جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئۆرە تۇرسا ئولتۇرۇشقا قادىر بولالمايدىغان، ئولتۇرسا ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولالمايدىغان دەرىجىدىكى كېسەل كىشى نامازنى قايسى شەكىلدە ئوقۇيدۇ؟

سۇئال

ئۆرە تۇرسا ئولتۇرۇشقا قادىر بولالمايدىغان، ئولتۇرسا ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولالمايدىغان دەرىجىدىكى كېسەل كىشى نامازنى قايسى شەكىلدە ئوقۇيدۇ؟.ھەممە نامازنى ئولتۇرۇپ ئوقۇيامدۇ ياكى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: نامازنىڭ پەرىز، ۋاجىبلىرى توغرىسىدىكى قائىدە: ھەقىقەتەن ناماز ئوقۇغۇچى نامازدا ئادا قىلىش زۆرۈر بولغان ئەمەللەرنى كۈچىنىڭ يېتىشچە ئادا قىلىشى كېرەك، ئادا قىلىشقا قادىر بولالمىغانلىرى ئۈ كىشىدىن ساقىت بولىدۇ.

    شۇنىڭغا ئاساسەن: ناماز ئوقۇغۇچى ئۆرە تۇرۇپ ناماز باشلاشقا قادىر بولالىسا، ئۇ كىشىنىڭ نامازنى ئۆرە تۇرۇپ باشلىشى پەرز بولىدۇ، ئاندىن كېيىن رۇكۇ قىلىشقا قادىر بولالىسا كامىل رۇكۇ قىلىدۇ، ئەگەر قادىر بولالمىسا، قادىر بولغان ھالەتتە ئىگىلىدۇ.

    زېمىنغا سەجدە قىلىشقا قادىر بولالىسا بۇنداق قىلىش پەرىز بولىدۇ. ئەگەر زېمىنغا سەجدە قىلىشقا قادىر بولالمىسا، يەردە ياكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدۇ ئاندىن سەجدىگە ئىگىلىدۇ.

    ئەگەر ئولتۇرسا قايتا ئورۇندىن تۇرۇشقا قادىر بولالمىسا، ئۇ ۋاقىتتا نامىزىنى ئولتۇرغان ھالەتتە تولۇقلايدۇ، رۇكۇ قىلغاندا ئىگىلىدۇ، قادىر بولالىسا زېمىنغا سەجدە قىلىدۇ. ئەگەر قادىر بولالمىسا، سەجدە قىلىش ئۈچۈنمۇ ئىگىلىدۇ، سەجدىنى رۇكۇدىن تۆۋەنرەك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇغۇچى ئاللاھ تائالانىڭ:  فَاتَّقُوا اللَّـهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ  تەرجىمىسى: تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار دېگەن ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: مەن سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرىسام تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشچە ئۇنى ئادا قىلىڭلار دېگەن بۇيرۇقىغا بويسۇنغان بولىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 7288 –ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1337-ھەدىس].

   خەرشى"تۆھپەتىل خەلىل"نىڭ شەرھىسى 1-توم 298-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ناماز ئوقۇغۇچى ھەقىقەتەن ناماز ئوقۇغۇچى نامازنىڭ "قىيامدا تۇرۇش، قىرائەت قىلىش، رۇكۇ-سەجدە قىلىش، ئۇنىڭدىن تۇرۇش ۋە تەشەھھۇتتا ئولتۇرۇش قاتارلىق پەرىز ئەمەللىرىنى تولۇق ئادا قىلىشقا قادىر بولالىسا تولۇق ئادا قىلىدۇ، ئەگەر ئولتۇرسا قىيام ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇشقا قادىر بولالمىسا بىرىنچى رەكەتنى ئۆرە تۈرۈپ ئادا قىلىدۇ، قالغان رەكەتلىرىنى ئولتۇرۇپ ئادا قىلىدۇ". "لەخمى، تونىسىي ۋە ئىبنى يۈنۈس قاتارلىق ئۆلىمالارمۇ مۇشۇ قاراشقا قېتىلغان.

    بەزى ئۆلىمالار: نامازنىڭ ھەممىسىنى ئۆرە تۈرۈپ ئىشارەت بىلەن ئوقۇيدۇ، پەقەت ئاخىرىقى رەكەتتە رۇكۇ قىلىدۇ، سەجدە قىلىدۇ دەيدۇ. 

    ئىككىنچى: ئەگەر ناماز ئوقۇغۇچى ئۆرە تۈرۈپ ۋە ئوڭدا يېتىپ ناماز ئوقۇشقا قادىر بولىدىكەن، ئولتۇرۇشقا قادىر بولالمايدىكەن، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى ئۆرە تۈرۈپ ناماز ئوقۇيدۇ، رۇكۇ-سەجدىنى ئىشارەت بىلەن قىلىدۇ، تەشەھھۇد ئوقۇيدۇ ۋە ئۆرە تۇرغان ھالەتتە سالام بېرىدۇ.

    شافىئى مەزھىبىدىن بولغان زەكەرىيا ئەنسارى" ئەسىننىل مەتالىب" 1-توم 146-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشى قىيامدا تۇرۇشقا ۋە ئوڭدا يېتىپ ئوقۇشقا قادىر بولالايدىكەن، ئولتۇرالمايدىكەن، ئۇ كىشى ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۆرە تۇرىدۇ، چۈنكى ئۆرە تۈرۈش ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىدا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە بولىدۇ، رۇكۇ-سەجدىنىڭ ئورنىدا ئىشارەت قىلىدۇ، تەشەھھۇدنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيدۇ، ئوڭدا ياتمايدۇ".

   "تۆھپەتۇل مۇھتاجغا يېزىلغان ئابادىي ھاشىيىسى 2-توم 23-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئەگەر ئۆرە تۇرۇشقا ياكى ئوڭدا يېتىشقا قادىر بولسا، ئولتۇرالمىسا، ئۆرە تۈرۈش زۆرۈر بولىدۇ، چۈنكى ئۆرە تۈرۈش ئولتۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن زىيادىدۇر، قادىر بولالىسا رۇكۇ-سەجدىگە ئۆرە تۇرغان ھالەتتە ئىشارەت قىلىدۇ، ئۆرە تۇرۇپ تەشەھھۇد ئوقۇپ سالام بېرىدۇ، ئوڭدا ياتمايدۇ".

    "خەرشى مالىكى"1-توم 297-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: نامازنىڭ بارلىق پەرىزلىرىنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن پەقەت ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولغان كىشى نامازنىڭ پەرىزلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆرە تۈرۈپ ئادا قىلىدۇ، سەجدە قىلىش ئۈچۈن ئىشارە قىلىدۇ، سەجدىنىڭ ئىشارىتىنى رۇكۇدىن تۆۋەنرەك قىلىدۇ".

    ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولالمىسا، ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇيدۇ، رۇكۇ-سەجدىدە ئىشارەت قىلىدۇ، ئەگەر يەرگە سەجدە قىلىشقا قادىر بولالىسا ئۇ كىشىنىڭ يەرگە سەجدە قىلىشى پەرىز بولىدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" 2-توم 57-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار شۇنىڭغا بىرلىككە كەلدىكى، ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولالمايدىغان كىشى نامازنى ئولتۇرۇپ ئوقۇيدۇ".

    "ھاشىيەتى دۇسۇقى مالىكىنىڭ" 2-توم 475-بەتتە: "ئۆرە تۇرالمايدىغان كىشى ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇيدۇ، رۇكۇ-سەجدىنىمۇ ئولتۇرۇپ قىلىدۇ" دەپ بايان قىلىنغان.

    ئۈچىنچى: ئەگەر كېسەل نامازنىڭ ھەممە پەرىزلىرىنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيدىغان ياكى ئولتۇرۇپ ئوقۇيدىغان بولسا، ئۇ كىشى ئولتۇرۇپ ئوقۇيدۇ، ئۇنىڭ دەلىلى: ھەقىقەتەن شەرىئەت بەزى ھالەتلەردە قىيامدا تۇرۇشنى چۈشۈرۈۋېتىشنى يولغا قويدى، نەپلە ناماز ئوقۇغاندا، ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولالايدىغان كىشىنىڭ ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇيدىغان كېسەل ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ئۆرە تۇرۇشنى تەرك قىلىپ ئىمامغا ئوخشاش ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇشى قاتارلىقلار.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قىيامدا تۇرۇش بولسا يەڭگىل پەرىز بولۇپ، نەپلە نامازلاردا چۈشۈپ كېتىدۇ، پەرىز نامازدىمۇ بەزى ۋاقىتتا چۈشۈپ كېتىدۇ". ["ئۈمدىنىڭ شەرھىسى"4-توم 515-بەت].

    ئەگەر ئۆرە تۇرۇش  بىلەن ئولتۇرۇش قارمۇ-قارشى بولۇپ قالسا، ئولتۇرۇش كۇچلاندۇرىلىدۇ، چۈنكى نامازدا سەجدە قىلىش، ئىككى سەجدە ئارىسىدا ئولتۇرۇش، تەشەھۇد ئۈچۈن ئولتۇرۇش قاتارلىق ئەمەللەر ئولتۇرۇش بىلەن ئادا قىلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ھالەتتە ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشتىن ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇش كۇچلاندۇرىلىدۇ.

ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى