جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

خىزمەت باھانىسى بىلەن نامازنى كېچىكتۈرۈش توغرىسىدا

226118

تارقاتقان ۋاقىت : 03-04-2015

كۆرگۈچىلەر : 5037

سۇئال

مەن لوندون شەھرىدە ئاممىۋى قاتناش ئاپتۇبۇس شوپۇرلۇق خىزمىتىنى قىلىمەن، بەزى ۋاقىتتا ئازراق بوش ۋاقىت بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ناماز ئوقۇپ چىقسام، ئاپتۇۋۇزدا يولۇچىلار ساقلاپ قالىدۇ، بېكەتتە ساقلاپ تۇرغان يولۇچىلارغا ئاپتۇۋۇزنىڭ يىتىپ كىلىدىغان ۋاقتى بىۋاستە ئۇقتۇرۇلىدۇ، نامازنى ئوقۇپ ماڭمىسام، بەلگىلەنگەن بېكەتكە كېلىپ بولغىچە ئىككىنچى بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرىپ قالىدۇ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بۇنداق كېچىكتۈرۈش ئادەت بولۇپ قالىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولۇپ، يولۇچىلار ئازراق ساقلاپ قالسا، بۇ خىزمەت تۈزۈمىدە قوبۇل قىلىنىدىغان ئىش بولۇپ بۇنىڭ سىزگە زېيىنى يوق بولسا، نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشىڭىز كېرەك. ئەمما ناماز ئوقۇپ چىقىش بىلەن خىزمەتكە كىچىكىشىڭىز قوبۇل قىلىنمىسا ياكى بۇنىڭ سىزگە زېيىنى بولسا، بۇنداق ھالەتتە قىيىنچىلىق ۋە مۇشەققەتنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئىمكانىيەت بولسا پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇشىڭىز كېرەك.

بۇنداق قىلىشقىمۇ ئىمكانىيەت بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش ئەڭ مۇھىم ئەمەللەرنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيالىق ئىش-ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىدىن بۇرۇن ئادا قېلىنىدۇ، سىز بۇ خىزمەتنى تاشلاپ، نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولغان باشقا بىر خىزمەت تېپىشىڭىز كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالا ناماز توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: فَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ ۚ إِنَّ الصَّلَاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَّوْقُوتًا تەرجىمىسى: نامازنى (پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن) مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى. [سۈرە نىسا 103-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَوَيْلٌ لِّلْمُصَلِّينَ . الَّذِينَ هُمْ عَن صَلَاتِهِمْ سَاهُونَ تەرجىمىسى: «شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ، (4) شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ .» [سۈرە مائۇن 4-5-ئايەت].

يەنىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 36784- ۋە151034 -نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى