پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

مەست قىلغۇچى ماددىلار سەۋەبىدىن بەزى نامازنى تەرك قىلغان كىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەن مەست قىلغۇچى ئېچىملىكتىن ئېچىپ ئەس-ھۇشۇمنى يوقاتتىم، شۇ سەۋەپتىن شام، خۇپتەن ھەتتا بامدات نامىزىنىمۇ ۋاقتىدا ئوقۇيالماي، شۇ كۈنى پېشىن نامىزىدىن بۇرۇن ئوقۇدۇم، مەن بۇ ئىشنىڭ مېنى كاپىر قېلىۋېتىدىغانلىقىنى ئوقۇدۇم، مەن ئاللاھ تائالادىن مېنى مەغپىرەت قىلىشىنى تىلەيمەن، مەن ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىمانىمدىن ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايمەن، ئاللاھدىن مېنىڭ مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ئېچكەنلىك گۇناھىمنى كەچۈرۈم قىلىشنى تىلەشنى داۋاملاشتۇرىمەن، مېنىڭ بۇ ئىشىم توغرىسىدا ماڭا يول كۆرسىتىشىڭلارنى سورايمەن؟.

     مېنىڭ يەنە بىر سوئالىم: ئەگەر مەن ھاراق ئېچىپ نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىش سەۋەبىدىن كاپىر بولغان بولسام، مېنىڭ ئايالىم بىلەن بولغان نىكاھىم باتىل بولامدۇ؟ قايتىدىن نىكاھ قىلدۈرىشىم كېرەك بولامدۇ؟ ياكى ئايالىم ئۈچ تالاق بولۇپ كېتەمدۇ؟، بىزنىڭ قايتىدىن يېنىشىۋېلىشىمىز مۇمكىن بولمامدۇ؟. ئاللاھ تائالانىڭ مېنى ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن ۋە قىلمىشىمغا بەك پۇشايمان قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئاللاھ تائالادىن سىزنىڭ تەۋبىڭىزنى قوبۇل قىلىشنى ۋە قىلغان تەۋبىڭىزنى سەمىمىيلىك بىلەن قېلىنغان ھەقىقى تەۋبېنىڭ جۈملىسىدىن قېلىشنى سورايمىز. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياقتۇرىدۇ.

    سىزنىڭ سوئالدا بايان قىلغىنىڭىز بويىچە ھۇشۇڭىزنى يوقۇتۇپ نامازنى تەرك قىلغانلىقىڭىز ئاللاھ خالىسا سىزنى كاپىر قىلىۋەتمەيدۇ، چۈنكى سىز بۇ ئىشنى قەستەن قىلمىدىڭىز، بۇ سىزنىڭ مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ئېچكەنلىكىڭىز سەۋەبىدىن بولدى، بۇ چوڭ گۇناھ بولۇپ، ئاللاھ تائالا سىزنىڭ قىلغان سەمىمى تەۋبىڭىزنىڭ سەۋەبىدىن بۇ گۇناھىڭىزنى مەغپىرەت قىلغاي.

ئاللاھ تائالاغا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، يۇقىرىدا بايان قىلىنغانغا ئاساسەن سىز ھازىرمۇ مۇسۇلمان، ئايالىڭىز بىلەن سىزنىڭ ئارىڭىزدا يېنىشىۋالغۇدەك ياكى قايتىدىن نىكاھ قىلدۇرغىدەك ھېچ ئىش يوق. 

   سىز سەمىمىي تەۋبە قىلغاندىن كېيىن نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭ، نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىش، كېچىكتۈرۈش ۋە تەرك قىلىشتىن ھەزەر قىلىڭ، ئايالىڭىز ۋە پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى تولۇق ئادا قىلىشقا تېرىشىڭ، چوڭ-كېچىك بارلىق خاتالىق ۋە گۇناھ-مەسىيەتتىن قول ئۈزۈپ سەمىمىيلىك بىلەن ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىڭ.

    ئاللاھ تائالادىن سىزگە ۋە بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا توغرا يول ۋە ھىدايەت ئاتا قىلىشنى سورايمىز، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تىلەكلىرىمىزنى ئاڭلىغۇچى ۋە دۇئالىرىمىزنى ئىجاۋەت قىلغۇچىدۇر.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى