پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىككى ھېيت نامىزىنى ئوقۇشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

ئىككى ھېيت نامىزى ئوقۇشنىڭ ھۆكمى قانداق؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ئۆلىمالار ئۈچ تۈرلۈك قاراشتا بولدى:

   بىرىنچى: ئۇ تەكىتلەنگەن سۈننەت، بۇ ئىمام مالىك ۋە شافىئىي رەھىمەھۇللاھلارنىڭ قارىشى.

   ئىككىنچى: ئۇ پەرىز كۇپايە يەنى بەزى كىشىلەر ئوقۇسا باشقىلاردىن ساقىت بولىدۇ، بۇ ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشى.

    ئۈچىنچى: ئۇ ھەر بىر مۇسۇلمان ئەركىشىگە ۋاجىپ بولىدۇ، سەۋەبسىز ھېيت نامىزى ئوقۇشنى تەرك قىلغان كىشى گۇناھكار بولىدۇ. بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشى، بۇ توغرىدا ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھتىنمۇ بىر رىۋايەت بار. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە ۋە شەۋكانىي رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان. ["ئەلمەجمۇئ"5/5-بەت، "ئەلمۇغنى"3/253-بەت، "ئەلئىنساپ"5/316-بەت ۋە "ئەلئىختىيارات"82-بەتكە قارالسۇن].

    يۇقىرىدىكى ئۈچ تۈرلۈك قاراش ساھىبلىرى ئۆز قاراشلىرىغا كۆرە دەلىللەرنى كەلتۈردى: 1-ئاللاھ تائالانىڭ  فَصَلِّ لِرَبِّكَ وَانْحَرْ تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن. [سۈرە كەۋسەر 2-ئايەت].

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تەپسىردىكى مەشھۇر قاراش، ئايەتتىكى ناماز ئوقۇغىن دېگەن سۆزدىن ھېيت نامىزى مەقسەت قىلىنىدۇ".

بەزى ئۆلىمالار بولسا، ئايەتتىكى ناماز ئوقۇغىن دېگەن سۆزدىن ھەممە نامازلار مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ پەقەت ھېيت نامىزىغا خاس ئەمەس دەيدۇ، ئۇنداق بولغاندا ئايەتنىڭ مەنىسى: ناماز ئوقۇش ۋە مال بوغۇزلاش بىلەن ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىشقا بۇيرۇشتۇر. دېمەك؛ بۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايەتتىكى سۆزىگە ئوخشايدۇ:  قُلْ إِنَّ صَلاتِي وَنُسُكِي وَمَحْيَايَ وَمَمَاتِي لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ  تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم (دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت ـ ئىبادەتلىرىم)ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. [سۈرە ئەنئام 162-ئايەت].

    ئايەتنىڭ مەنىسىدىكى بۇ قاراشنى تەپسىر ئالىملىرىدىن: ئىبنى جەرىر 12/724-بەت، ئىبنى كەسىر 8/502-بەتتە تاللىدى. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئايەت ھېيت نامىزىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىگە دەلىل بولالمايدۇ.

    2-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھېيت نامىزىغا چېقىشقا ئەرلەرنى ھەتتا ئاياللارنىمۇ بۇيرىغان.

    ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىز ئاياللاردىن ياشانغانلار، بالاغەتكە يەتكەن قىزلار ھەتتا ئادەت كۆرۈپ قالغانلارنىمۇ ئىككى ھېيت نامىزىغا چىقىشقا بۇيرىغان. ئادەت كۆرۈپ قالغانلارنى ناماز ئوقۇيدىغان جايدىن ئايرىم تۇرۇپ، ياخشىلىققا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۇئاسىغا ھازىر بولۇشقا بۇيرىغان. مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىزلەردىن بەزىلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە كىيىپ چىقىدىغان پۈركەنچە ۋە ئابايىغا ئوخشاش سىرتقى كىيىملىرىمىز يوق؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ئارتۇق تاش كىيىملىرى بولسا، ئۇنى ئارىيەت ئىلىپ كېيىپ چىقسۇن دېدى. [ئىمام بۇخارى رىۋايىتى 324-ھەدىس. ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى 890-ھەدىس].

    ھېيت نامىزى ئوقۇشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىگە ئىلگىرىكى ئايەتنىڭ دەلىلىدىن كۆرە بۇ ھەدىسنىڭ دەلىللىق ئىسپاتى كۈچلۈكتۇر.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى"16-توم 214-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "مېنىڭ قارىشىمچە ھېيت نامىزى ئوقۇش ھەر بىر مۇسۇلمان ئەرلەرگە پەرىز ئەيىندۇر، ئەرلەرنىڭ ھېيت نامىزىغا ھازىر بولۇشنى تەرك قىلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بالاغەتكە يېقىنلاشقان قىزلاردىن تارتىپ ھەتتا ئادەت كۆرۈپ قالغان ئاياللارنىمۇ ھېيت نامىزىغا بۇيرىغان، ئادەت كۆرۈپ قالغانلارنى ناماز ئوقۇيدىغان جايدىن ئايرىم تۇرۇشقا بۇيرىغان، بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ ھېيت نامىزى ئوقۇشنىڭ ئالاھىدە تەكىتلەنگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ".

    يەنە "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 16/217-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "مېنىڭ قارىشىمچە دەلىللەرگە كۆرە ھېيت نامىزى ئوقۇشنىڭ پەرىز ئەيىن ئىكەنلىكى كۈچلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزرىسى بولمىغان ھەرقانداق ئەر كىشىنىڭ ھېيت نامىزىغا ھازىر بولىشى كېرەك بولىدۇ".

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى"7/13-بەتتە مۇنداق دەيدۇ:" ھېيت نامىزى ئوقۇشنى پەرىز ئەيىن دېگەن قاراش، دەلىللەرگە قارا كۈچلۈك ۋە توغرىغا ئەڭ يېقىن قاراشتۇر".

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى