چارشەنبە 1 شەۋۋال 1445 - 10 ئاپرىل 2024
Uygur

جازانە يولى بىلەن پايدا ئىلىش ۋە تارتقان زېياننى جازانە يولى بىلەن تۆلەش توغرىسىدا

20876

تارقاتقان ۋاقىت : 03-01-2021

كۆرگۈچىلەر : 3280

سۇئال

مېنىڭ بانكا ھېسابىمدا مەلۇم مىقداردا پۇل بولۇپ. بۇنىڭغا بانكىدىن ئۆسۈم بېرىدۇ، مەن ھازىر بۇ ھېسابنى ئۈزېۋىتىشكە ئۇرىنىۋاتىمەن، ئۆتكەن ۋاقىتتا بانكىدىن مەلۇم پايچىكىگە ئىشتىراك قىلدىم، ئۇ ۋاقىتنىڭ بۇنداق قىلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم، بۇ پايچىكنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كەتتى، مەن بانكىدىن ئۆسۈم ئالغان ئىقتىساد بىلەن پايچىكىدىن تارتقان زېيىنىمنى تولۇقلىسام توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

جازانىدىن تەۋبە قىلغان كىشى ئۈچۈن پەقەت ئۆزىنىڭ ئەسلى مەبلىغىنى ئېلىشى كېرەك بولىدۇ، ب ۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِنْ تُبْتُمْ فَلَكُمْ رُؤُوسُ أَمْوَالِكُمْ لا تَظْلِمُونَ وَلا تُظْلَمُونَ تەرجىمىسى: ئەگەر (جازانە قىلىشتىن) تەۋبە قىلساڭلار، (قەرز بەرگەن) سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ، باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر، ئۆزۈڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەربەقەرە سۈرىسى 279-بەت.

بۇنىڭدىن ئارتۇق بولغىنى ئېلىش توغرا بولمايدۇ، ئەگەر ئالغان بولسا ئۇنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرىپ قىلىش ئارقىلىق خالاس بولىشى كېرەك.

سوئالدا بايان قىلىنغان ئىككى تۈرلۈك ئىش بولۇپ، بۇنى تەپسىلى بايان قىلىش كېرەك بولىدۇ: ئۇ بولسىمۇ جازانە بانكىسىدىن ئۆسۈم ئېلىش ۋە بۇنىڭ بىلەن پايچېكىدىن تارتقان زېياننى تولۇقلاشتىن ئىبارەت.

بىرىنچى مەسىلە: جازانە بانكىسىغا پۇل قويۇپ، قويغان پۇلدىن ئارتۇق ئۆسۈم ئېلىش بولۇپ بۇ توغرىدا دائىمىي كومىتېتى ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: "بانكىنىڭ پۇل ئامانەت قويغۇچىلارغا بېرىدىغان ئارتۇق پۇلى جازانە بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئۆسۈمگە بېرىلگەن پۇلدىن پايدىلىنىشى توغرا بولمايدۇ، ئۇلار جازانە بانكىسىغا پۇل قويغانلىقتىن ئىبارەت خاتالىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ، بانكىغا ئامانەت قويغان پۇل بىلەن ئۇنىڭ پايدىلىرىنى دەرھال ئېلىۋىلىشى، ئەسلى پۇلىنى ساقلاپ قىلىپ ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولغان پۇللارنى ياخشىلىق يوللىرىغا، پىقىر-مىسكىنلەرگە ۋە كېرەكلىك جايلارنى ئىسلاھ قىلىشقا سەرپ قىلىۋېتىشى كېرەك بولىدۇ. ["ئىسلام پەتىۋالىرى"2-توم 404-بەت].

شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بانكىدىن سىزگە ئۆسۈمدىن بەرگەن پۇلنى بانكىغا قايتۇرىشىڭىزمۇ ۋە ئۇنى ئىستىمال قىلىشىڭىزمۇ توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۇنى پىقىر-مىسكىنلەرگە ياردەم قىلىش، سۇ يوللىرى ۋە تۇربا يوللىرىنى رېمونت قىلىش، ئاجىز-بىچارىلەرنىڭ قەرىزلىرىنى ئادا قىلىش قاتارلىق ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ. ["ئىسلام پەتىۋالىرى"2-توم 407-بەت].

ئىككىنچى مەسىلە: پايچىكىدىن تارتقان زېياننى جازانىدىن ئالغان مال بىلەن تولۇقلاش بولۇپ، بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، جازانىغا كەلگەن مالنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش توغرا بولمايدۇ.

پايچەك ئىگىسى پايچىكىدىن تارتقان زېيىنىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، ئۇنىڭدىن تارتقان زېيىنىنى ھارام مال بىلەن تولۇقلىشى توغرا بولمايدۇ.

ئۇ كىشىنىڭ جازانە مۇئامىلىسىنى بىلمەستىن بۇ ئىشقا كېرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ، بىلمەسلىكى سەۋەبىدىن ئۈزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ، لېكىن بۇ بىلمەسلىك جازانىدىن كەلگەن مالدىن پايدىلىنىپ پايچېكىدىن تارتقان زېياننى تولۇقلاشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىغا سەۋەپ بولالمايدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى