جۈمە 21 رامىزان 1446 - 21 مارت 2025
Uygur

ئىماننى كۈچلەندۈرىدىغان ۋە ۋەسۋەسىنى يىراق قىلىدىغان دۇئالار توغرىسىدا

سۇئال

مۇنداق بىر ھەدىسنى ئاڭلىدىم،  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بىر كىشى كېلىپ:  ۋاي گۇناھلىرىم!  دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «ئى ئاللاھ!  سېنىڭ مەغپىرىتىڭ مېنىڭ گۇناھىمدىن كەڭرى، مەن سېنىڭ رەھمىتىڭنى ئۈمىت قىلىمەن، ئى رەببىم!  مېنى مەغپىرەت قىلغىن، دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغىن دەپتۇ. گۇناھنىڭ مەغپىرەت بولىشىنى تىلەيدىغان دۇئا قايسى؟، ئىماننى كۈچلاندۇرۇپ ۋە ۋەسۋەسىنى يىراق قىلىدىغان دۇئالار قايسى؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:  تەۋبە، ئىستىغپار توغرىسىدا كەلگەن دۇئالارنىڭ ئومۇمىسى ئىلگىرى 3177  - 39775 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

ئىككىنچى: ئىمان تائەت-ئىبادەت بىلەن زىيادە بولىدۇ، گۇناھ-مەسىيەت بىلەن كېمىيىدۇ، ئىمانىنى زىيادە قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ تائىتىگە يۈزلەنسۇن. ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشتىن يىراق بولسۇن. بۇنىڭغا مۇنۇ ئىشلارنىڭ ياردىمى بولىدۇ: سالىھ، ياخشى كىشىلەر بىلەن ھەم-سۆھبەت بولۇش، ئاسىي، گۇناھكار بىدئەتچىلەردىن يىراق بولۇش. بۇنىڭدا مۇسۇلمانغا ياردىمى بولىدىغان مۇھىم ئىشلار مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

ئاللاھ تائالاغا كۆپ دۇئا قىلىپ، دىندا مۇستەھكەم قىلىشنى سوراش:  بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: رَبَّنَا لَا تُزِغْ قُلُوبَنَا بَعْدَ إِذْ هَدَيْتَنَا وَهَبْ لَنَا مِنْ لَدُنْكَ رَحْمَةً إِنَّكَ أَنْتَ الْوَهَّابُ  تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىمىز!  بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن. شۈبھىسىزكى، سەن(بەندىلىرىڭگە ئاتالارنى) بەكمۇ بېغىشلىغۇچىسەن» [سۈرە ئال ئىمران 8 -ئايەت.]

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ دۇئانى كۆپ قىلاتتى: «ئى دىللارنى ئۆرۈگۈچى ئاللاھ! مېنىڭ دىلىمنى سېنىڭ دىنىڭدا مۇستەھكەم قىلغىن». مەن:  ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! سىلە بۇ دۇئانى بەك كۆپ قىلىدىلىغۇ؟دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئىنسانلارنىڭ دىلى ئاللاھ تائالانىڭ بارماقلىرىدىن ئىككى بارماقنىڭ ئارىسىدا بولۇپ، بۇنى ئاللاھ تائالا خالىسا راۋۇرۇس قىلىدۇ، خالىسا ئازدۇرىدۇ دېدى». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 23463-ھەدىس.]

ئىمام تىرمىزى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىپ ھەسەن دېگەن، ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ئاللاھ!  ماڭا ئاتا قىلغان ئىلىملەرنى مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرگىن، ماڭا مەنپەئەتلىك ئىلىملەرنى تەلىم بەرگىن، ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن». [تىرمىزى 3599 -ھەدىستە رىۋايەت قىلىپ ھەسەن دېگەن. ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.]

ئاللاھ تائالا ئىلمىنى زىيادە قىلغان كىشىنىڭ ئىمانىنىمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «ئۇ كىشى مەسچىتتە دۇئا قىلىپ ئولتۇراتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتكە كىرگەندىمۇ دۇئا قىلغان ھالەتتە ئېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: سورىغىن بېرىلىسەن،  دېدى، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دۇئا قىلدى: ئى ئاللاھ!  مەن سىلىدىن كەينىگە قايتمايدىغان ئىمان-ئېتىقاد، يوقالمايدىغان نېمەت، مەڭگۈلۈك جەننەت ۋە جەننەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىرىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولۇشنى سورايمەن». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 3797-ھەدىس].

ئاللاھ تائالا ھەر قانداق كىشىگە كەينىگە قايتمايدىغان ئىمان-ئېتىقاد ئاتا قىلىدىكەن، ئۇ كۈچلۈك ئىماندۇر، ئۇنى نەپسى شەھۋەت ۋە شۈبھىلەرمۇ ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ.

-ئىماننى زىيادە قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان ئىشلاردىن:  ئاللاھ تائالادىن ھىدايەتنى سوراش. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە:  ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا مۇنداق دېگەن: «ئى ئاللاھ!  مېنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغىن ۋە توغرا يولغا يېقىن قىلغىن دېگىن». [ مۇسلىم رىۋايىتى2725-ھەدىس].

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! مەن سىلىدىن ھىدايەت، تەقۋادارلىق، ئىپپەتلىك ۋە بىھاجەتلىكنى-بايلىقنى تىلەيمەن». [مۇسلىم  رىۋايىتى2721-ھەدىس].

-ئىماننى زىيادە قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان ئىشلاردىن: ئاللاھ تائالادىن ياخشىلىقنى سوراش ۋە يامانلىقتىن پاناھلىق تىلەپ دۇئا قىلىشتا كۆپ مەنالارنى جۇغلايدىغان دۇئالارنى قىلىش. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بۇ دۇئانى ئۈگەتكەن: «ئى ئاللاھ!  مەن سىلىدىن ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ياخشىلىقىنىڭ ھەممىسىنى سورايمەن، مەن بىلگەن ۋە بىلمىگەن نەرسىلەرنى سورايمەن، ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى يامانلىقنىڭ ھەممىسىدىن پاناھلىق تىلەيمەن، مەن بىلگەن ۋە بىلمىگەن نەرسىلەردىن پاناھلىق تىلەيمەن. ئى ئاللاھ!  مەن سىلىدىن سىلىنىڭ بەندىلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرى سورىغان ياخشىلىقتىن سورايمەن، مەن سىلىدىن سىلىنىڭ بەندىلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرى پاناھلىق تىلىگەن يامان نەرسىلەردىن پاناھلىق تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! مەن سىلىدىن جەننەتنى ۋە جەننەتكە يېقىنلاشتۇرىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرنى سورايمەن، سىلىگە سېغىنىپ دوزاختىن ۋە دوزاخقا يېقىنلاشتۇرىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەردىن پاناھلىق تىلەيمەن، سىلىدىن مەن ئۈچۈن قىلغان ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسىنى ياخشىلىق قىلىشلىرىنى سورايمەن». [ئىبنى ماجە  رىۋايىتى3846-ھەدىس. ئەلبانى سەھىھ دەپ  "ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن.]

-ئىماننى زىيادە قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان ئىشلاردىن: ئاللاھ تائالادىن دىلىمىزدىكى ئىمانىمىزنى يېڭىلاشنى سوراش. بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر كىيگەن كىيىملەر كونىرىغاندەك دىلىڭلاردىكى ئىمانمۇ كونىرايدۇ (يەنى ئاجىزلايدۇ)، ئاللاھ تائالادىن دىلىڭلاردىكى ئىمانىڭلارنى يېڭىلاشنى سوراڭلار». [ھاكىم رىۋايىتى 5-ھەدىس]. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "سەھى ھەدىسلەر توپلىمىدا"  1585 -ھەدىستە كەلتۈرگەن.]

ئۈچىنچى:  ۋەسۋەسىنىڭ ئىلاجىنى قىلىش، ئۇنى تەرك قىلىش، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈش، قۇرئان تىلاۋېتىنى كۆپ قىلىش، ياراملىق ئەمەللەرنى قىلىش، ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىش، يالۋۇرۇش، ئاللاھ تائالادىن سىزدىن شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكرىدىن مۇداپىئە قىلىشىنى ۋە ھەقتە مۇستەھكەم قىلىشنى تىلەپ دۇئا قىلىشىڭىز بىلەن بولىدۇ. 102851- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىنى يوق قىلىشقا پايدىسى بولىدىغان دۇئالاردىن:

-ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ ۋەسۋەسىدىن پاناھلىق تىلەش:  بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: (وَإِمَّا يَنْزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ إِنَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ‏ تەرجىمىسى: «ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلىگىن.  ئاللاھ ھەقىقەتەن سۆزۈڭنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىشىڭنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر». [سۈرە ئەراپ 200 -ئايەت.]

-ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ ۋەسۋەسىدىن ساقلىنىشنى سوراش:  بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسچىتكە كېرگەندە سالام بېرىپ مۇنداق دېسۇن:  ئى ئاللاھ!  ماڭا رەھمەت ئىشىكلىرىنى ئېچىپ بەرسىلە، مەسچىتتىن چىققاندا سالام بېرىپ مۇنداق دېسۇن:  ئى ئاللاھ! مېنى قوغلاندى بولغان شەيتاننىڭ شەررىدىن ساقلىسىلا». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 733-ھەدىس. ئەلبانى سەھىھ دەپ"ئىبنى ماجەنىڭ سەھى ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن. ]

-ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ۋە ھەمراھ بولۇشىدىن پاناھ تىلەش. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَقُلْ رَبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنْ هَمَزَاتِ الشَّيَاطِينِ * وَأَعُوذُ بِكَ رَبِّ أَنْ يَحْضُرُونِ تەرجىمىسى: «ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىم! ساڭا سىغىنىپ شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن، پەرۋەردىگارىم! ساڭا سىغىنىپ شەيتانلارنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشىدىن پاناھ تىلەيمەن». [مۆمىنۇن سۈرىسى 97-98 -ئايەتلەر].

ئاللاھ تائالادىن شەيتاننى خار قىلىشنى سوراش:  بۇ توغرىدا ئەبۇل ئەزھەرىل ئەنمارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىدە ياتىدىغان ئورنىغا كەلسە مۇنداق دەيتتى: «بېقىنىمنى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن قويدۇم، ئى ئاللاھ! مېنىڭ گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلسىلا، شەيتىنىمنى خار قىلسىلا، مېنى شەيتاننىڭ كونتۇرۇللىقىدىن چىقىرىۋەتسىلە، مېنى ئەڭ يۇقىرىدا چاقىرلىدىغانلاردىن قىلسىلا». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى5054-ھەدىس. ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن.

تۆتىنچى:  سوئالدا كەلگەن ھەدىس زەئىپ بولۇپ، بۇنى ھاكىم "ئەل مۇستەدرەكتە"  1994 -ھەدىستە ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھۇنەيننىڭ يولىدىن، ماڭا ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئاتىسىدىن ئاتىسى چوڭ ئاتىسىدىن ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ۋاي گۇناھلىرىم!، ۋاي گۇناھلىرىم!  دېگەن سۆزنى ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: ئى ئاللاھ! سېنىڭ مەغپىرىتىڭ مېنىڭ گۇناھىمدىن كەڭرى، مەن قىلغان ئەمىلىمدىن بەكرەك سېنىڭ رەھمىتىڭنى ئۈمىت قىلىمەن. ئى رەببىم! مېنى مەغپىرەت قىلغىن دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىغىن، دەيدۇ، ئۇ كىشى بۇ دۇئانى ئۈچ قېتىم تەكرار دېگەندىن كېيىن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئورنىڭدىن تۇرغىن، ئاللاھ تائالا سېنى مەغپىرەت قىلدى، دېدى.» [شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنى زەئىپ دەپ، "زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمى"  9 -توم 58 -بەتتە كەلتۈرگەن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى