تەمەتتۇ ھەجنىڭ ئارىسىدا پەرق بار دېگەن سۆزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، ئاللاھ خالىسا بۇ توغرىدۇر". ["ئەزۋائۇل بايان" 5-توم 185-بەت].

    دائىمى كومىتېت ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: "تەمەتتۇ ھەج قىلغۇچى ئىككى سەئيى قىلىدۇ. يەنى بىر قېتىم ئۆمرە ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ھەج ئۈچۈن سەئيى قىلىدۇ".  [شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان قاتارلىقلار. ["ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى" 11-توم 258-بەت].

    بۇ قاراشنى شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئالى شەيخ  ئۆزىنىڭ "پەتىۋالار توپلىمى" 6-توم 65-بەتتە، ۋە شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن:"شەرھىل مۇمتىئ"7-توم 374-بەتتە كۇچلاندۇرۇپ مۇنداق بايان قلغان: "تەمەتتۇ ھەج قىلغۇچى: ھەج ئايلىرىدا ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ ئېھرام كىيىپ كەئبىنى تاۋاپ قىلىپ ۋە سەئيى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېھرامدىن چىقىپ، شۇ يىلى يەنە ھەج قىلغان كىشى بولۇپ، ئۇ كىشىگە مۇتلەق سەئيى قىلىش كېرەك بولىدۇ، يەنى ئۇ كىشىگە ئىككى قېتىم تاۋاپ قىلىش ۋە ئىككى قېتىم سەئيى قىلىش كېرەك بولىدۇ. ئۆمرە ئۈچۈن بىر تاۋاپ ۋە سەئى قىلىدۇ، شۇنىڭدەك ھەج ئۈچۈنمۇ بىر تاۋاپ ۋە سەئى قىلىدۇ".

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى