سەيشەنبە 25 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 26 نويابىر 2024
Uygur

مۇسۇلمان روھى كېسەللىككە گىرىپتار بولامدۇ؟

21843

تارقاتقان ۋاقىت : 25-01-2022

كۆرگۈچىلەر : 5072

سۇئال

مۇسۇلماننىڭ روھى كېسەللىككە گىرىپتار بولىشى مۇمكىنمۇ؟، بەزى كىشىلەر مۇسۇلمان روھى كېسەل بولمايدۇ دەيدىكەن؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئىنسان كېلەچەك ئۈچۈن ئەندىشە قىلىش، ئۆتكەن ئىشلار ئۈچۈن قايغۇرۇش سەۋەبلىك روھى كېسەللىككە گىرىپتار بولىشى مۇھەققەقتۇر.

روھى كېسەللىكنىڭ، ئىنسان جىسمىغا كۆرسەتكەن تەسىرىدىن، ئۇنىڭ پىسخۇلوگىيەسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئىنسانغا يەتكەن غەم-قايغۇ، دەرد-خاپىلىقلار ئومۇمى جەھەتتىن ئۇنىڭ خاتالىقلىرىغا كاپارەت، گۇناھلىرىنىڭ يەڭگىللىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. ئىنسان مۇپتىلا بولغان كېسەللىك ئۈچۈن ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ سەبرى قىلسا، ئەلۋەتتە ئەجرى بولىدۇ.

بۇ كېسەللىكنى ھېسسى دورىلار بىلەن داۋالىغاندىن، شەرئى ئۇسۇل بىلەن داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى زور بولىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇمدۇر.

شەرئى ئۇسۇللار ئارقىلىق غەم-قايغۇنى يوق قىلىش ئۈچۈن ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان دۇئالارنى ئوقۇش كېرەك. سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان دۇئالاردىن: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ بەندەڭ، بەندەڭنىڭ ۋە قۇلىڭنىڭ ئوغلىمەن، مېنىڭ كوكۇلام سېنىڭ قولىڭدىدۇر، سېنىڭ ھۆكمىڭ ماڭا ئۆتكۈچىدۇر، ھەققىمدە چىقارغان ھۆكمىڭ مۇتلەق ئادىلدۇر، سەن كىتابىڭدا نازىل قىلغان ياكى مەخلۇقلىرىڭدىن بىرەرسىگە بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ئىلمى غەيبىڭ قاتارىدا ساقلاشنى ئىرادە قىلغان، قىسقىسى سەن ئۆزەڭنى ئاتىغان ۋە ساڭا مەنسۇپ بولغان بارلىق ئىسىملىرىڭ بىلەن، قۇرئاننى قەلبىمنىڭ باھارى، دىلىمنىڭ نۇرى، غەم-قايغۇلىرىمنى كەتكۈزگۈچى قىلىپ بېرىشىڭنى سورايمەن. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى]. مانا بۇ شەرئى يول بىلەن روھى كېسەللىكنى داۋالاش ئۇسۇلىدۇر. شۇنىڭدەك يەنە بىر ھەدىستە سۈرە ئەنبىيادىكى بۇ ئايەتنى ئوقۇشنى كۆرسىتىدۇ:لَّا إِلَـٰهَ إِلَّا أَنتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنتُ مِنَ الظَّالِمِينَتەرجىمىسى: ئى پەرۋەردىگارىم! سەندىن بۆلەك ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، سەن (جىمى كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن ئۆز نەپسىمگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم. [تىرمىزى رىۋايىتى].

ئىنسان ئۆزىگە ئۆزى ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگەن دۇئالارنى ئوقۇپ دەم سىلىش ئارقىلىق ئاللاھتىن شىپالىق تىلەشمۇ شەرئى ئۇسۇل بىلەن داۋالىنىشنىڭ تۈرىدىندۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇخلاشتىن ئىلگىرى سۈرە ئىخلاس، فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرىنى ئوقۇيتتى ۋە ئىككى قولىغا سۈپلەپ بەدىنىدىن قولى يەتكەن جايلارغا قەدەر سىلايتتى. ئەگەر كىمكى مەزكۇر دۇئالارنى ئۆزى ئوقۇيالمىسا، ئىشەنچىلىك تەقۋادار كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ دۇئا ئۇقۇتسىمۇ (رۇقىيە شەرئىييە)بولىدۇ.

بۇ ھەقتە يەنىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئىبنى قەييىمنىڭ دۇئا-زىكىر توغرىسىدا يېزىلغان: "ئەلۋابىلىس سەييىب"، ئىبنى تەيمىيەنىڭ: "ئەلكەلىمۇت تەييىب"، ئىمام نەۋەۋىينىڭ: "ئەلئەزكار" شۇنىڭدەك يەنە ئىبنىل قەييىمنىڭ: "زادۇل مەئاد" قاتارلىق كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد