بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: بوغۇزلانغان ھايۋانلار ياكى گۆشلەردىكى ئەسلى بولسا ھاراملىق، بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ شەرئى يول بىلەن بوغۇزلانغانلىقىنى بىلگەن ۋاختىمىزدا ئۇ ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىش ھالال بولىدۇ.
ئالىملارنىڭ مۇشۇ ئەسلىنى بېكىتىشتىكى سۆزلىرىدىن:
1-ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللا مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭدا مۇھىم بولغان قائىدىنىڭ بايانى بار، ئۇ بولسىمۇ: گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان ھايۋاننىڭ بوغۇزلىنىشىدا شەك بولۇپ قالسا، بۇ ھالال بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدىكى ئەسلى ھاراملىق بولۇپ، بۇنىڭدا ھېچ ئىختىلاپ يوق". ["سەھىھ مۇسلىم شەرھىسى" 13-توم 116-بەت].
2-راپىئى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "گۆشمۇ ھەم دۇرۇس بولمايدۇ، قارىمامسىز: ئۆلۈمگە يېقىنلاپ قالغان مالنى بوغۇزلىغاندا، ئۇنى بوغۇزلىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھەرىكىتىدە: بۇ بوغۇزلانغۇچىنىڭ ھەرىكىتىمۇ ياكى ھاياتمۇ؟ دەپ شەك بولۇپ قالسا، ھاراملىق كۈچلۈك بولىدۇ". ["پەتھۇل ئەزىيز شەرھىل ۋەجىيز" 1-توم 280-بەت].
3-ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاندىن ئىككىنچى تۈر: ھۆكۈمنى ئىسپاتلايدىغان سۈپەتنى ھەمراھ قىلىش، شۇ ھۆكۈمنىڭ زىتى ئىسپاتلانغۇچە بۇ سۈپەت ھۆججەت بولىدۇ، خۇددى تاھارەتنىڭ ھۆكمى، تەرەتسىزلىكنىڭ ھۆكمىگە ھەمراھ بولغاندەك، نىكاھنىڭ باقى قىلىشى، مۇلكىيەتنىڭ باقى قىلىشىغا ھەمراھ بولغاندەك، زىممىسى مەشغۇل بولىدىغان ئىش بىلەن مەشغۇل قىلىش ھەتتا ئۇنىڭ زىتى ئىسپاتلانغىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوۋ مەسىلىسى توغرىسىدىكى ھەدىسىدە، ئۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان ھۆكۈمنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئۇنى سۇغا غەرق بولۇپ كەتكەن ھالەتتە تاپساڭ يېمىگىن، چۈنكى سەن ئۇ ھايۋاننى سۇ ئۆلتۈردىمۇ ياكى ئاتقان ئوق ئۆلتۈردىمۇ بۇنى بىلمەيسەن».
يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «ئۇنى تۇتۇش ياكى ئۆلتۈرۈشكە سېنىڭ ئىتىڭدىن باشقا ئىتلارمۇ ئارىلاشقان بولسا، بۇنى يېمىگىن، چۈنكى سەن ئېتىڭنى بىسمىللاھ دەپ قويىۋەتكەن بولساڭمۇ لېكىن باشقا ئىتلارنى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن قويىۋەتمىگەن بولىشى مۇمكىن».
بوغۇزلانغان مالدىكى ئەسلى"ھاراملىق"بولغاندا، دۇرۇسلۇقنىڭ شەرتى تىپىلدىمۇ ياكى تىپىلمىدىمۇ؟ بۇنىڭدا شەكلىنىپ قالسا، بوغۇزلانغان ھايۋان ئەسلىدىكى ھاراملىق ھالىتىدە قالىدۇ". ["ئىئلامۇل مۇقىئىين"1-توم 339-340-بەت].
يەنە مۇنداق دەيدۇ: "بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ ئىشى ھاراملىق بولىدۇ، لېكىن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى دۇرۇس قىلغانلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئەگەر چەكلىمە بىلەن دۇرۇسلۇقنىڭ دەلىلى قارمۇ-قارشى كەلگەندە، چەكلىمىگە ئەمەل قىلىش تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپتىن لايىق بولىدۇ:
بىرىنچى: بۇنىڭ ئەسلى چەكلىمە بولغانلىقى ئۈچۈن چەكلىمە تەرىپى كۈچلۈك بولىدۇ.
ئىككىنچى: ئېھتىيات تەرەپتىنمۇ شۇنداق بولىدۇ.
ئۈچىنچى: ئىككى دەلىل بىر-بىرىگە زىت بولۇپ قالسا، دەلىللەر چۈشۈپ كېتىپ ئەسلىدىكى ھاراملىققا قايتىدۇ. ["زىممەت ئەھلىنىڭ ھۆكۈملىرى" 1-توم 538-539- بەتلەر].
4-ئىبنى رەجەپ ھەنبەلى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەسلىدە چەكلىمە بولغان ھايۋاننىڭ گۆشى ۋە ئايالغا ئىگە بولۇش قاتارلىق ئىشلار پەقەت شەرىئەتكە مۇۋاپىق بوغۇزلانغانلىق ۋە نىكاھ ئەقدىسى قىلىش بىلەن ھالال بولغانلىقى ئىشەنچىلىك بولغاندا ھالال بولىدۇ، باشقا بىر ئىشنىڭ كۆرۈنىشى بىلەن ئۇنىڭدا ئىككىلىنىپ قالغاندا، ئەسلىگە قايتۇرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئەسلى ھارام بولسا، ھارامغا قۇرۇلىدۇ يەنى ھارام دەپ ھۆكۈم بېرىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوۋچى ئوۋلىغان ھايۋاندا ئۆزىنىڭ ئوقى بىلەن باشقا بىر ئوقنى تاپسا ياكى ئۆزىنىڭ ئىتى بىلەن باشقا بىر ئىتنى تاپسا ياكى ئوۋلىغان ھايۋاننى سۇدىن تاپسا ئۇ ھايۋاننى يېيىشتىن چەكلىدى. چۈنكى: ئوۋچى ئۇ ھايۋاننىڭ دۇرۇس نەرسە بىلەن ئۆلگەنلىكى ياكى ئۇنىڭ غەيرىدىكى نەرسىلەر بىلەن ئۆلگەنلىكىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈندۇر". ]"جامىئۇل ئۇلۇم ۋەل ھېكەم" 93-بەت[.
5 - ئابدۇراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ :"قائىدە" توغرىسىدىكى نەزمىسىدە مۇنداق دەيدۇ: " ئەسلىدە چەكلىمە بولغان ھايۋاننىڭ گۆشى ۋە ئايالغا ئىگە بولۇش، كىشىلەرنىڭ مېلى ۋە مەسۇم جان قاتارلىق ئىشلار، ئۇنىڭ ھالال ئىكەنلىكىگە دەلىل كەلگەنگە قەدەر ھاراملىق ھالىتىدە قالىدۇ، بۇنى چۈشەنگىن،
ئاللاھ تائالا سىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلسۇن.
ئاندىن بۇنى ئىزاھلاپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ نەرسىلەرنىڭ ھالال ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلغۇچە ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ھاراملىق ھالىتىدە قالىدۇ.
ئايال بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش ئەسلىدە ھارام بولۇپ، ئۇنى نىكاھ ئەقدىسى ياكى ئىگىدارچىلىق قىلىش (يەنى قۇل بولغانلىقى ئۈچۈن) ھەققى بىلەن قىلغاندا ھالال بولىدۇ.
شۇنىڭدەك، گۆشلەرمۇ ھالال ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلىنغانغا قەدەر ئەسلىدىكى ھارام ھالىتىدە بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن بوغۇزلانغان مالدا: دۇرۇسلۇق ۋە ھاراملىقتىن ئىبارەت ئىككى سەۋەپ جۇغلاشسا، ئۇنىڭدا ھاراملىق كۈچلۈك بولسا، بوغۇزلانغان ۋە ئوۋلانغان مال ھالال بولمايدۇ". ["شەيخ سەئدىنىڭ" توپلانغان تولۇق كىتاپلىرىدىن"پىقھى" 1-توم 142-بەت].
6-شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بوغۇزلانغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن ماللاردىكى ئەسلى ھاراملىق بولۇپ، بىز ئۇنىڭ قانداق بوغۇزلانغان ۋە قانداق شەكىلدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلگەنگە قەدەر ھاراملىق ھالىتىدە بولىدۇ. ئۇنداق بولىشى: ئۇنىڭ ھالال بولىشى ئۈچۈن شەرئى يولغا كۆرە بوغۇزلانغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بولىشى كېرەك". ["ئوۋ پەتىۋالىرى" 26-27-بەت].
ئىككىنچى: بەزى ئۆلىمالار ئۆزىنىڭ سۆزىنى: "ھايۋانلاردىكى ئەسلى ئۇنىڭ شەرئى يولغا مۇۋاپىق بوغۇزلانغانلىقى بىلىنگەنگە قەدەر ھاراملىقتۇر" دەپ ئىپادىلەيدۇ، بۇنىڭدىن ھايات ھايۋاننى مەقسەت قىلمايدۇ بەلكى بۇنىڭدىن ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان بوغۇزلاشنىڭ بېكىتىلىنىشىنى مەقسەت قىلىدۇ.
خەتتابىينىڭ سۆزىمۇ بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر: "ھايۋانلاردىكى ئەسلى ئۇنىڭ شەرئى يولغا مۇۋاپىق بوغۇزلانغانلىقى بىلىنگەنگە قەدەر ھاراملىقتۇر"بۇ شەكلىك ئىش بىلەن دۇرۇس بولمايدۇ". [" سۈننەت كۆرسەتمىلىرى"4-توم 282-بەت].
ئىمام شاتىبىينىڭ سۆزىمۇ بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر: ئايال بىلەن بىرگە بولۇشنىڭ ئەسلى ئۇنىڭ شەرئى نىكاھ بىلەن بولغانلىقى بىلىنگەنگە قەدەر ھارامدۇر. ھايۋانلاردىكى ئەسلى ئۇنىڭ شەرئى يولغا مۇۋاپىق بوغۇزلانغانلىقى قاتارلىق ئىشلار بىلىنگەنگە قەدەر ھاراملىقتۇر". ["ئەل مۇۋاپىقات" 1-توم 401-بەت].
ئۈچىنچى: ھايات ھايۋاندا (ئىستىسنا قىلىنغانلىرىدىن باشقىلىرى) ئەسلى ھالاللىقتۇر. بۇنىڭ دەلىلى: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: هُوَ الَّذِي خَلَقَ لَكُمْ مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا تەرجىمىسى: «ئاللاھ يەر زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى سىلەرنىڭ (پايدىلىنىشىڭلار) ئۈچۈن ياراتتى» [سۈرە بەقەرە 29-ئايەت].
بۇ ئايەت زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ئەسلىدە ھالال ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. بۇنىڭ دائىرىسىگە ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە باشقا نەرسىلەرمۇ كېرىدۇ. ئۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان دەلىل ئىسپاتلانغانغا قەدەر دۇرۇس ھالىتىدە بولىدۇ، چوشقا، ئائىلە ئېشىگىنى يېيىش، يىرتقۇچ ھايۋانلارنى، يىرتقۇچ قۇشلارنى يېيىش چەكلەنگەندەك ياكى ھۆپۈپ، قارلىغاچقا ئوخشاش ئۆلتۈرۈش چەكلەنگەندەك ياكى يىلان، چاشقان دېگەندەك ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇلغاندەك ، زىيانلىقلىقى ئىسپاتلانغان ياكى نىجىس ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ھايۋانلار ئەسلىدىكى ھالاللىق دائىرىسىدىن چېقىپ كېتىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَيُحِلُّ لَهُمُ الطَّيِّبَاتِ وَيُحَرِّمُ عَلَيْهِمُ الْخَبَائِثَ تەرجىمىسى: «ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ.» [سۈرە ئەئراپ 157-ئايەت].
"پىقھى توپلاملىرى" 18-توم 336-بەتتە مۇنداق كەلگەن: ھايۋانلاردىن يېيىش دۇرۇس بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى بايان قىلىش قېيىن بولىدۇ، چۈنكى ئەسلىدە ھايۋانلاردىن تۆۋەندە ئىستىسنا قىلىنغانلىرىدىن باشقا ھەممىسىنى يېيىش دۇرۇس بولىدۇ:
بىرىنچى: چوشقا، بۇ قۇرئان، ھەدىس ۋە ئۈممەتنىڭ بىرلىكى بىلەن ھارام قىلىنغان.
چوشقىدىن باشقا ھايۋانلار توغرىسىدا ئالىملار پەرقلىق قاراشلاردا بولغان، كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرى: شىر، يولۋاس، يىلپىز، بۆرە، ئىت قاتارلىق ۋەھشى ھايۋانلارنى، بۈركۈت، قارچۇغا، سا، مۈشۈك ياپىلاق دېگەندەك يرىتقۇچ ئۇچارلىقلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ھالال بولمايدۇ دېگەن. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىستە: مەگەن چېشلىق يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ۋە تىرناقتا يۇلۇپ يەيدىغان يىرتقۇچ ئۇچارلىقلارنىڭ گۈشىنى يېيىشتىن چەكلىگەن.
ئۇلار يەنە ئات، كىلە، تۈلكە، تۈرلۈك قاغىلار ۋە باشقا بەزى يەككە ھايۋانلارنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقى توغرىسىدا ئىختىلاپتا بولغان. بۇنىڭ تەپسىلاتى ئۈچۈن "يېمەكلىكلەر" ئاتالغۇلىرىغا قارالسۇن.
