جۈمە 21 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 22 نويابىر 2024
Uygur

ئەۋلادلىرىمىزنى قانداق تەربىيەلەش توغرىسىدا

سۇئال

ئەخلاقىمىزنى قانداق تەرەققى قىلدۇرىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىزنى گۈزەل ئەخلاق بىلەن قانداق تەربىيىلەيمىز؟، مەن نۇرغۇن ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ: ئۇلار گۈزەل ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەت ياخشى، سالىھ، ئالىم-ئۆلىمالار بىلەن ھەم سۆھبەت بولىشى كېرەك دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، مەن بەك بىئارام بولۇپ كېتىۋاتىمەن، چۈنكى مېنىڭ ئەتراپىمدىكى مۇھىت بەك ناچار مۇھىت، ياشاۋاتقان جەمئىيىتىمىز ئومۇمەن گۈزەل ئەخلاق بىلەن زىننەتلىنىشكە ياردەم بەرمەيدۇ، (بولۇپمۇ مەن ئىسلام دىنىغا كىرگەن قىسقا مۇددەتتىن بىر) مەندە ئەخلاقىمنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا يېتەرلىك ئىلىم-مەرىپەت يوق، بولۇپمۇ ئوغۇللىرىمنىڭ ئەخلاقى ، ئۇلارنىڭ تىلىۋېزۇرغا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كېتىشى،  سەلبىي تەسىر بېرىدىغان بەزى دوست-بۇرادەرلىرىگە ئارىلىشىشى مېنى بەك بىئارام قىلىدۇ، ھەتتا بىز ئۇلارنىڭ دىلىغا گۈزەل ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن شۇنچە ئۇرۇنساقمۇ، جەمئىيەتنىڭ ۋە دوستلىرىنىڭ تەسىرى بىزنىڭ ئۇرۇنىشىمىزدىن ھەسسىلەپ زىيادە بولدى، مەن بۇ قىيىنچىلىقلارنى قانداق ھەل قىلىشنى بىلەلمەي ھەيرانلىقتا قالدىم، سەۋرچانلىق ۋە مېھرىبانلىقنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلمىدى، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قاتتىقلىق ۋە قوپاللىق قىلىش كېرەكمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

ئاللاھ تائالانىڭ سىزنى ئىسلام دىنىغا ھىدايەت قىلغانلىقىدىن ئىبارەت كاتتا نېمىتىنى تەبرىكلەيمىز، ئاللاھ تائالادىن بىزنى ۋە سىزنى ئۆزىگە ئۇچراشقانغا قەدەر بىزدىن رازى بولغان ھالەتتە بىزنى دىندا مۇستەھكەم قىلىشىنى سورايمىز، شۇنىڭدەك، سىزنىڭ ئەۋلادلىرىڭىزنى گۈزەل ئەخلاق ۋە ياخشى تەربىيە قىلىشقا ھېرىسمەنلىكىڭىزنىمۇ تەبرىكلەيمىز.

سىزنىڭ سوئالىڭىزغا بېرىدىغان جاۋاپ بولسا بۇنى ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى، ياردەم بېرىشى بىلەن سىزگە ياردىمى بولىدىغان بەزى مۇھىم بەلگىلەرنى ئىمكانىيتىمىز يەتكەنچە بايان قىلىپ بېرىمىز:

بىرىنچى:  شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ناچار ئەخلاق كۆپ ۋاقىتلاردا ئىنساننىڭ نەپسى-خاھىشى ۋە ھاۋايى-ھەۋىسىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ،  شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلار كىچىككىنە تەسىر ۋە ئەڭ ئاجىز سەۋەپ بىلەنمۇ ناچار ئەخلاقنى تىز يېتىلدۈرىدۇ، بۇنىڭ قارشىسىدا، گۈزەل ئەخلاق بولسا، ئىنساننىڭ نەپسىنى پاكلايدۇ، ئۆزىنى بۇزىدىغان نەپسى شەھۋەتلەردىن چەكلەيدۇ، پايدىلىق تەرەپ غالىپ كېلىدۇ، گۈزەل ئەخلاق دېگەن نەپسى-خاھىشىنىڭ قارشىسىدىكى يولدا مېڭىش بولۇپ، بۇنى ئەمەلىي قۇرۇپ چېقىش ۋە يېتىلدۈرۈش كۆپ كۈچ ۋە تېرىشچانلىققا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

توغرا تەربىيە ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە نەپسى-شەھۋەتلەرگە، بۇزۇقچىلىققا تاقابىل تۇرىدىغان گۈزەل ئەخلاقنى مۇستەھكەم قىلىدۇ، ئىنساننى كۆڭلىگە يارايدىغان ئىشلار بىلەن راھەتنى ھېس قىلىدىغان قىلىدۇ، بۇ گۈزەل ئەخلاققا قارشى كېلىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى بىت-چىت قىلىدۇ، ھەتتا كىچىك بالىلارمۇ بۇ گۈزەل ئەخلاقنى ياخشى كۆرۈش بىلەن قوبۇل قىلىدىغان بولىدۇ، ياخشى كۆرۈش دېگەن قاتتىقلىق ۋە بىسىم بىلەن بولمايدۇ بەلكى ئۇ تۆۋەندىكى ئىشلارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ:

1-مېھرىبانلىق ۋە مۇلايىملىق.

ئىنساننى باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا مېھرىبان ۋە مۇلايىم بولۇشقا يېتەكلەيدىغان نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، ئۇ ھەدىسلەردىن:

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە مېھرىبان بولۇشنى ياقتۇرىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 6024-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2592  -ھەدىس].

جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېھرىبانلىقتىن مەھرۇم قالغان كىشى كۆپ ياخشىلىقتىن مەھرۇم قالىدۇ».

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق ئىشتا مېھرىبانلىق بولىدىكەن، ئۇنى زىننەتلەيدۇ، مېھرىبانلىق تارتىۋېلىنىدىكەن ئۇنىڭ شەنىنى چۈشۈرىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 2594 -ھەدىس].

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ھەر قانداق بىر ئائىلىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ ئائىلىگە  مېھرىبانلىقنى كىرگۈزىدۇ». [ئىمام ئەھمەد “مۇسنەد”تە24427 – نومۇركۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ” سەھىھ جامىئۇس سەغىر”دە303 -ھەدىستە كەلتۈرگەن].

بالىلارنىڭ تەبىئىتىدىن؛ ئۇلار ئاتا-ئانىنىڭ ئۆزلىرىگە مۇمكىن قەدەر ۋاقىرىماستىن، ئاچچىقلانماستىن سەۋرچانلىق ۋە ھېكمەت بىلەن مېھرىبانلىق قىلىشىنى ، ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى، كۆڭۈل بۆلۈشىنى ياخشى كۆرىدۇ.

كېچىك ياشتىكى بالىلار كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئويۇنغا بەكرەك ئېھتىياجلىق بولىدۇ، شۇنىڭدەك يېشىغا مۇناسىپ شەكىلدىكى ئەدەپ ۋە دەرىسلىكلەرگە لايىق بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر نەرسىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ئادىللىق، ئوتتۇرھاللىق بىلەن بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ. ئەۋلادلار مېھرىبان ئاتىسىنى ياخشى كۆرسە، بۇ سۆيگۈ-ياخشى كۆرۈش ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە مېھرىبانلىق يوق بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا  قاتتىقلىق، شىددەت بولسا، يىراقلىشىش ۋە ئۈركۈشكە سەۋەپ بولىدۇ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قارشى چېقىش، گەپ ئاڭلىماسلىق ياكى قورقۇنچ چىرمىۋالغان بالىدا يالغانچىلىق ۋە ساختىپەزلىك پەيدا بولىدۇ.

2-مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولغاندا جازالاشقا زىت كەلمەيدۇ، لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، تەربىيە ئىشلىرىدا جازا قوللانغاندا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، پەرزەنتنى ھەر بىر خاتالىقى ئۈچۈن جازالاۋېرىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى جازا دېگەن مېھرىبانلىق كار قىلمىغان، نەسىھەت ئاڭلىمىغان ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەش ئۈنۈم بەرمىگەن ھالەتتە قوللىنىلىدۇ.

شۇنىڭدەك جازا پايدىلىق بولىشى كېرەك. مەسىلەن:  ئەۋلادلىرىڭىز كۆپ ۋاقىتنى تىلىۋىزۇر ئالدىدا ئۆتكۈزىدىغان بولسا، ئۇلارغا كۆرىدىغان پىرۇگراممىلارنى بېكىتىپ بېرىش پايدىلىق بولىدۇ، ئاساسەن ئۇلارغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ، مۇمكىن قەدەر چەكلەنگەن پىرۇگراممىلاردىن خالى بولىدۇ، ئەگەر ئۇلار بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن ئۆتۈپ كەتسە، ئۇلارنى تولۇق بىر كۈن تىلۋىزۇر كۆرۈشتىن مەھرۇم قىلىش ئارقىلىق جازالاش مۇمكىن بولىدۇ، يەنە بىر قېتىم خىلاپلىق قىلسا، ئەدەپلەشتە پايدىسى بولىدىغان، غەرەز-مەقسەت ئەمەلىيلىشىدىغان ھالەتتە ئۇنىڭدىن كۆپرەك ۋاقىت تىلۋىزۇر كۆرۈشتىن مەھرۇم قىلىش مۇمكىن بولىدۇ.

3-گۈزەل ئۆلگە بولۇش.

ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلىمەكچى بولغان گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن ئۆزلىرى ئەخلاقلىنىپ، ئۇلارغا ئۈلگە بولىشى كېرەك. ئۆزى تاماكا چېكىپ تۇرۇپ پەرزەنتىنى تاماكا چېكىشتىن چەكلىشى توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سەلەپ ئالىملىرىنىڭ بىرى پەرزەنتنىڭ مۇئەللىمگە: “سىزنىڭ تۇنجى ئىسلاھاتىڭىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى ئىسلاھ قىلىشنى روياپقا چىقىرىشتۇر، ئۇلارنىڭ ئەيىبلىرى سىزنىڭ ئەيىپىڭىزگە ئۇلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ يېنىدا قىلغان ئىشىڭىز گۈزەل بولسۇن، تەرك قىلغىنىڭىز قەبىھ بولسۇن”. [ “دەمەشىق تارىخى”  38 -توم  271-272 -بەتلەر].

4-ياخشى مۇھىت: ئۇ بولسىمۇ گۈزەل ئەخلاقلار مەدھىيىلىنىدىغان، ئۇنى قىلغۇچى ئېھتىرام قىلىنىدىغان مۇھىتتىن ئىبارەتتۇر. ھازىرقى دەۋرىمىزدە كۆپ جايلاردا بۇنداق گۈزەل مۇھىت يوق، لېكىن بىز ئاللاھ خالىسا ئىقتىسادى، جىسمانى ۋە جىسمى تەرەپتىن كۆپ  تىرىشچانلىق قىلىش ئارقىلىق مۇشۇنداق گۈزەل مۇھىتنى بەرپا قىلىشقا قادىر بولالايمىز. مەسىلەن:  بىر مەھەللىدە پەقەت بىر مۇسۇلمان ئائىلىسى ياشايدىغان بولسا، بۇ ئائىلە مۇمكىن قەدەر تىرىشچانلىق مۇسۇلمانلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان باشقا مەھەللىگە ياكى شەھەرگە  ياكى مەسچىت بولغان مەھەللىگە ياكى كېچىك بالىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىسلام مەركەزلىرىگە يېقىن جايغا يۆتكىلىپ كېتىشى كېرەك.

پەرزەنت تەنتەربىيىگە ياكى مەلۇم مەدەنىيەتكە قىزىقىدىغان بولسا، ئائىلىدىكىلەر مۇشۇ پەرزەنت ئۈچۈن يېشىغا مۇناسىپ كۇلۇپ ياكى دىندار مۇسۇلمانلار يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەدەنىيەت يۇرتلىرىنى ئىزدىشى كېرەك. مۇسۇلمان ئائىلە ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىدە پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيىلەشكە ھېرىسمەن بولىدۇ. ئەخلاقسىز مۇھىتتا باشقىلارغا ئارىلىشىشنىڭ زور تەسىرى بولىدۇ، ئارىلىشىشتىن كېلىپ چىققان بەزى ئىجابىي نەتىجىلەرنى يوق قىلىۋېتىدىغان سەلبىي نەتىجىلەرنى مەخپى تۇتۇشى كېرەك.

ئاتا-ئانا گۈزەل كىيىملەر، لەززەتلىك يېمەكلىكلەر ۋە ئازادە قورۇ-جاي ئۈچۈن مال سەرپ قىلىدىكەن، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىپ گۈزەل ئەخلاقنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈنمۇ مال سەرپ قىلىشى كېرەك.

ئىككىنچى:  سىز كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرى، سەجدە ئارىسى ۋە جۈمە كۈنلىرى قاتارلىق دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتلارنى غەنىمەت بىلىپ ئۇلارغا خۇسۇسىي دۇئا قىلىڭ. ئاللاھ تائالادىن پەرزەنتلىرىڭىزنى ئىسلاھ قىلىشنى، ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىشنى تىلەپ كۆپ دۇئا قىلىڭ. پەرزەنتلىرى ھەققىدە كۆپ دۇئا قىلىش بولسا ئاللاھ تائالانىڭ سالىھ بەندىلىرىنىڭ سۈپەتلىرىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا هَبْ لَنَا مِنْ أَزْوَاجِنَا وَذُرِّيَّاتِنَا قُرَّةَ أَعْيُنٍ وَاجْعَلْنَا لِلْمُتَّقِينَ إِمَامًا﴾‏ تەرجىمىسى: «ئۇلار: ئى پەرۋەردىگارىمىز!  بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى (يەنى بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلىشىڭنى) تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشۋاسى(يەنى تەقۋادارلارنىڭ نەمۇنىسى، ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى) قىلغىن، دەيدۇ». [سۈرە پۇرقان 74 -ئايەت].

شەيخ ئابدۇراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئۇلار بىلەن بىزنى خۇرسەن قىلغىن، بىز ئۇلارنىڭ ھالى ۋە سۈپەتلىرىدىن خۇرسەن بولغاندا، ئۇلارنىڭ ئالى مەرتىۋىسى ۋە ھىممىتىنى بىلىمىز، چۈنكى پەرزەنتلەرنىڭ رەببىگە ئىتائەتمەن بولغىنىنى، بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىنى ئۆگىنىپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىغىنىنى كۆرمىگۈچە ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلى خۇرسەن بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، پەرزەنتلەرنىڭ ئائىلىسى ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ ياخشى بولىشى ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىش كېرەك. چۈنكى پەرزەنتكە دۇئا قىلىشنىڭ پايدىسى ئاتا-ئانىغا قايتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلارغا ھەدىيە قىلىندى، بەلكى ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ پايدىسى ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا قايتىدۇ، چۈنكى ئىسمى زىكىر قىلىنغانلارنىڭ ئىسلاھ بولىشى ئۇلارغا ئالاقىدار بولغان ۋە ئۇلاردىن مەنپەئەتلىنىدىغان كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىسلاھ بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ”. [“تەيسىر كەرىيم ئەل مەننان پى تەپسىر كەلامۇر رەھمان”  587-بەت].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى