دۇشەنبە 22 جىمادۇسسانى 1446 - 23 دىكابىر 2024
Uygur

خىزمەت جەريانىدا مۇدىرغا بويسۇنۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەن ئۇنىۋېرسىېتتا ئوقۇيمەن، قادىر بولالىسام ئۆزۇم ۋە ئائىلەمگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھالالدىن مال كەسىپ قىلىشنى مەقسەت قىلىمەن، ئىقتىساد تېپىش يولىدا ھېچ بىر قىيىنچىلىق يوق دەپ قارايمەن. بۇ يولدا ئۆزۈمنىڭ ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىش ئىگىلىرىگە بويسۇنغانلىقىنى كۆردۈم، مېنىڭ سوئالىم: ئاللاھنىڭ غەيرىگە بويسۇنۇش ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغانلىق بولمامدۇ؟، بۇنىڭغا مۇشۇ يول بىلەن كەسىپ قىلغان مال ھارام دېيىلەمدۇ؟، مېنىڭ ۋە ئومۇمى ئىنسانلارنىڭ ئىش ئىگىلىرىگە بويسۇنۇشى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئىگىلىشتىن ئىبارەت بۇ خارلىق قانداق يوق بولىدۇ؟، مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدىكى بىرەر كىتابنى تەۋسىيە قىلساڭلارمۇ بولىدۇ، مەن كىتاب ئوقۇشنى ياقتۇرىمەن

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

ئەسلىدە ئىشلارغا ئىگە بولۇش، زاۋۇت-كارخانىلارغا رەھبەرلىك قىلىش مۇباھ-دۇرۇس ئىشلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە دەلىل بولمايدىكەن، مەسئۇللۇقنى ئۈستىگە ئالسا گۇناھ بولمايدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئىنسانلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلەر بىلەن ئىلىپ بارىدىغان ئىشلىرى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:  ئۇلارنىڭ دىنىغا يارايدىغان ئىبادەت ئىشلىرى ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئادەتلىرىدىن ئىبارەتتۇر.

شەرىئەتنىڭ ئۇسۇل قائىدىسى بويۇنچە ئىبادەت دېگەننىڭ ئاللاھ تائالا ۋاجىپ قىلغان ياكى ياخشى كۆرىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ئىبادەت ئىشلىرى شەرىئەتنىڭ يولغا قويۇشى بىلەن بولىدۇ.

ئادەت دېگەن:  ئەسلىدە ئەپۇ قىلىنىدىغان ئىش بولۇپ، ئۇنىڭدىن پەقەت شەرىئەت ھارام قىلغانلىرىدىن ھەزەر قىلىش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا بىز ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنىڭ ھۆكمىگە كىرىپ قالىمىز: ‎قُلْ أَرَأَيْتُمْ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ لَكُمْ مِنْ رِزْقٍ فَجَعَلْتُمْ مِنْهُ حَرَامًا وَحَلَالًا تەرجىمىسى: «ئېيتقىنكى، ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! سىلەرگە ئاللاھ چۈشۈرگەن رىزىقتىن بەزىسىنى ھارام، بەزىسىنى ھالال قىلدىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مۇنداق قىلىشقا ئىزنى بەردىمۇ؟ ياكى ئاللاھقا يالغاننى چاپلامسىلەر؟». [سۈرە يۇنۇس 59 -ئايەت.]

شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھ تائالا رۇخسەت قىلمىغان ئىشلارنى دىن دەپ يولغا قويغانلىقىنى ۋە ئاللاھ تائالا ھارام قىلمىغان نەرسىلەرنى ھارام قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن، بۇ مەنپەئەتلىك بولغان چوڭ قائىدىدۇر”. [ “پەتىۋالار مەجمۇئەسى”  29 -توم 16 -18-بەت.]

خارلىق تۇيغۇسىدا چۈشىنەلمەسلىك بار، بۇ تۇيغۇ بىلەن ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنىڭ بەزىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەتلىرىدىن تۆت تۈرلۈك ئارىلىشىپ كېتىدۇ.

بىرىنچىسى:  كەمتەرلىك. ئومۇمى جەھەتتە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كەمتەر بولۇش يولغا قويۇلغان، شەرىئەت ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرگەن.   بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا مَنْ يَرْتَدَّ مِنْكُمْ عَنْ دِينِهِ فَسَوْفَ يَأْتِي اللَّهُ بِقَوْمٍ يُحِبُّهُمْ وَيُحِبُّونَهُ أَذِلَّةٍ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ أَعِزَّةٍ عَلَى الْكَافِرِينَ يُجَاهِدُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلَا يَخَافُونَ لَوْمَةَ لَائِمٍ ذَلِكَ فَضْلُ اللَّهِ يُؤْتِيهِ مَنْ يَشَاءُ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر!  سىلەردىن كىمكى مۇرتەد بولىدىكەن، ئاللاھ (ئۇنىڭ ئورنىغا) ئاللاھ ئۇلارنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان، مۆمىنلەرگە كۆيۈنىدىغان، كاپىرلارغا شەپقەتسىز، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ.  بۇ يەنى يۇقىرىدىكى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىش) ئاللاھنىڭ پەزلىدۇركى، ئاللاھ ئۇنى  بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، ئاللاھنىڭ پەزلى كەڭدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر» [سۈرە مائىدە 54 -ئايەت.]

خارلىق، كەمتەرلىك دېگەن رەھمەتتۇر ۋە مۇئامىلىدە ئاسانلىقتۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتماسلىق ۋە تەكەببۇرلۇق قىلماسلىقتۇر، بۇنى قۇرئان كەرىمدىكى يەنە بىر ئايەت ئىزاھلىغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎‏مُحَمَّدٌ رَسُولُ اللَّهِ وَالَّذِينَ مَعَهُ أَشِدَّاءُ عَلَى الْكُفَّارِ رُحَمَاءُ بَيْنَهُمْ تەرجىمىسى: «مۇھەممەد ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۆمىنلەر كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر». [سۈرە پەتھ 29 -ئايەت].

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دىققەت قىلىڭلار!  مەن سىلەرگە دوزاخقا ھارام قىلىنغان ياكى دوزاخ ئۇنىڭغا ھارام قىلىنغان كىشى توغرىسىدا خەۋەر بىرەيمۇ؟، كىشىلەر بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان مۇلايىم، كېچىك پېئىل كىشىدۇر».[ تىرمىزى رىۋايىتى2488-ھەدىس. بۇ ھەدىس ھەسەن، غەرىپ دېگەن. شەيخ ئەلبانى باشقا ھەدىسلەر بىلەن بىرگە”سەھى ھھەدىسلەر توپلىمى”  2 -توم 611 -بەتتە كەلتۈرگەن].

ئىككىنچىسى:  قورقۇش.  ئىشچىنىڭ ئىش ئىگىسىنىڭ خىزمەتتىن بوشىتىۋېتىشىدىن ياكى ئايلىق ئىش ھەققىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشىدىن قورقۇشى بۇ كىشىلەردە بولغان قورقۇشنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، بۇنى ئادەتتە ئاللاھ تائالا ئۇلارغا تەقدىر قىلىۋەتكەن، بۇ ھارام ئىشمۇ ۋە ئاسىيلىق بولىدىغان ئىشمۇ ئەمەس، لېكىن بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالاغا مۇكەممەل تەۋەككۇل قىلىش دەرىجىسىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ.

ئۈچىنچىسى:  ھايا.  ئىنسانلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ھايا قىلىش ئىماندىندۇر.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەنسارىلاردىن بولغان بىر كىشىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، ئۇ كىشى قېرىندىشىنىڭ بەك ھايالىق بولۇپ كەتكىنىگە نارازى بولۇپ نەسىھەت قىلىۋاتقان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «قىرىندىشىڭنى ھايالىق بولغىلى قويغىن، ھەقىقەتەن ھايا دېگەن ئىماندىن» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 24-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى36-ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «قېرىندىشىنىڭ بەك ھايالىق بولۇپ كەتكىنىگە نارازى بولۇپ نەسىھەت قىلىۋاتقان ئېدى» دېگەنلىك، ئۇنى ھايا قىلىشتىن توسۇپ، بۇنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنى كۆپ ھايا قىلىشتىن چەكلىگەن دېمەكتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن چەكلەپ: «قىرىندىشىڭنى ھايالىق بولغىلى قويغىن، ھەقىقەتەن ھايا دېگەن ئىماندىن» دېدى.  يەنى ئۇنى ھايالىق بولغىلى قوي، ئۇنى بۇنىڭدىن چەكلىمىگىن دېدى.  “سەھىھ  مۇسلىمنىڭ شەرھىسى”  2 -توم 6 -بەت.]

تۆتىنچىسى:  ئىتائەت قىلىش. خىزمەت توختامى بويۇنچە ئىش ئىگىسىگە بويسۇنۇش دېگەن ئەمەل قىلىش لازىم بولىدىغان ئىشتۇر .  بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَوْفُوا بِالْعُقُود‏ تەرجىمىسى: « ئى مۆمىنلەر! ئەھدىلەرگە (يەنى ئاللاھ بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ۋە سىلەرنىڭ ئۆز ئاراڭلاردىكى ئەھدىلەرگە) ۋاپا قىلىڭلار» [سۈرە مائىدە 1 -ئايەت].

توختامدا بولمىسىمۇ خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ئىتائەت قىلىش، خىزمەتچىگە زىيان يەتمەيدىغان ئىشلاردا مۇستەھەپ بولىدۇ.

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر نەرسە ئالغاندا، ساتقاندا ۋە قەرز ئادا قىلغاندا كەڭ قورساق بولغان كىشىگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلىدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى 2076 -ھەدىس].

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:”بۇ ھەدىستە مۇئامىلىدە كەڭ قورساق بولۇشقا، يۈكسەك ئەخلاقنى ئىشلىتىشكە ۋە ئاچ كۆزلۈكنى تەرك قىلىشقا قىزىقتۇرۇش بار”. [ “پەتھۇل بارى”  4 -توم 307 -بەت].

سۆزنىڭ خۇلاسىسى:  مۇسۇلمان كىشى ئىش ئىگىسى بىلەن ياكى ئىنسانلار بىلەن بۇ شەكىلدە مۇئامىلە قىلىدىكەن، ئۇ كىشى سالامەت قالىدۇ ياكى ئەجىرگە ئېرىشىدۇ.  لېكىن بۇنىڭ شەرتى :  بۇ گۈزەل ئەخلاق ھارامغا سۇكۇت قىلىپ، ئىقرار قىلىشقا ۋە ئۇنى قىلىش ياكى ياردەم بېرىشكە ئىلىپ بارماسلىقى كېرەك.  بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق» [سۈرە مائىدە 2 -ئايەت.]

ھارام ئىشلار كەمتەرلىك، ھايا ۋە ئىتائەت قاتارلىق ئەخلاقلارنىڭ ئورنىدا بولمايدۇ.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولىدىغان ئىشتا مەخلۇققا ئىتائەت قىلىش يوق، ھەقىقەتەن ئىتائەت دېگەن ياخشى ئىشلاردا بولىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 7257-ھەدىس]. مۇسلىم رىۋايىتى 1840 -ھەدىس].

ئىمام ئەھمەد “ئەلمۇسنەد”  2 -توم 318 -بەتتە: «ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولىدىغان ئىشتا ئىنسانغا ئىتائەت قىلىش يوق» دېگەن لەۋزى بىلەن كەلتۈرگەن.

شۇنىڭدەك، ئىدارە مۇدىرىدىن قورقۇشنىڭ ئۆزىلا ھارام ئىشنى قىلىشقا ئۈزۈر بولالمايدۇ.  بەلكى مۇدىرنىڭ ئالدىدا كۆپچىلىككە مەنپەئەتلىك بولغان ئىشتا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسىگە ئەمەل قىلىپ كۈچىنىڭ يېتىشىچە مۇنكەرنى ئىنكار قىلىش كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن كىمكى بىر مۇنكەر ئىشنى كۆرسە قادىر بولالىسا ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، قولى بىلەن ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمىسا تىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، تىلى بىلەن ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمىسا، دىلى بىلەن ئۆچ كۆرسۇن، ئاشۇ ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز نۇقتىسىدۇر». [مۇسلىم رىۋايىتى.49-ھەدىس]

شۇنىڭدەك بۇ مۇئامىلىلەرنىڭ ئارىسى بىلەن ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇشقا رۇخسەت قىلىشنىڭ ئارىسىنى ئارىلاشتۇرىۋەتمەسلىك كېرەك.

مۇسۇلماننىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى خار قىلىشى بۇ مۆمىننىڭ ئەخلاقىدىن ئەمەس.

ئىبراھىم نەخەئىي مۇنداق دەيدۇ: ” سەلەپلەر قادىر بولسا ئەپۇ قىلاتتى، خارلىققا چۈشۈپ قىلىشنى ياقتۇرمايتتى”. [بۇ ئەسەرنى بۇخارى سەھىھ كىتابىدا تەلىق شەكىلدە كەلتۈرگەن”. [ “پەتھۇل بارى”  5 -توم 99 -بەت.]

سۆزنىڭ خۇلاسىسى:  ئەگەر سىز دۇرۇس ئىش قىلىۋاتقان، گۇناھ-مەسىيەتكە ياردەم بەرمىگەن ۋە ئۇنى ئىقرارمۇ قىلمىغان، ئۆزىڭىزنى خار قىلمىغان بولسىڭىز قىلىۋاتقان خىزمىتىڭىز خاتا بولمايدۇ، سىز ئىش ئىگىسىگە بويسۇنغانلىقنى خارلىق تۇيغۇسى دەپ كۆڭلىڭىزگە كەلتۈرگەنلىكىڭىز بەلكىم شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدۇر، شەيتان ئۇنىڭ بىلەن سىزنى مەنپەئەتلىك ئىشلاردىن چىكىندۈرىدۇ، بەلكى بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى بولسا، ئاللاھ تائالادىن ياردەم تەلەپ قىلىش، سىز قىلىۋاتقاندىمۇ مەنپەئەتلىك بولغان دۇرۇس ئىشلارغا يۈزلىنىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۈچلۈك مۆمىن ئاللاھ تائالاغا ئاجىز مۆمىندىن يىقىملىقتۇر ۋە ياخشى كۆرەلگۈچىدۇر، ھەممىسىدە ياخشىلىق باردۇر، ئۆزىڭىزگە مەنپەئەتلىك بولغان ئىشلارغا ھېرىس بولۇڭ، ئاللاھ تائالادىن ياردەم تەلەپ قىلىڭ، ئاجىز بولماڭ». [مۇسلىم رىۋايىتى 2664-ھەدىس].

ئەگەر سىزنىڭ مەسىلىڭىز ھەددىدىن زىيادە خىجىللىققا ئالاقىدار بولسا، سىزگە بۇ توغرىدا شەيخ ئىسمائىل مۇقدەمنىڭ” پىقھىل ھايا” ناملىق كىتابىنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى