جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

شىركەتتە پروگرام ياسىغۇچى ئىش ھەققىنى ئالالمىسا، پروگراممىدىن باشقىلارغا سېتىپ مائاشىنى چىقىرىۋالسا توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

مەن بىر شىركەتتە ئايلىق ئىش ھەققى ئېلىپ سىستېمسى-پروگرامما ياسايدىغان ئىشلارنى قىلىمەن، مەن بۇ شىركەتتە تۆت يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن شىركەت ئىگىسى ئۆزىنىڭ قىلغان ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماستىن مېنىڭ ئىش ھەققىمنى تولۇق بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ يەردە ئىشلەشنى رەت قىلدىم، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇلار مەندىن ئىلگىرىكى تەرەققى قىلدۇرغان قۇرۇلمىغا قوشۇمچە قىلىپ بەزى مۇھىم بولغان سىستېمسى-پروگراممىلارنى قېتىپ ئىشلەپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭ بەدىلىگە ماڭا ئايرىم ئىش ھەققى بېرىش بىلەن بىرگە ئىلگىرى تولۇق بەرمىگەن ئىش ھەققىمنى تولۇقلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەلۋەتتە ياسىغان سىستېمسى-پروگراممىلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى ئۇلارنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ، مەن ئىلگىرى قالغان ئىش ھەققىمنى تولۇقلاپ ئېلىش مەقسىتىدە ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدۇم، لېكىن ئون ئاي ئىشلىگەندىن كېيىن تەييار قىلغان سىستېمسى-پروگراممىلارنى تولۇق تاپشۇرۇپ بەردىم، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار مېنىڭ تېلىپۇنىمنىمۇ قوبۇل قىلمىدى، ئىش ھەققىمنىمۇ بەرمىدى، كېيىن بىلسەم ئۇلار مەن كېڭەيتكەن سىستېملارنى باشقىلار سېتىۋېتىپتۇ، بىر قانچە خېرىدار ۋە ھۆكۈمەت تەرەپلەرگە بېكىتپ بېرىپتۇ، قالغانلىرىنى ھازىرغىچە سېتىۋاتىدۇ، مېنىڭ سوئالىم: ئۇلار مەن بىلەن قىلىشقان توختامنى بۇزدى، قىلغان ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن مەن ئۇلارنىڭ شىركىتىدە خىزمەت قىلىش جەريانىدا تەييار قىلىپ، تەرەققى قىلدۇرغان بۇ سىستېمسى-پروگراملارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مېنىڭ بولامدۇ؟ ئۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ ئۇ سىستېمسى-پرۇگراممىلارنى سېتىپ ھالالدىن پايدا-مەنپەئەت ئېلىشىم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     بىر كىشى پروگرامما ياسايدىغان شىركەتتە خىزمەت قىلغان بولسا، پروگراممىلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى شىركەتكە مەنسۇپ بولىدۇ، ئۇ كىشىنڭ ئىشلىگەن پروگراممىغا ئىسمىنى يېزىش بىلەن ئۆزىنىڭ مەنىۋىي ھەققىنى ئىسپاتلىشى شەرت قېلىنىدۇ.

    سىز مەلۇم ئىش ھەققىنىڭ بەدىلىگە قوشۇمچە پروگراممىنى تەرەققى قىلدۇرۇش خىزمىتىنى قىلغان بولسىڭىز، شىركەت سىزنىڭ ھەق-ھوقۇقىڭىزنى دەپسەندە قىلىپ، ئىش ھەققىڭىزنى تولۇق بەرمىگەن بولسا، بۇ شىركەتنىڭ ئۈستىگە قەرز بولىدۇ، سىز شىركەتتىن ئىش ھەققىڭىزنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئەرىز قىلىش قاتارلىق يوللۇق بولغان ۋاسىتىلارنى قوللانسىڭىز بولىدۇ.

   ئەمما پروگراممىلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى يەنىلا شىركەتكە مەنسۇپ، ئۇلارنىڭ سىزنىڭ ھەققىڭىزنى ۋاقىتىدا ئادا قىلماسلىقى سەۋەبىدىن ئىگىلىك ھوقۇق سىزگە يۆتكەلمەيدۇ.

    ئەگەر سىز يوللۇق بولغان ۋاسىتىلارنى قوللىنىپمۇ شىركەتتىن ئىش ھەققىڭىزنى تولۇق ئالالمىسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا سىز شىركەتتىن ئالىدىغان ئىش ھەققىنىڭ باراۋېرىدە پروگراممىلاردىن سېتىپ ئىش ھەققىڭىزنى تولۇق ئالسىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق سېتىۋەتسىڭىز توغرا بولمايدۇ، بۇ ئىلىم ئىگىلىرى ئارىسىدا "ئۇتۇق قازىنىش مەسىلىسى" دەپ تونۇلغان ئىشتۇر، لېكىن سىز بۇ ئىشنى شىركەتنىڭ سىزنى پروگراممىلارنى ئوغرىلىدى دېگەن قارىلاشقا ئۇچرىماستىن قىلىشىڭىز كېرەك.

    ئىبنى مۇلەققىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشىنىڭ باشقىلاردا ھەققى بولۇپ، ئۇ كىشى ئۆز ھەققىنى تولۇقلاپ ئېلىشقا قادىر بولالمىسا، ئۇ كىشىنىڭ ھەققى بار كىشىنىڭ مېلىدىن ئۇ كىشىدىن رۇخسەت ئالماستىن ۋە ئۇ كىشىگە مۇراجىئەت قىلماستىن ئۆز ھەققىنى ئېلىۋالسا توغرا بولىدۇ، بۇ ئىمام شاپىئى ۋە شۇ مەزھەپتىكى باشقا ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدۇر، بۇ "ئۇتۇق قازىنىش مەسىلىسى" دەپ ئاتلىنىدۇ.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ سەھىھ مۇسلىمغا يازغان شەرھىسىدە، ئىمام ئەبۇ ھەنىپە بىلەن ئىمام مالىك رەھىمەھۇمۇللاھنىڭ بۇنداق قىلشتىن چەكلىگەنلىكىنى بايان قىلغان.

    قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ: بۇ ئىمام مالىكنىڭ مەزھىبىدىكى مەشھۇر قاراشتۇر دېگەن.

   قۇرتۇبىيدىن باشقا ئۆلىمالار ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھدىن: "ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ھەققىنىڭ تۈرىدىن ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقىسىنى ئالمايدۇ، پەقەت دىنار پۇلنىڭ ئورنىغا دىرھەم ياكى دىرھەمنىڭ ئورنىغا دىنار ئالسا بولىدۇ"، بولىدۇ دېگەن قاراشنى بايان قىلغان.

    ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھدىن: "ئۆز ھەققىنىڭ تۈرىدىن ئالسىمۇ ياكى ئۇنىڭ غەيرىنى ئالسىمۇ توغرا بولمايدۇ" دەپ بايان قىلىنغان.

    ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھدىن: "ئەگەر قەرزدار كىشىنىڭ شۇ ھەق ئىگىسىدىن باشقا كىشىگە قەرزى بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئالىدۇ، ئەگەر باشقا كىشىگىمۇ قەرىزى بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى قەرىزدىن قانچىلىك مقداردا بۆلۈنسە شۇ مىقدارنى ئالىدۇ" دەپ بايان قىلىنغان.

    مارىزى رەھىمەھۇللاھ ئىمام مالىكتىن مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك قاراشنى بايان قىلغان:

    ئۈچىنچىسى: ئۆز ھەققىنى ئېلىش بىلەن ئۇتۇق قازانغان كىشىنىڭ ھەققىنى ئىلىشى توغرا بولىدۇ، ئەگەر ھەققىنى ئىلىش بىلەن ئۇتۇق قازىنالمىسا ئۆز ھەققىنى بۇ ئۇسۇلدا ئېلىشى توغرا بولمايدۇ. ["ئۇمدەتۇل ئەھكامنىڭ پايدىلىرىنى بىلدۈرۈش" ناملىق ئەسەر 10-توم 17-بەت].

   بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابى ۋە شەرتلىرى 171676- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.

   توغرىنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى