دۇشەنبە 22 جىمادۇسسانى 1446 - 23 دىكابىر 2024
Uygur

تالاقتىكى كىنايە سۆزنىڭ دائىرىسىنى بېكىتىش توغرىسىدا

سۇئال

   بۇ سۆزلەرنىڭ قايسىسى تالاقنى بىلدۈرىدىغان كىنايە سۆز بولىدۇ: «رەببىڭلار سىلەرگە ئۆزىنىڭ رەھمىتىنى يايىدۇ»، «ئى ئاللاھ! ماڭا ئۇنىڭدىن ياخشىراق بىرىنى ئورۇن باسار قىلىپ بەرگىن، ئۇنىڭغىمۇ مەندىن ياخشىراق بىرىنى ئورۇن باسار قىلىپ بەرگىن»؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    تالاقتىكى كىنايە سۆزنىڭ(دارىتما) دائىرىسى: تالاقنى ۋە ئۇنىڭ غەيرىدىكى باشقا مەنانى بىلدۈرۈش ئېھتىماللىقى بولغان، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئۆيىگە كىتىڭ ياكى بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئالاقە ئاخىرلاشتى دېگەنگە ئوخشاش  سۆزلەردىن ئىبارەت.

     "ھاشىيەتى بەجيىرۇمى ئەلەل خەتىيب" 1-توم 491-بەتتە مۇنداق كەلگەن: تالاقنى ۋە ئۇنىڭ غەيرىدىكى باشقا مەنانى بىلدۈرۈش ئېھتىماللىقى بولغان دېگەن سۆزدىكى قائىدە: بۇ سۆز ئايلىرىشنى بىلدۈرۈشكە يېقىن سۆز بولىشى، شەرىئەتتە ۋە ئۆرپ-ئادەتتە تالاقتا ئىشلىتىلىشى كەڭ تارقالمىغان بولىشى كېرەك".

    "پىقھى توپلاملىرى"29-توم 26-بەتتە مۇنداق كەلگەن: ئالىملار تالاقتىكى كىنايە سۆزنى: ئەسلىدە تالاق ئۈچۈن قويۇلمىغان، تالاقنى ۋە ئۇنىڭ غەيرىنى ئىپادىلەش ئېھتىماللىقى بولغان سۆز بولىشى كېرەك، ئەگەر ئۇ سۆز ئەسلىدە تالاقنى ئېھتىمال كەلتۈرمىسە كىنايە بولمايدۇ، بىكار سۆز بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھېچ نەرسە چۈشمەيدۇ".

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:"ئايرىلىشقا ئېھتىماللىقى بولغاننى بىلدۈرىدىغان ھەر قانداق سۆز كىنايىدىن ئىبارەتتۇر.". ["شەرھىل مۇمتى" 13-توم 70-بەت].

   ئىككىنچى: ئىككى شەرت تېپىلمىغۇچە كىنايە سۆزلەر بىلەن تالاق ھاسىل بولمايدۇ: ئىنسان شۇ سۆزنى دېگەندە تالاقنى مەقسەت قىلىشى ۋە تالاقنى ئىپادىلەيدىغان سۆزنى قىلىشى كېرەك، ئەگەر شەرىئەتتىمۇ ۋە ئۆرپ-ئادەتتىمۇ تالاقنى بىلدۈرمەيدىغان سۆزنى قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئۇ سۆزنى قىلىشتىن بولغان مەقسىتى ئايالىنى تالاق قىلىش بولسىمۇ بۇنىڭ بىلەن تالاق چۈشمەيدۇ.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " تالاق دېگەن تالاق قىلغۇچى دېگەن سۆزىدىن تالاقنى مەقسەت قىلغان ۋە تالاقنى ئىپادىلەيدىغان سۆزنى قىلغاندا بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئىككى ئىشتىن بىرى تېپىلمىسا تالاقمۇ بولمايدۇ ۋە {ئىتاق) قۇل ئازاد قىلىشمۇ-بولمايدۇ. 

   تالاقتا قوللىنىدىغان سۆزلەر ئوچۇق ۋە كىنايە دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، گەرچە بۇ شەكىلدە ئايرىش ئەسلىدە توغرا بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولىشى، دەۋىرنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى ۋە ياشىغان جايلارنىڭ پەرقلىق بولىشى قاتارلىق ئامىللار بىلەن پەرقلىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دېيىلگەن سۆزگە ئۆزگەرمەس بىر ھۆكۈم بېرىلمەيدۇ، بەزى يۇرت-قەبىلىلەردە ئوچۇق ۋە سەرىھ بولغان سۆزلەر يەنە باشقا يۇرتلاردا كىنايە بولىشى مۇمكىن، مەلۇم دەۋىر ۋە مەلۇم يۇرت-يېزىلاردا ئوچۇق ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر، باشقا يۇرت ۋە باشقا ئورۇنلاردا كىنايە بولىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بۇ سۆزنى مەيلى ئوچۇق تالاقتا بولسۇن ياكى كىنايە تالاقتا بولسۇن ئىشلىتىدىغان ئادەم چىقماي قالىدۇ، بۇ سۆزنى دېگەن ئادەمنى تالاقنى مەقسەت قىلسۇن ياكى مەقسەت قىلمىسۇن ئايالىنى تالاق قىلىشى لازىم كېلىدۇ دېيىش توغرا بولمايدۇ. ["زادىل مىئاد" 5-توم 291-بەت].

    مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن: "رەببىڭلار سىلەرگە ئۆزىنىڭ رەھمىتىنى يايىدۇ» دېگەن سۆز شەرىئەتتىمۇ، ئۆرپ-ئادەتتىمۇ تالاق مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سۆز كىنايە تالاق ھېسابلانمايدۇ.

   ئەمما: «ئى ئاللاھ! ماڭا ئۇنىڭدىن ياخشىراق بىرىنى ئورۇن باسار قىلىپ بەرگىن، ئۇنىڭغىمۇ مەندىن ياخشىراق بىرىنى ئورۇن باسار قىلىپ بەرگىن»، دېگەن سۆزگە كەلسەك، ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھدىن تالاقنى بىلدۈرىدىغان دۇئامۇ تالاق لەۋزىدىن ھېسابلىنىدۇ دېگەن سۆز نەقىل قىلىنغان.

   ئايالىغا : "ئاللاھ تائالا مەن بىلەن سېنىڭ ئاراڭنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئايرىۋەتكەي دېگەن كىشىنىڭ سۆزى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، بۇ سۆزنى دۇئا دەپ مەقسەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن دۇئا قىلغان بولسا، ھېچ ئىش بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن دېگەن. ["ئەبۇ داۋۇدنىڭ ئىمام ئەھمەد ئۈچۈن سورىغان مەسىلىلىرى" 239-بەت. "ئەل ئىنساپ" 8-توم 478-بەت].

    ئىبنى مۇپلىھ "ئەلپۇرۇ" 9-توم 38-بەتتە بۇنىڭغا ئىلاۋە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام ئەھمەد بۇ سۆزدىن دۇئانى مەقسەت قىلغانلىق بىلەن تۇرۇقلۇق ئۇنى ھېچ نەرسە قىلمىغان، سۆزنىڭ كۆرۈنىشى تالاقنى مەقسەت قىلىش بىلەن ياكى مۇتلەق سۆزلەش بىلەن بىر ئىش بولىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئايرىلىش ئوچۇق بولىدۇ ياكى قەرىنە ئۈچۈن بولىدۇ". ئاندىن مۇشۇ مەسىلىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر مەسىلىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ئۈچ مەسىلىدىكى ھۆكۈم ئاساسەن ئوخشاش، ھەر بىر مەسىلىدە ئىككى خىل قاراش نامايەندە بولغان: نىيەت-مەقسەتنى بىلدۈرىدىغان قەرىنە ئۈچۈن مۇتلەق تالاقنىڭ ھۆكمى بېرىلەمدۇ؟ ياكى نىيەتنىڭ ئۆزى ئېتىبارغا ئىلىنامدۇ؟".

    بۇنىڭ مەنىسى: "ئاللاھ تائالا مەن بىلەن سېنىڭ ئاراڭنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئايرىۋەتكەي"  دېگەن دۇئا كىنايە تالاقتىن ھېسابلىنىدۇ، ئىمام ئەھمەدتىن كىنايە تالاق توغرىسىدا ئىككى رىۋايەت نەقىل قىلىنغان، كىنايىدە تالاقنىڭ چۈشىشى ئۈچۈن نىيەت شەرت قىلىنامدۇ ياكى قەرىنە كۇپايە قىلامدۇ؟ دېگەن قاراش نەقىل قىلىنغان.

    تور سەھىپىمىزدە بۇ توغرىدا ئىلگىرى بىر قانچە پەتىۋا قويۇلغان، بۇ مەسىلىدىكى كۈچلۈك قاراش: كىنايە تالاق پەقەت نىيەت بىلەن چۈشىدۇ، ئۇنىڭدا قەرىنە كۇپايە قىلمايدۇ.

   شۇنىڭغا ئاساسەن سوئالدا كەلگەن: «ئى ئاللاھ! ماڭا ئۇنىڭدىن ياخشىراق بىرىنى ئورۇن باسار قىلىپ بەرگىن، ئۇنىڭغىمۇ مەندىن ياخشىراق بىرىنى ئورۇن باسار قىلىپ بەرگىن» دېگەن دۇئا كىنايە تالاقتىن ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بۇ دۇئا بىلەن ئەر كىشى ئايالىنى تالاق قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇنىڭ بىلەن تالاق چۈشىدۇ. ئەگەر نىيەت قىلمىسا تالاق چۈشمەيدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر،

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى