كاتاگورىيە شەجەرەسى
ئىككى ھېيت نامىزى
ئىسلامدا ھېيتنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
ئىسلام دىنىدا بىر-بىرىنى ھېيت بايرىمىدا تەبرىكلەش رۇخسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا ئالاھىدە سالام بېرىش بەلگىلەنگەن ئەمەس. بەلكى، كىشىلەر ئادەتتە ئۆزلىرىنىڭ قىلىپ كېلىۋاتقان سالام، تەبرىكلىرىنى قىلسا بولىدۇ. ساھابىلەرنىڭ (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) بىر-بىرىنى ھېيت بايرىمىدا «ئاللاھ بىزدىن ۋە سىلەردىن ياخشى ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن» دەپ تەبرىكلەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ھېيت نامىزىدىن كېيىن قول ئېلىشىپ ۋە قۇچاقلىشىپ تەبرىكلىشىشنىڭ ھېچقانداق خاتاسى يوق، چۈنكى كىشىلەر بۇنى ئىبادەت قىلىش ياكى ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئادەت، ھۆرمەت ۋە ئىززەتنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە قىلىدۇ. ھەرقانداق ئادەت ئىسلام پىرىنسىپىدا چەكلەنمەيدىكەن بۇ ئادەت ئەسلىدىكى دۇرۇسلۇق ھالىتىدە بولىدۇ.ساقلاشھېيت نامىزى ئۈچۈن جامائەتنىڭ مەلۇم ساندا بولىشى شەرت قىلىنامدۇ؟ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا
پىقھى ئالىملىرى: ھېيت نامىزى ئۈچۈن شەرت قىلىنغان سان توغرىسىدا پەرقلىق قاراشلاردا بولدى، ھەنبەلى مەزھىبىدىكىدەك قىرىق دېگەن ۋە شائىپى مەزھىدىكىدەك يالغۇز بولسىمۇ بولىدۇ دېگەن قاراشلار بولدى. بۇنىڭدىكى كۈچلۈك قاراش: ئۈچ كىشى بولسا بولىدۇ.ساقلاشھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى توغرىسىدا
ھەنەپى، مالىكى ۋە ھەنبەلى ئۆلىمالىرىدىن بولغان كۆپچىلىك ئالىملار، ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتىنىڭ كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندىن كېيىن باشلىنىپ زاۋالنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىغىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. شاپىئى مەزھەپ ئالىملىرى بولسا، ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتىنىڭ كۈن چىققاندىن باشلاپ كۈن ئېگىلگىچە بولىدۇ دېدى.ساقلاشئىككى ھېيت نامىزىنى ئوقۇغان كىشىگە قانداق ئەجىر-ساۋاپ بولىدۇ؟
ساقلاشروزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرىنى بېكىتىش ئاينى كۆرۈشكە ئاساسەن بولىدىغانلىقى توغرىسىدا
ساقلاشھېيت كۈنى ئۈچۈن يۇيۇنۇشنىڭ ۋاقتى توغرىسىدا
ساقلاشھېيت نامىزى ياكى يامغۇر تىلەش نامىزىدا، ئىمام تەشەھۇتتا ئولتۇرغاندا نامازغا كىرگەن كىشىنىڭ نامىزى توغرىسىدا
ساقلاشھېيت نامىزىدىن باشقا نامازلاردا نامازدىن يانغاندا يولنى ئالماشتۇرۇپ مېڭىش كېرەك بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا
ساقلاشھېيت كۈنى جۈمە كۈنىگە توغرا كەلگەندە نېمە قىلىش كېرەك؟
ساقلاشھېيت كېلىشتىن بىر ئىككى كۈن ئىلگىرى ھېيتنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
ساقلاش