جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئومۇمى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

سۇئال

ئومۇمى ئىنسانلارغا دۇئا قىلغاندا، بۇ دۇئا مەلۇم كىشىلەرگىمۇ يېتەمدۇ؟ دۇئا قىلغۇچى بىلمەيدىغان كىشىلەرگىمۇ يېتەمدۇ؟، مەن ئومۇمىي دۇئا قىلغان ۋاقتىمدا كۆڭلۈمدىن كەچكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە يېتەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى تىلەپ بارلىق ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارغا دۇئا قىلىش دىنىمىزدا يولغا قويۇلغان ئىش بولۇپ، بۇ مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق ۋە ياخشى كۆرۈشنىڭ ئىپادىسىدۇر. مۇسۇلمان ياخشىلىقتىن ئۆزىگە ياخشى كۆرگەننى قېرىندىشى ئۈچۈن ياخشى كۆرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق مۇسۇلمانلارغا دۇنيا-ئاخىرەتتە ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلىدۇ.

    ئىنسان ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن دۇئا قىلغاندا، دۇئانىڭ بەركىتىنىڭ ھەممەيلەنگەن يېتىشى ئۈمىد قېلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇيتتۇق، سالام بەرگەندە: جىبرائىلغا، مىكائىلغا، پالانىغا ۋە پالانىغا ئامانلىق بولسۇن دەيتتۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە قاراپ: ھەقىقەتەن ئاللاھ ئامانلىق بەرگۈچىدۇر، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ناماز ئوقۇغاندا: ھۆرمەت-ئىبادەت ۋە ياخشى تىلەكلەر ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئى ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر ساڭا ئاللاھنىڭ ئامانلىقى بولسۇن، بىزگە ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە ئامانلىق بولسۇن دېگەن سۆزىنى دېسەڭلار، بۇ سۆز ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى بارلىق ياخشى بەندىلەرگە يېتىدۇ، ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد ھەق يوق ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن دېسۇن، دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى831-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى402-ھەدىس].

    ئەگەر مۇسۇلمان كىشى بىر ئادەمنى مەقسەت قىلىپ بارلىق مۇسۇلمانلارغا دۇئا قىلغان بولسا، ئۇنىڭ دۇئاسىنىڭ ھەممەيلەنگە يېتىشى ئۈمىد قېلىنىدۇ.

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جىنازە نامىزى ئوقۇپ: ئى ئاللاھ! بىزنىڭ ھاياتلىرىمىزنى، ئۆلۈكلىرىمىزنى، كىچىكلىرىمىزنى، چوڭلىرىمىزنى، ئەرلىرىمىزنى، ئاياللىرىمىزنى، بۇ يەرگە ھازىر بولغانلىرىمىزنى ۋە كېلەلمىگەنلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، ئى ئاللاھ! بىزنى ھايات قالدۇرسىلا ئىمان ئاساسىغا ھايات قالدۇرسىلا، ۋاپات تاپتۇرسىلا ئىسلام ئاساسىغا ۋاپات تاپتۇرسىلا، بىزنى بۇ مېيىتنىڭ ئەجىردىن مەھرۇم قىلمىسىلا، ھەق يولدىن بىزنى ئازدۇرىۋەتمىسىلە، دەيتتى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3201-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "جىنازە ئەھكاملىرى"1-توم 124-بەتتە كەلتۈرگەن].

    موللا ئەلى قارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: تىيبىي رەھىمەھۇللەھ مۇنداق دېگەن:" دۇئادا بايان قىلىنغان بۇ يىقىنچىلىق ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئېلىش مەقسەت قېلىنىدۇ، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ يەككە ئىكەنلىكىگە قاراپ خاسلىققا كۆتۈرسەك بولمايدۇ، گوياكى دۇئا قىلغۇچى: ئى ئاللاھ! بارلىق مۇسۇلمان ئەر-ئاياللارنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەغپىرەت قىلغىن دېگەن بولدى". ["مىرقاتۇل مەپاتىھ"3-توم 1208-بەت].

    ئىبنى ئەلان رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "(بىزنىڭ ھاياتلىرىمىزنى ۋە ۋاپات بولغانلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلسىلا) دېگەن سۆز بارلىق مۇسۇلمانلاردىن ھايات بولغان ۋە ۋاپات بولغانلارنى دېگەن بولدى، چۈنكى بىرلىككە چېتىلسىمۇ ئومۇمنى بىلدۈرىدۇ".   ["دەلىلىيل پالىھىين"6-توم 416-بەت].

    "زىكىر ۋە دۇئا چۈشەنچىسى" 3-توم 232-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "بۇ كاتتا دۇئا بولۇپ، بۇ نامىزى ئوقۇلىۋاتقان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھايات بولغان، ۋاپات بولغان، چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال، بار-يوق ھەممە مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھاجىتى ئوخشاش، بەلكى ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشى، رەھمەت قىلىشى ۋە مەغپىرىتىگە بەك ئېھتىياجلىق. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 140798- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى