پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

مەھدىينىڭ ھەقىقىيلىقى ۋە قىيامەت ئالامەتلىرىنىڭ تەرتىپى

سۇئال

ئىمام مەھدىي كىم ياكى كىم ئۇ بولىدۇ ؟ قۇرئان ۋە ھەدىيستە ئۇنىڭ مەيدانغا كىلىشى ھەققىدە دەلىل بارمۇ ؟ قىيامەت بولۇشتىن بۇرۇنقى ئىشلارنىڭ يۈز بىرىش تەرتىپى قانداق بولىدۇ ؟ يەنى ، ئىمام مەھدىينىڭ چىقىشى ، دەججالنىڭ سىھرىي كۈچى ( پىتنىسى) ، يەجۇج- مەجۇج ۋە ھەزرەت ئەيسانىڭ چۈشىشى قاتارلىقلار. تەپسىلىي جاۋاپ بەرسىڭىزلەر .

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن.
ئىمام مەھدىي بولسا مۇھەممەدنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئەۋلادلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدىغان توغرا يوللۇق كىشى بولۇپ ، ئۇ زامان ئاخىرى بولغاندا مەيدانغا چىقىدۇ . ئۇ ئارقىلىق ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىدۇ . ھەمدە زىمىنغا ، ئۇ زۇلۇم ۋە ئېزىشقا تولغىنىدەك ، ئادىللىق ۋە باب-باراۋەرلىكنى تولىدۇرىدۇ . ئۇنىڭ ئىسمى پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئىسمى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ ، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) دادىسىنىڭ ئىسمى بولىدۇ . شۇڭا ئۇ مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ مەھدىي ، ياكى ئەھمەد بىن ئابدۇللاھ مەھدىي بولىدۇ . ھەمدە ئۇنىڭ نەسىبى پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) قىزى فاتىمەگە ئۇلىشىدۇ ، ھەمدە ئۇ ھەسەن بىن ئەلىينىڭ ئەۋلادىدىن بولىدۇ . ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىشىنىڭ بەلگىسى بولسا دەۋىرنىڭ بۇزۇلىشى ، زىمىننىڭ زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىقكە تولۇشى .
ئۇنىڭ مەيدانغا كىلىشى ۋە يۇقۇردا بايان قىلىنغان سۈپەتلىرىنى كۆرسىتىدىغان بىر نەچچە ھەدىيس بار . بۇ نەقىللەر بىرلەشتۈرۈلسە ، مۇتەۋاتىر دەرىجىسىگە يىتىپ بارىدۇ ( يەنى ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان كىشىلەردىن نەقىل قىلغان ،ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەممسىنىڭ بىر يالغانچىلىققا بىردەك بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ) بۇ 1252- سۇئالدا تىخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرلىدۇ .
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كۆرىلىدىغان تەرتىپلەرگە كەلسەك ، ئالىملار ئوتتۇرسىدا بەزى ئىختىلاپى قاراشلار بار . سەۋەبى ، ئۇ لارنىڭ تەرتىۋى سۈننەتتە كەلمىگەن ، لىكىن ئالىملار بەزى ھادىسىلەرنىڭ تەرتىۋىنى تۆۋەندىكىچە جەزىملەشتۈردى :
1- قىيامەتنىڭ كىچىك ئالامەتلىرىنىڭ مەيدانغا كىلىشى : ئۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇئەييەن تەرتىپ يوق . بۇلار : پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئەۋەتىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئۆلىمى ، ئەمۋاس ۋاباسى ، پىتنىلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشى ، سەمىمىيلىكنىڭ يوقۇلىشى ، بىلىم-مەرىپەتنىڭ يوقۇلىشى ، نادانلىقنىڭ مەيدانغا چىقىشى ، جازانە ، چالغۇلار ۋە ھاراقنىڭ كىڭىيشى ، ۋە ئۇلارنى ھالال دەپ قاراش ، ئىگىز بىنالارنى سىلىشتا بەسلىشىش ، قان تۆكۈشنىڭ كۆپ بولۇشى ، ۋاقىتنىڭ بەك تىز ئۆتۈپ كىتىشى ، مەسچىدلەرنىڭ بىزىلىشى ، شىرىكنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇشى ، ئەخلاقسىزلىقنىڭ كىڭىيىشى ، بىخىللىقنىڭ كۆپ بولۇشى ، كۆپ يەر تەۋرەشلەر ، تاغ گۈمۈرلۈپ چۈشۈش ، قىياپەت ئۆزگىرىش ۋەئاسماندىن تاش چۈشۈشنىڭ كۆرۈلىشى ، توغرا يوللۇق كىشىلەرنىڭ يوقۇلىشى ، مۇئىمىننىڭ چۈشىنىڭ راست چىقىشى ، سۈننەتلەرگە سەل قاراش ، يالغانچىلىقنىڭ كۆپ بولۇشى ، يالغان گۇۋاھلىق بىرىشنىڭ كۆپ بولۇشى ، تۇيۇقسىز ئۆلۈمنىڭ كۆپ بولۇشى ، يامغۇرنىڭ كۆپ يىغىشى لىكن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاز بولۇشى ، ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىش ، رىملىقلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ، ۋە باشقا پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) دىن نەقىل قىلىنغان سەھىيھ ھەدىيسلەردىكى ئالامەتلەر .
2- مەھدىينىڭ مەيدانغا كىلىشى ، ئۇ دەججالنىڭ چىقىشىدىن بۇرۇن ، ۋە ئەيسا بىن مەريەمنىڭ چۈشىشىدىن بۇرۇن مەيدانغا كىلىدۇ . بۇ جابىرنىڭ ھەدىيسىدە كۆرسىتىلگەن ، ئۇنىڭدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : ئەيسا بىن مەريەم چۈشىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ رەھبىرى مەھدىي : "كىلىپ ، بىزگە نامازدا ئىمام بولغىن ،" دەيدۇ . ئۇ : " ياق ، ئاللاھنىڭ بۇ ئۈممەتكە قىلغان ھۆرمىتى سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئىمام بولىدۇ " دەيدۇ . [ ئۇنى ئەبۇ ئۇسامە مۇسنەدىدە نەقىل قىلغان . ھەمدە ئىبنۇ قەييىم مەنار ئەل مۇنىيف تە ئىسنادى بەلەن دىگەن . بۇ ھەدىيسنىڭ ئاساسى مەزمۇنى سەھىيھ مۇسلىمدا رەھبەرنىڭ ئىسمى ئاتالماستىن مۇنداق نەقىل قىلىنغان: ... ئەيسا بىن مەريەم چۈشىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ رەھبىرى مەھدىي : "كىلىپ ، بىزگە نامازدا ئىمام بولغىن ،" دەيدۇ . ئۇ : " ياق ، ئاللاھنىڭ بۇ ئۈممەتكە قىلغان ھۆرمىتى سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئىمام بولىدۇ " دەيدۇ . [ ئۇنى مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 225 ] شۇنىڭ بىلەن ئەيسا( ئۇنىڭغا ئامانلىق بولسۇن) مەھدىيگە ئىقتىدا قىلىدۇ ،بۇ ئۇنىڭ ئەيسادىن بۇرۇن كىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . ھەمدە ئەيسا دەججالنى ئۆلتۈرىدۇ ، بۇ دەججالنىڭ مەھدىنىڭ زامانىدا مەيدانغا كىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . ( 10301- سۇئالغا قاراڭ )
3- دەججالنىڭ چىقىشى . ( ئۇنىڭ چىقىشىنىڭ تەپسىلاتىنى 8806- ، 171- ، 8301- سۇئاللاردىن كۆرۈڭ .)
4- ئەيسا بىن مەريەمنىڭ چۈشىشى ۋە ئۇنىڭ دەججالنى ئۆلتۈرىشى . ( 10302- سۇئالغا قاراڭ )
5- يەجۇج ۋە مەجۇجنىڭ چىقىشى ، يەجۇج ۋە مەجۇجنىڭ چىقىشىنىڭ ئەيسا ( ئۇنىڭغا ئامانلىق بولسۇن) زامانىدا بولۇشىنى نەۋاس بىن سەمئاننىڭ ھەدىيسى . ئۇنىڭدا پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئۇلارغا دەججال ھەققىدە سۆزلەپ مۇنداق دىگەن : « ئۇ ئاشۇنداق ھالەتتە ، ئاللاھ ئەيساغا ۋەھىي قىلىدۇ : مەن ھىچكىم ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلالمايدىغان بەندىلىرىمنى چىقىرۋەتتىم . بەندىلىرىمنى تۇر تېغىدىكى بىخەتەر جايغا ئىلىپ بارغىن . ھەمدە ئاللاھ يەجۇج ۋە مەجۇجنى ئەۋەتىدۇ . ئۇلار ھەر بىر دۆڭدىن توپ-توپ بولۇپ چۈشىدۇ . ئۇلارنىڭ بېشى تىبرىيە كۆلىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭدىكى سۇلارنى ئىچىۋىتىدۇ . ئۇلارنىڭ ئاخىرى ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ : " ئىلگىرى بۇ يەردە سۇ بارمىدى ." دەيدۇ . [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 2937 ] ( 171-، 3437- سۇئاللارغا قاراڭ )
ئاندىن قىيامەت ئالامەتلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى بولۇپ تىز سۈرئەتتە كىلىدۇ . ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : ئالامەتلەر خۇددى يىپتىن مارجان چۈشكەندەك كەينى-كەينىدىن كىلىدۇ . [ تەبەرانى مۇئېجەم ئەل ئەۋسەت تە نەقىل قىلغان ، ھەمدە ئەلبانىي سەھىيھ جامىئېدا ئۇنى سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان . ] ئاندىن قۇياش غەرىپتىن كۆتۈرلىدۇ ، بىر مەخلۇق پەيدا بولىدۇ ، ئاندىن تاغ گۈمۈرلەشلەر ، ۋە باشقا چوڭ ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . ئاللاھتىن ئۆلگىچە مۇستەھكەم تۇرۇشنى سورايمىز ، ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
تىخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئۈچۈن : د. ئابدۇل ئەلىيم بەستەۋىينىڭ بىز كۈتىۋاتقان مەھدىي 1 356 ، يۇسۇف ۋابىلنىڭ قىيامەت ئالامەتلىرى 249-ب ، ۋە 3259- سۇئالغا قاراڭ . ]

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى