پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئىسرا ۋە مىراج كېچىسى مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىلىپ پائالىيەت قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

ئىسرا ۋە مىراج كېچىسى مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت قىلىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، بۇ كېچە رەجەپ ئېيىنىڭ 27-كېچىسىمۇ؟. بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

   ئىسرا ۋە مىراج ۋەقەلىكى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى مەرتىۋىسىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئاللاھ تائالانىڭ كاتتا ئالامەتلىرىدىن ئىكەنلىكىدە ھېچ شەك يوق. شۇنداقلا ئۇ ۋەقەلىك ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدىرتى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق مەخلۇقاتلاردىن يۇقىرى ۋە ئالى ئىكەنلىكىنىڭ كۈچلۈك دەلىلىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: سُبْحَانَ الَّذِي أَسْرَىٰ بِعَبْدِهِ لَيْلًا مِّنَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ إِلَى الْمَسْجِدِ الْأَقْصَى الَّذِي بَارَكْنَا حَوْلَهُ لِنُرِيَهُ مِنْ آيَاتِنَا ۚ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ تەرجىمىسى: ئاللاھ بارچە نۇقساندىن پاكتۇر، ئۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بەندىسىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. [سۈرە ئىسرا 1-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسمانلارغا ئۆرلىگەنلىكى، ئاسمانلارنىڭ ئېشىكلىرىنىڭ ئېچىلغانلىقى ھەتتا يەتتىنچى ئاسماندىنمۇ ئۆتۈپ يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا بىۋاستە سۆز قىلغانلىقى، بەش ۋاقىت نامازنى پەرز قىلغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ نامازنى دەسلەپتە بىر كېچە-كۈندۈزدە ئەللىك ۋاقىت پەرز قىلغانلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىغا قايتىپ  ئاللاھ تائالادىن ئۈممىتىدىن نامازنى يەڭگىللىتىشنى سوراپ ئاخىرىدا بەش ۋاقىتقا توختالغانلىقى، پەرز ناماز ماھىيەتتە بەش ۋاقىت بولسىمۇ ئەجىر-ساۋاپتا ئەللىك ۋاقىتقا باراۋەر ئىكەنلىكى، بىر ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنىڭ ئون ھەسسە كۆپ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇتەۋاتىر شەكىلدە ھەدىسلەر بايان قىلىغان (ھەر دەۋرىدە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ توغرىدىكى ھەدىسلەرنى بايان قىلغان).  ئاللاھ تائالاغا مەدھىيلەر بولسۇن ئاللاھ تائالانىڭ بىزلەرگە ئاتا قىلغان بارلىق نېمەتلىرىگە شەكسىز رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىمىز.

    ئىسرا ۋە مىراج ۋەقەلىكى يۈزبەرگەن كېچىنىڭ رەجەپ ئېيى ياكى باشقا بىر ئايدا بولغانلىقىنى ئوچۇق ئىسپاتلايدىغان  سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىنمىغان، ھەدىس تەتقىقاتچى ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا، بۇ ۋەقەلىكنىڭ ۋاقتىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ  بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغانلىقى سەھىھ ئەمەس. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ۋەقەلىكنىڭ ئېنىق ۋاقتىنى كىشىلەرنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرۋىتىشىدىمۇ زور ھىكمەت بار، ئەگەر ئۇ ۋەقەلىكنىڭ ۋاقتى ئېنىق بېكىتىلگەن تەقدىردىمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇ ۋاقىتنى مەلۇم بىر ئىبادەتلەرگە خاس قىلىۋېلىشى، بۇ كېچىدە توپلىشىپ پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بېرىشى توغرا بولمايتتى، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى بۇ كېچىدە توپلانمىغان ۋە بۇ كېچىنى مەلۇم ئىبادەتلەرگە خاسلاشتۇرمىغان، ئەگەر بۇ كېچىدە يىغىلىپ مەلۇم ئىبادەتلەرنى قىلىش يولغا قويۇلغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە بۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممەتكە ئاغزاكى ياكى ئەمەلى شەكىلدە ئوچۇق بايان قىلىپ بېرەتتى. بۇ توغرىدا بىرەر ئىش بولغان بولسا ئىدى، ساھابىلار ئارىسىدا مەلۇم بولاتتى ۋە مەشھۇر بولاتتى، ئۇلاردىن يۆتكىلىپ بىزلەرگىمۇ يېتىپ كېلەتتى. ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۈممەت ئېھتىياجلىق بولىدىغان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەرنى يەتكۈزدى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھېچ نەرسىنى چالا قويماي يەتكۈزدى، بەلكى ئۇلار بارلىق ياخشى ئىشلاردا ئۈممەتكە ئۆلگە بولۇپ سەپنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدى، ئەگەر بۇ كېچىدە پائالىيەت قېلىش يولغا قويۇلغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە ئۇلار ھەممە كىشىلەردىن ئىلگىرى بۇ ئىشلارنى روياپقا چىقىراتتى.

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسانلار ئارىسىدا كىشىلەرگە بەك كۆيۈنىدىغان زات ئىدى، ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى مۇكەممەل تولۇق يەتكۈزدى، زىممىسىدىكى ئامانەتنى تولۇق ئادا قىلدى، ئەگەر ئىسرا-مىراج كېچىسىنى ئۇلۇغلاش ۋە بۇ كېچىدە پائالىيەت ئىلىپ بېرىش ئاللاھنىڭ دىنىدا بۇيرۇلغان ئىشلاردىن بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىشقا سەل قارىمايتتى ۋە يوشۇرمايتتى، بۇ كېچىنى ئۇلۇغلاش توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھېچ قانداق بىر ئىش يۈز بەرمىگەندىن كىيىن، بۇ كېچىنى ئۇلۇغلاش ۋە بۇ كېچىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە مۇكەممەل قىلىپ بەرگەن ئىسلام نېمىتى ۋە دىنى بەلگىلىمىسىنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس ئىكەنلىكى، ئاللاھ تائالا دىندا يولغا قويمىغان بىر ئىشنى دىنى پائالىيەت قاتارىغا كىرگۈزۈۋالغان كىشىنىڭ قىلمىشىنى چەكلەشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الْإِسْلَامَ دِينًا تەرجىمىسى: بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم. [سۈرە مائىدە 3-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: أَمْ لَهُمْ شُرَكَاءُ شَرَعُوا لَهُم مِّنَ الدِّينِ مَا لَمْ يَأْذَن بِهِ اللَّـهُ تەرجىمىسى:ئۇلارنىڭ ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى دىن قىلىپ بېكەتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟ [سۈرە شۇرا 21-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممەتنى بىدئەتتىن ئاگاھلاندۇرۇپ ۋە بىدئەتنى ئوچۇق ئازغۇنلۇق دەپ، ئۈممەتنى ئۇنىڭ خەتىرىدىن ساقلىنىپ، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشتىن  ئاگاھ بولۇشقا بۇيرىغان.

بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەردىن: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا (يەنى ئىسلام دىنىدا) بولمىغان بىر ئىشنى پەيدا قىلسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

    ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: بىزنىڭ دىنى ئىشلىرىمىزدا بىز بۇيرۇمىغان ئىشنى قىلغان كىشىنىڭ ئىشى رەت قىلىنىدۇ دېگەن. يەنە ئىمام مۇسلىم جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۈمە كۈنلىرى خۇتبە سۆزلىگەندە: ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سەنا ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن: سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر، يولنىڭ ئەڭ ياخشىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر، ئىشلارنىڭ ئەڭ ناچىرى دىندا بولمىغان، يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىشلاردۇر، بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتۇر، دەيتتى. ئىمام نەسائى ياخشى ئىسناد بىلەن بايان قىلىپ مۇنۇلارنى زىيادە قىلغان: ئازغۇنلۇقنىڭ ھەممىسى دوزاختىدۇر. ھەدىس توپلاملىرىدا ئىرباز ئىبنى سارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە شۇنداق بىر ۋەز-نەسىھەت قىلدىكى، ئۇنىڭدىن قەلىبلەر تىترىدى، كۆزلەر ياش تۆكتى، بىز: ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇ گويا ۋىدالىشىش نەسىھىتىگە ئوخشاپ قالدى، بىزگە بىرەر ئىشنى تەۋسىيە قىلسىلا دېدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سىلەرنى ئاللاھ تائالا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلىشقا، گەرچە سىلەرگە ئاددى بىر ئىنسان رەھبەر بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىشقا تەۋسىيە  قىلىمەن، مەن دۇنيادىن كەتكەندىن كىيىن سىلەردىن ھايات بولغان كىشى نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ، شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ سۈننىتىمنى، مەندىن كىيىنكى توغرا يول تۇتقان خەلىپىلەرنىڭ كۆرسەتمىسىنى لازىم تۇتۇڭلار، پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ئەمەل قىلىشقا تىرىشىڭلار، دىندىن بولمىغان يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن ھەزەر قىلىڭلار، دىندىن بولمىغان يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلار بىدئەتتۇر، ھەر قانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر، دېدى.

    بۇ توغرىدا يەنە نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن، ئۇلاردىن كىيىنكى ياخشى كىشىلەردىن بىدئەتتىن ئاگاھ بولۇش ۋە ئۇنىڭدىن ھەزەر قىلىش توغرىسىدا سەھىھ ئەسەرلەر بايان قىلىنغان. بىدئەت؛ ئاللاھ تائالا يولغا قويمىغان بىر ئىشنى دىنغا قېتىپ قويۇشتىن ئىبارەتتۇر، بۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان يەھۇدى-ناسارالارنىڭ ئۆز دىنىغا بىر نەرسىلەرنى زىيادە قىلغانلىقىغا ۋە دىندا ئاللاھ تائالا يولغا قويمىغان نەرسىلەرنى پەيدا قىلغانلىقىغا ئوخشايدۇ، بىدئەت پەيدا قىلىش دېگەن ئىسلام دىنى چالا، تولۇق ئەمەس دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ئەيىپلىنىدىغان، چېكىدىن ئاشقان بۇزۇقچىلىقتىن ئىبارەت بولۇپ، شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ مائىدە سۈرىسىدىكى: الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الْإِسْلَامَ دِينًا تەرجىمىسى: بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم دېگەن سۆزىگە قارشى چىققانلىق ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بىدئەتتىن ھەزەر قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ روھىغا زىتتۇر. 

   بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان دەلىللەر، ھەقىقەتنى چۈشۈنۈپ بىدئەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار ئۈچۈن يېتەرلىك بولدى دەپ ئويلايمىز. يەنى ئىسرا-مىراج كېچىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت بىدئەتنى چەكلەشكە يىتەرلىكتۇر، چۈنكى ئۇ ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ئىشلاردىن ئەمەس. 

   ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا نەسىھەت قىلىش، ئۇلارغا ئاللاھ تائالا يولغا قويغان ئىشلارنى بايان قىلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى، ئىلىمنى يوشۇرۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بېكىتكەن ۋاقىتتا، مەن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ تارقالغان، ھەتتا بەزى كىشىلەر بۇ بىدئەت ئىشنى دىنى ئىبادەتلەردىن دەپ قاراۋاتقان بىر پەيىتتە، بۇنىڭدىن ھەزەر قىلدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئاللاھ تائالادىن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىشنى، ئۇلارنى دىننى چۈشىنىدىغان توغرا چۈشەنچە ئاتا قىلىشنى، بىزنى ۋە ھەممەيلەننى ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ باتىلغا قارشى تۇرۇش روھى ئاتا قىلىشنى سورايمەن. ئاللاھ تائالا ئىشلىرىمىزغا ئىگە بولغۇچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن".

مەنبە: پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