دۇشەنبە 22 جىمادۇسسانى 1446 - 23 دىكابىر 2024
Uygur

ھىندىلارنىڭ ئادىتى بويىچە توي قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

ئاللاھ تائالادىن كاپىرلارنى تەقلىد قىلىۋاتقان مۆمىنلەرنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىشىنى سورايمەن. يېقىندا ھەمشىرەمنىڭ تويى بولىدۇ، مەن تويدىن ئىلگىرى "ھولۇۋد" پائالىيىتى يەنى قىزنىڭ بېشىغا زىننەت قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدىم، بۇ تويدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەت بولۇپ، قىز بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئالدىغا مېۋە-چېۋە ۋە باشقا يېمەكلىكلەر قويۇلىدۇ، قىزچاققا يېمەك بېرىش ئۈچۈن سورۇنغا ئەر-ئاياللار ھازىر بولىدۇ، ئاندىن قىزنىڭ بېشىغا ھولۇۋد يەنى زىننەت قويۇلىدۇ، بۇ ھىندىستانلىقلارنىڭ ئادىتى بولۇپ، مۇشۇ كۈنلەردە جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى بەزى مۇسۇلمانلارمۇ بۇ ئىشقا ھەۋەس قىلىشىپ بۇ ئادەتكە ئەگىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئاتا-ئانام ۋە ھەمشىرەممۇ بۇنداق قىلىشقا قوشۇلدى، ئاللاھ تائالادىن مۇسۇلمانلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىشىنى، گۇناھ-مەسىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرماسلىقنى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: سوئالدا شەرىئەتكە زىت كېلىدىغان ئوپئوچۇق ئىككى ئىش بايان قىلىنغان: ئۇنىڭ بىرى: كاپىر ھىندىلارغا ئوخشىۋېلىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ كىيىم-كېچەك، تۈرلۈك پائالىيەت ۋە بايراملاردا كاپىرلارنىڭ خاس ئادەتلىرىنى دورىۋېلىشى ۋە ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ.

    كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىشتىن چەكلەشتىكى ھېكمەت بولسا، كاپىرغا ئوخشىۋالغۇچىنىڭ مەنىۋىيتىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكى ئۈچۈندۇر، چۈنكى بىر مىللەتكە سىرتقى تەرەپتىن ئوخشىۋېلىش بولسا، بۇ مەنىۋىي تەرەپتىن تەسىر كۆرسىتىپ ھەتتا كۆڭلىدە ئۆزىنى ئوخشۇتۇلغۇچى دەپ قالغىلى تاس قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلماننىڭ كاپىردىن پەرقلىق بولىشى مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ تەقەززاسىدۇر.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇسۇلمان بولمىغانلارغا خاس بولغان زۇننار-كەمەر تاقىۋالغانلارنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى مۇسۇلمان بولمىغان باشقا قەۋمگە ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ كىشى شۇلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

    ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھۆكمى كاپىرلارنى تەقلىد قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھەدىسنىڭ زاھىرى كۆرۈنىشى ئۇلارغا ئوخشىۋالغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىنى تەقەززا قىلىدۇ".

بۇ ئىش پەقەت ئۆچ كۆرۈش بىلەنلا توختالمايدۇ، چۈنكى بىز دەيمىزكى: ھەقىقەتەن بۇنىڭدىكى سەۋەپ، ئۇ كىشى كەمەر-زۇننار تاقاشتا ناسارالارنىڭ زۇننار-كەمەر تاقىشىغا ئوخشاش تاقىغان بولسا، ھەقىقەتەن بۇ ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: كىمكى مۇسۇلمان بولمىغان باشقا قەۋمگە ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ كىشى شۇلاردىن ھېسابلىنىدۇ دېگەن سۆزى بويىچە، ئۇ ئىشنىڭ ھاراملىقىنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى ئۇ كىشىنى مۇتلەق كاپىر دېگەنلىك ئەمەس، لېكىن ئۆزىنىڭ شەكلى ۋە كۆرۈنۈشىدە كاپىرغا ئوخشاش بولىۋالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر ئۆزىنىڭ كىيىم-كېچەك ۋە شەكىللىرىدە ناسارالارغا ئوخشىۋالغۇچى بىلەن ھەقىقى ناسارانى ئايرىيالمىغىلى تاس قالىدۇ. نەتىجىدە ئۇ كىشى تاشقى كۆرۈنۈشدە ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولىدۇ.

    ئۇلار يەنە بىر ئىشنى دەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ: سىرتقى كۆرۈنۈشتە ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشى مەنىۋى جەھەتتىن ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنسان سىرتقى جەھەتتە ئۇلارغا ئوخشىۋالغاندا، ئۆزىنى ئۇلارغا مۇۋاپىق كەلدىم دەپ ھېس قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھېچ بىر ئىشلىرىنى ئۆچ كۆرمەيدىغان بولىدۇ، نەتىجىدە بۇ ئىش ئۇ كىشىنى مەنىۋى جەھەتتىنمۇ ئۇلارغا ئوخشاش بولۇشقا ئىلىپ بارىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ دىنىنى زىيان تارتىدۇ.

    خۇلاسە: كاپىرلارنى تەقلىد قىلىپ زۇننار-كەمەر تاقاش پائالىيىتى ئوتكۈزۈش ھارام بولىدۇ. ["شەرھىل مۇمتىئ" 2-توم 12-13-بەت].

21694-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا كاپىرلارغا ئوخشىۋىلىشنىڭ ھۆكمى ۋە ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنىڭ تەپسىلى جاۋابىنى تاپالايسىز.

    ئىككىنچى: سوئالدا بايان قىلنغان پائالىيەتتىكى ئىككىنچى مۇنكەر ئىش بولسا، قىز تولۇق زىننەتلەنگەن ھالەتتە ئىكەن ئۇنىڭ يېنىغا ئەرلەرنىڭ كىرىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ يەردە ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ پائالىيەت قىلىدۇ، بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسى ھارامدۇر.

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاياللارنىڭ يېنىغا كىرىشتىن ساقلىنىڭلار دېگەندە، ئەنسارىلاردىن بىر كىشى: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقانلارچۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇلارنىڭ كىرىشى ئۆلۈمدۇر دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 4934-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2173-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېقىن تۇغقانلارنىڭ كىرىشى ئۆلۈمدۈر دېگەن سۆزىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ سۆزنىڭ مەنىسى: باشقىلارغا قارىغاندا ئۇلاردىن ئەنسىرەش گۇمانلىنىش بولمايدۇ، يات كىشىلەرنىڭ ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئايالنىڭ يېنىغا كىرىش ۋە يالغۇز قىلىش ئىمكانىيەتنىڭ تولۇق بولىشى سەۋەبلىك ئۇلاردىن كىلىدىغان پىتنە ۋە يامانلىق كۆپ بولىدۇ، ھەدىستىكى يېقىن تۇغقانلاردىن: ئەرنىڭ دادا باشقا تۇغقانلىرى ۋە ئوغۇللىرى مەقسەت قىلىنىدۇ، ئەمما ئاتىلىرى ۋە ئوغۇللىرى بولسا ئايالىغا مەھرەم بولىدىغان بولۇپ، ئايالىنىڭ ئۇلار بىلەن بىرگە يالغۇز تۇرۇپ قىلىشى چەكلەنمەيدۇ، بۇ ئۆلۈم بىلەن سۈپەتلەنمەيدۇ. بۇ ھەدىستىن بولغان مەقسەت: ئەرنىڭ ئەركەك قېرىندىشى، ئەركەك قېرىندىشىنىڭ ئوغلى، تاغىسى ۋە تاغىسىنىڭ ئوغلى قاتارلىق ئايالىغا مەھرەم بولالمايدىغان تۇغقانلىرىدۇر، كىشىلەر ئادەتتە بۇنىڭغا بەك سەل قارايدۇ، قېرىندىشىنىڭ ئايالى بىلەن يالغۇز قالىدۇ، بۇ ئۆلۈم دېمەكتۇر، بىز يۇقىردا بايان قىلغاندەك ياتلارغا كۆرە بۇلارنى چەكلەش بەك لايىقتۇر،بۇلار ھەدىسنىڭ توغرا مەنىسىدۇر. [مۇسلىمنىڭ شەرھىسى 14-توم 153-بەت].

   1200-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ خەتىرى توغرىسىدا تولۇق جاۋاپقا ئېرىشىسىز.

    ئاللاھ تائالادىن سىزنى، ئائىلىڭىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى مۇنكەر ئىشلارنى تەرك قىلىپ، ھىدايەت ۋە توغرا يولغا، ياخشىلىققا يۈزلىنىدىغان مۇسۇلمانلاردىن قىلىشىنى سورايمىز.

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى