جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

مۇسۇلمان بولمىغان كىشىدىن ئىپتارلىق يېمەك قوبۇل قىلسا گۇناھ بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

مەسچىت ھەيئەتلىرى رامىزان ئېيىدا مۇسۇلمان بولمىغان كىشىلەردىن ئىپتارلىق پۇل ياكى يېمەكلىكنى قوبۇل قىلسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

      مۇسۇلمانلار رامىزان ئېيىدا مۇسۇلمان بولمىغان كىشىلەر ئىپتارلىق يېمەكلىك ياكى ئىپتارلىق سېتىۋالىدىغان نەخ پۇل قاتارلىق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلسا گۇناھ بولمايدۇ، بۇ يېمەكلىك ياكى پۇل ھەدىيە ياكى سوۋغاتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۆز دەۋرىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ بەزى كاپىرلارنىڭ ھەدىيە-سوۋغاتلىرىنى قوبۇل قىلغان.

     ئەبۇ ھۇمەيد سائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە تەبۇك ئۇرۇشىغا قاتناشتۇق، ئەيلىنىڭ پادىشاھى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئاق خىچىر بىلەن بىر تون ھەدىيە قىلدى". [بۇخارى رىۋايىتى 2990-ھەدىس].

     ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھۇنەين كۈنى توغرىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ كۈندە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۇزامى قەبىلىسىدىكى پەرۋە ئىبنى نۇپاسە ھەدىيە قىلغان قىلغان ئاق خىچىرغا مىنگەن ئىدى". [مۇسلىم رىۋايىتى 1775-ھەدىس].

ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەكەيدىر دەۋمە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بىر يىپەك كىيىم سوۋغا قىلغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىيىمنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بېرىپ، پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە باشقا يەنە پاتىمە ئىسىملىك بىر قانچە يېقىنلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىشنى ئېيتتى". [بۇخارى رىۋايىتى 2472-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2071-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس كاپىرلارنىڭ ھەدىيىسىنى قوبۇل قىلىشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ". ["مۇسلىمنىڭ شەرھىسى" 14-توم 50-51-بەت].

    ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: "بىر يەھۇدىي ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا زەھەر ئارىلاشتۇرغان قوينىڭ گۆشىنى ھەدىيە قىلغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ گۆشنى يېگەن". [بۇخارى رىۋيىتى 2474-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2190-ھەدىس].

   دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسىدا مۇنداق بايان قىلىنغان: "مۇسۇلمان بولمىغان كىشىلەرنىڭ دىنى مۇناسىۋەت بولماستىن بەلكى بوۋاقلارنىڭ دۇنياغا كېلىش مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش ئادەتتىكى مۇناسىۋەتلەردە مۇسۇلمانلار تەقدىم قىلغان تاتلىق-تۈرۈملىرىنى يېيىش توغرا بولىدۇ، چۈنكى بۇ كاپىرلارنىڭ ھەدىيىسىنى قوبۇل قىلىشنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. سەھىھ ھەدىسلەردىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشرىكلارنىڭ ھەدىيىسىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئىسپاتلانغان".

   شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇلئەزىز ئالى شەيخ، شەيخ بەكىر ئەبۇ زەيد قاتارلىقلار. "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى ئىككىنچى توپلام "10-توم 470-بەت.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: مېنىڭ مۇسۇلمان ئەمەس خوشنام بولۇپ، بەزى مۇناسىۋەتلەردە ماڭا يىمەكلىك ۋە تاتلىق-تۈرۈملەرنى پات-پات ئەۋەتىپ تۇرىدۇ، مېنىڭ ئۇ يېمەكلىكلەرنى يېيىشىم ۋە بالىلىرىمغا يېمەك قىلىپ بېرىشىم توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "شۇنداق، ئەگەر ئىشەنچ قىلالىسىڭىز كاپىرنىڭ ھەدىيىسىدىن يېسىڭىز توغرا بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ يەھۇدى ئايال ئۆزىگە سوۋغا قىلغان قوينىڭ گۆشىنى قوبۇل قىلغان، ئۆيىگە چاقىرغان يەھۇدىينىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭ ئۆيىدىن يېمەك يېگەن.

    كاپىرنىڭ سوۋغىسىنى قوبۇل قىلسا ۋە ئۆيىگە بېرىپ يېمەك يېسە گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن ئۇلار ئىشەنچىلىك بولىشى كېرەك، ئەمما ئۇلارغا ئىشەنچ قىلالمىسا ياكى ئەنسىرىسە ئۇلارنىڭ دەۋىتىگە قاتناشمىسىمۇ بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ يېڭى يىل بايرىمى دېگەندەك دىنى مۇناسىۋەتلەرگە ئالاقىدار بايراملىرى-توپلىشىشلىرى بولماسلىقى كېرەك، چۈنكى دىنى مۇناسىۋەتكە ئالاقىدار بۇنداق ھالەتلەردە ئۇلارنىڭ سوۋغاتلىرى قوبۇل قىلىنمايدۇ". ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى" 2-توم 24-بەت].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى