بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.
-ئىسلام ئەقىدىسى ئەمەلىي پرىنسىپتۇر.
ئىسلام ئەقىدىسى قۇرۇق پەلسەپە پرىنسىپى ئەمەس، بەلكى رىئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەلىي پرىنسىپتۇر، ئەمەل بولسا مۇشۇ ئەقىدىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىر ئاساستۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەھلى سۈننە ئالىملىرى ئىماننىڭ: سۆز ۋە ئەمەل ئىكەنلىكىگە ياكى تىل بىلەن ئىقرار قىلىش، دىل بىلەن ئېتىقاد قىلىش ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئەمەل قىلىش ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاققا كەلگەن.
ئاللاھ تائالانى رەببىم، ئىلاھىم دەپ ئىشەنگەن كىشى ناماز، روزا قاتارلىق ئەمەل-ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش بىلەن ئاللاھغا ئىتائەت قىلىدۇ، ئىبادەت قىلىدۇ.
ئاخىرەت كۈنىگە ۋە ئۇ كۈندىكى ھېساب ۋە جازاغا ئىشەنگەن كىشىنى ئىمانى ئاللاھ تائالا بۇيرىغاننى قىلىش ۋە چەكلىگەندىن يىراق بولۇشقا چاقىرىدۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ رەسۇلى دەپ ئىشەنگەن كىشىنى ئىمانى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشقا، سۈننىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ۋە دىنىنى تارقىتىشقا چاقىرىدۇ.
ئىنسان ئېتىقاد قىلىدىغان بۇ پرىنسىپلار ئىنساننى ئاغزاكى ۋە ئەمەلىي ئىش قىلىش، بۇنىڭغا تىرىشچانلىق قىلىشقا يېتەكلەيدۇ، ئىنساننىڭ دىلىدىكى ئىمانى زىيادە بولغانسېرى ئۇنىڭ تەسىرى ئىنساننىڭ ئەمەلىيىتىدە زىيادە ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دىققەت قىلىڭلار! ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر چىشلەم گۆش بار، ئۇ ساغلام بولسا، بەدەن ساغلام بولىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا بەدەننىڭ ھەممىسى بۇزۇلىدۇ، دىققەت قىلىڭلار! ئۇ بولسىمۇ قەلىپتىن ئىبارەتتۇر». [بۇخارى رىۋايىتى 52-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1599-ھەدىس].
ھەسەن بەسەرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئىمان دېگەن قۇرۇق ئارزۇ ۋە كۆرۈنۈش ئەمەس بەلكى ئىمان دېگەن قەلىپتە ئورناشقان ۋە ئەمەلىيىتى تەستىق قىلغان ئىشتۇر”.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “قەلب ئۆزىدىكى ئىماندىن ۋە ئىلىم -ئەمەلدىن ئىبارەت قەلب ئەمەللىرىگە يارايدىغان بولسا، بەدەننىڭ ئاشكارا سۆز، ئەمەل ۋە مۇتلەق ئىمانغا يارايدىغان بولىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى لازىم تۇتىدۇ. خۇددى ھەدىس ئالىملىرى ئېيتقاندەك: ئىمان دېگەن سۆز ۋە ئەمەلدۇر، سۆز ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن بولىدۇ، ئەمەلمۇ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن بولىدۇ، ئاشكارىسى يۇشۇرۇنىغا ئەگىشىدۇ ۋە ئۇنى لازىم تۇتىدۇ، ئىچكى تەرىپى يارايدىغان بولسا سىرتقى تەرىپىمۇ يارايدىغان بولىدۇ، ئىچكى تەرىپى بۇزۇلسا، سىرتقى تەرىپىمۇ بۇزۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ساھابىلاردىن بىرى ئويناپ-خىيالى ناماز ئادا قىلىۋاتقان كىشىگە قاراپ مۇنداق دېگەن: “ئەگەر بۇنىڭ قەلبىدە قورقۇش بولغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە ئەزالىرىدىمۇ قورقۇش بولاتتى. “پەتىۋالار مەجمۇئەسى” 7 -توم 187 -بەت].
-
ئەقىدە توغرىسىدىكى پايدىلىق كىتابلار:
ئەقىدە توغرىسىدا مۇراجىئەت قىلىنىدىغان كىتابلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىن ئىبارەتتۇر. كىتاپ-سۈننەتكە ئىسىلغان كىشى ئۈچۈن نىجاتلىق، ساقلىنىش بولىدۇ، ئالىملار ساغلام-توغرا ئەقىدىنى بايان قىلىش ۋە تارقىتىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، بۇ توغرىدا ساناقسىز ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇردى، بۇ كىتابلارنىڭ مەشھۇرلىرىدىن:
1-ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئوغلى ئابدۇللاھنىڭ يازغان “ئەسسۈننە” ناملىق ئەسىرى.
2-ئىبنى خۇزەيمە يازغان”ئەتتەۋھىيد” ناملىق ئەسەر.
3-لالىكائى يازغان”ئەھلى سۈننە ئېتىقادىنىڭ ئاساسىنىڭ شەرھىسى” ناملىق ئەسەر.
4-سابۇنىينىڭ”سەلەپلەر ۋە ھەدىس ئەھلىنىڭ ئەقىدىسى” ناملىق ئەسىرى.
5-ئىبنى تەيمىيەنىڭ” ئەقىدەتۇل ۋاسىتىيە” ناملىق ئەسىرى.
6-ئىبنى ئەبىل ئىز ھەنەپىينىڭ” ئەقىدەتۇت تاھاۋىيە ۋە ئۇنىڭ شەرھىسى” ناملىق ئەسىرى.
7-ئىسپىرانىينىڭ”لەۋامىئىل ئەنۋارىل بەھىيە” ناملىق ئەسىرى.
8-ھاپىز ھەكەمىينىڭ”مەئارىجىل قەبۇل” ناملىق ئەسىرى
9-شەيخ سالىھ پەۋزاننىڭ” توغرا ئىتىقادقا يېتەكلەش” ناملىق ئەسىرى. بۇ ئەڭ ئاخىرىدا يېزىلغان پايدىلىق چۈشىنىش ئاسان بولغان كىتاپتۇر.
10- شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ “ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى” ناملىق ئەسىرى.
-توغرا ئەقىدىنى ئۈگىنىش.
ئەقىدىنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاش بولسا، ئۇنى ئۈگىنىش ۋە نەشىر قىلىپ تارقىتىش ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىش، ئۇنىڭغا قارشى پىكىردىكىلەرگە ھېكمەت بىلەن ۋە گۈزەل ۋەز-نەسىھەتلەر ئارقىلىق رەت قايتۇرۇش بىلەن بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ساغلام ئەقىدە تارىلىدۇ، ئۇنىڭ تەسىرى نامايەندە بولىدۇ، ئۇنىڭ سايىسىدا ئىنسانلار نېمەتلىنىدۇ.
توغرا ئەقىدىنى ئۆگىنىشنىڭ يوللىرى بولسا، توغرا ئەقىدىنى بىلىدىغان، ئۇنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە ئەمەل قىلىدىغان ئالىملاردىن بىۋاستە تەلىم ئېلىشتىن ئىبارەتتۇر. مانا بۇ ئىمكانىيىتى بولغان كىشى ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق ۋە توغرا بولغان يولدۇر. ئەمما ئىلىم ئەھلىدىن يىراقتا بولغان كىشى ئۈچۈن ئالىملارنىڭ يازغان كىتابلىرى ۋە شەرھىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىش، ئاۋازلىق دەرسلىرىنى تىڭشاش، قىيىن بولغان ۋە چۈشىنەلمىگەن جايلىرىنى سوراش ئارقىلىق بولىدۇ.
ئىنسان ئىسلام شەرىئەتلىرىنىڭ بەزىسىگە ئەمەل قىلىپ بەزىسىنى تەرك قىلسا، پەرز ئەمەللەرنىڭ بەزىسىنى ئادا قىلىپ، ھارام ئەمەللەرنىڭ بەزىسىنى قىلسا، بۇ، ئۇ ئىنساننىڭ ئىمانىنىڭ ناقىس ئىكەنلىكى، ئىشەنچىسىنىڭ ئاجىزلىقى، ئۆزىنىڭ رەببىگە ۋە دىنىغا بولغان سۆيگۈسىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ شەكسىز ئەقىدىسىدىكى كەمچىللىكتۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەھلى سۈننە ئالىملىرى ئىماننىڭ: سۆز ۋە ئەمەل ئىكەنلىكىگە ياكى تىل بىلەن ئىقرار قىلىش، دىل بىلەن ئېتىقاد قىلىش ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئەمەل قىلىش ئىكەنلىكىگە ۋە تائەت-ئىبادەت بىلەن زىيادە بولىدىغان، گۇناھ-مەسىيەت بىلەن كېمىيدىغانلىقىغا ئىتتىپاققا كەلگەن. ئەقىدىدىكى كەمچىللىك ۋە ئاجىزلىق بەزى ۋاقىتتا ئىماننى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشى ئىسلامدىن چىقىپ كەتكەن مۇرتەدكە ئايلىنىدۇ، خۇددى بەزى نامازلارنى تەرك قىلغان كىشىگە ئوخشاش. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 5208 -،2182 – نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ئەمما پەرز قىلىنغان زاكاتنى تولۇق ئادا قىلمىغان ياكى ھارامدىن كۆز ئۈزمىگەن دېگەندەك كۇپۇرلۇق دەرىجىسىگە يەتمىگەن گۇناھ-مەسىيەتلەر بىلەن ئىمان ناقىس بولىدۇ.
مۇسۇلمانلار سەلەپ-سالىھلار چۈشەنگەندەك قۇرئان-ھەدىس ئاساسىغا قۇرۇلغان ساپ، ساغلام ئەقىدىنى ئۆزلىرىگە يەنىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدىغان رەببانى ئالىملارغا بەك ئېھتىياجلىق، ئۇنداق بولىشى، جاھىللىق-نادانلىق ئەۋج ئالدى، بىدئەت-خۇراپاتلار ئەتراپقا تارىدى، ئازغۇن-پىكىر قاراشلار يامراپ كەتتى.
ھەر بىر مۇسۇلمانغا ۋاجىپ بولغان ئىش ئالدى بىلەن توغرا ئەقىدىنى ئۈگىنىش بىلەن ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇپ، ساغلام ئەقىدىنى ئىشەنچىلىك مەنبەلەردىن ئۈگىنىش، ئاندىن كىشىلەرنىڭ تەلىم ئىلىشى ئۈچۈن ئۇنى دەرسلىك قىلىش، نۇتۇق سۆزلەش، يېزىش، نەشىر قىلىش، ژورناللاردا تارقىتىش ئارقىلىق دىننى بايان قىلىش ۋە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بولغان مۇھىم خىزمەتنى تۇرغۇزۇشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ لَتُبَيِّنُنَّهُ لِلنَّاسِ وَلا تَكْتُمُونَهُ تەرجىمىسى: « ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار) دىن كىتابنى ( يەنى كىتابتىكى ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى كىشىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىشكە ۋە يوشۇرماسلىققا ئەھدە ئالدى». [سۈرە ئال ئىمران 187 -ئايەت.]
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلْتَكُنْ مِنْكُمْ أُمَّةٌ يَدْعُونَ إِلَى الْخَيْرِ وَيَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَأُولَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ تەرجىمىسى: «سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر». [سۈرە ئال ئىمران104 -ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ هَذِهِ سَبِيلِي أَدْعُو إِلَى اللَّهِ عَلَى بَصِيرَةٍ أَنَا وَمَنِ اتَّبَعَنِي وَسُبْحَانَ اللَّهِ وَمَا أَنَا مِنَ الْمُشْرِكِينَ تەرجىمىسى: « ئېيتقىنكى، بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر، كىشىلەرنى ئاللاھقا دەۋەت قىلىمەن، مەن ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەر روشەن دەلىلگە ئاساسلىنىمىز. ئاللاھ پاكتۇر، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن». [سۈرە يۈسۈپ108 -ئايەت] .
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.