مالىكى مەزھەپ قارىشىغا كۆرە: ئۇلار: ئادەم گۆشى بىلەن چوشقا گۆشىنىڭ كەسكىن ھارام ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا پىلدىن باشلاپ چۆمۈلە ھەتتا قۇرۇت-قوڭغۇزغىچە ھەممىسىنى يېسە بولىدۇ دېگەن.
يەنە ئۇلارنىڭ قارىشىغا كۆرە: ئۇچارلىقتىنمۇ ھېچ نەرسە ھارام بولمايدۇ. مۇجتەھىدلەردىن: لەيسى، ئەۋزائى، يەھيا ئىبنى سەئىيد قاتارلىقلارمۇ شۇنداق دەپ، بۇنىڭغا ئايەت ھەممە نەرسىنىڭ مۇباھ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى دېگەن. ساھابىلاردىن: ئەبۇ دەردا ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئاللاھ تائالا ھارام دەپ بايان قىلماي سۈكۈت قىلغان نەرسىلەر ھاراملىقى ئەپۇ قىلىنغان نەرسىلەر دېگەن.
ئىككىنچى: ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىغان يىلان، چايان، چاشقان ۋە شىر، بۆرە قاتارلىق يىرتقۇچ ۋە باشقا ھايۋانلارنىڭ ھۆكمى يۇقىرىدا بايان قىلىندى.
ئۈچىنچى: نىجىس نەرسىلەر، ھالاللىق ۋە ھاراملىقتا ئېتىبار ئېلىنىدىغان ئەسلى قائىدە: پاكىزلىق ۋە پاسكىنىلىقتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھ ئەسلى كاتتا ۋە ئومۇم بولىدۇ دېگەن. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَيُحَرِّمُ عَلَيْهِمُ الْخَبَائِثَ تەرجىمىسى: «ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ».
يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَسْأَلُونَكَ مَاذَا أُحِلَّ لَهُمْ ۖ قُلْ أُحِلَّ لَكُمُ الطَّيِّبَاتُ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە (يېمەك ـ ئىچمەكتىن) نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «سىلەرگە پاك نەرسىلەر ۋە (ئىت، قارچىغا، قۇشقا ئوخشاش) شىكارغا ئۆگىتىلگەن، سىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئۆگەتكىنى بويىچە ئۆگەتكەن ئوۋچى جانىۋارلارنىڭ شىكار قىلغان نەرسىلىرى ھالال قىلىندى.» [سۈرە مائىدە 4-ئايەت].
"پىقھى توپلاملىرى" 5-توم 132-147-بەتكە قارالسۇن، ئۇنىڭدا ئون ئۈچ تۈرلۈك قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرى ۋە ئۇلار توغرىسىدا كەلگەن ئىختىلاپلار تەپسىلى بايان قىلىنغان.
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ھايات ھايۋان بىلەن گۆش ياكى بوغۇزلانغان ھايۋاننىڭ ئارىسىنى ئايرىش ھەممىگە مەلۇم بېكىتىلگەن ئىش، ھايات ھايۋانلاردىكى ھۆكۈم ئەسلى مۇباھ-ھالاللىقتۇر، گۆش ياكى بوغۇزلانغان ھايۋان بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ئەسلى ھاراملىقتۇر.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: "گۆشتىكى ئەسلى ھالاللىقمۇ ياكى ھاراملىقمۇ؟ دەپ سورالغاندا، مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "گۆشتىكى ئەسلى ھاراملىق، ھايات ھايۋاندا ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭدىكى ئەسلى ھالاللىق، گۆشلەردىكى ئەسلى ئۇنىڭ شەرئى يولغا مۇۋاپىق بوغۇزلانغانلىقى بىلىنگەنگە قەدەر ھاراملىقتۇر.
يەنى: بۇ ھايۋاننىڭ ھالاللىقى ياكى ھاراملىقىدا شەكلىنىپ قالغاندا، ئۇ ھالال بولىدۇ، ئۇنى شەرىئەتكە مۇۋاپىق بوغۇزلاپ يەيمىز، لېكىن گۆشنىڭ بوغۇزلانغانلىقى ياكى ئۆزى ئۆلۈپ قالغانلىقىدا شەكلىنىپ قالساق، بىزنىڭ قارىشىمىزدا ئۇنىڭ شەرئى يولغا مۇۋاپىق بوغۇزلانغانلىقى ۋە ھالال ئىكەنلىكى بىلىنگەنگە قەدەر ھاراملىقتۇر". ["ئوچۇق سۆھبەت" 9-قىسىم 234-بەت].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلىدۇ.