جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ھېيت كۈنلىرىدە بىر خۇتبە ئوقۇلامدۇ ياكى ئىككى خۇتبىمۇ؟

سۇئال

ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ خۇتبىسى توغرىسىدىكى كۈچلۈك قاراش قايسى؟ ئىككى خۇتبە ئوقۇمدۇ ياكى بىر خۇتبىمۇ؟، بۇنىڭ دەلىلى قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    تۆت مەزھەب ئۆلىمالىرى ۋە باشقا كۆپچىلىك ئۆلىمالار: ھېيت نامىزىدا ئىككى خۇتبە ئوقۇيدۇ، ئىككى خۇتبىنىڭ ئارىسىنى جۈمە نامىزىنىڭ خۇتبىسىغا ئوخشاش ئولتۇرۇش بىلەن ئايرىيدۇ دېگەن قاراشنى كۈچلاندۇردى.

   "ئەلمۇدەۋۋەنە" ناملىق ئەسەر 1-توم 231-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئىمام مالىك مۇنداق دېگەن: خۇتبىنىڭ ھەممىسىدە، سۇ تەلەپ قىلىشتا بولسۇن، ئەرەپات كۈنى، جۈمە كۈنى ۋە ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ خۇتبىسىدا بولسۇن خۇتبە ئوقۇغان ئىمام ئىككى خۇتبىنىڭ ئارىسىنى ئولتۇرۇش بىلەن ئايرىيدۇ".

    ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھ "ئەلئۇم" ناملىق ئەسەر 1-توم 272-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئۈبەيدۇللاھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇتۇبە مۇنداق دېگەن: سۈننەت بويىچە ئىمام ئىككى ھېيتنىڭ خۇتبىسىنىڭ ئارىسىنى ئولتۇرۇش بىلەن ئايرىيدۇ. ئىمام شاپىئى: يامغۇر تەلەپ قىلىش ۋە ئاي تۇتۇلۇش نامىزى خۇتبىسى، ھەج خۇتبىسى ۋە بارلىق خۇتبىلاردا شۇنداق قىلىدۇ دەيدۇ. ["بەدائىئ سەنائىئ"1-توم 276-بەت ۋە "ئەلمۇغنى" 2-توم 121-بەتكە قارالسۇن].

    شەۋكانى رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى ئەسەرگە ئىلاۋە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئىككىنچى ھەدىسنى جۈمە نامىزى خۇتبىسىگە قىياس قىلىپ كۈچلاندۇرىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئابدۇللاھ تابىئى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ سۆزى "سۈننەت"تىن ھېسابلانمايدۇ، ئىككى خۇتبە ئارىسىدا ئولتۇرۇشنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى ئارقىلىق ئەسلىدە بېكىتىلگەن سۈننەت بولۇپ، ئىككى خۇتبە ئارىسىدا ئولتۇرۇشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىبنى ماجەدە ھەدىس بايان قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىدا ئىسمائىل ئىبنى مۇسلىم دېگەن زەئىپ راۋى بار". ["نەيلۇل ئەۋتار" 3-توم 323-بەت].

   جابىر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان بولۇپ:روزا ھېيت ياكى قۇربان ھېيت كۈنىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چېقىپ ئۆرە تۇرۇپ خۇتبە سۆزلىدى، ئاندىن ئازراق ئولتۇردى ئاندىن ئۆرە تۇرۇپ خۇتبە سۆزلىدى. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئىبنى ماجەنىڭ زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرۈپ مۇنكەر دېگەن. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1279 ھەدىس].

   "ئەۋنۇل مەئبۇد"4-توم4-بەتتە مۇنداق كەلگەن، ئىمام نەۋەۋىي بۇنىڭ خۇلاسىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ئەسەردە مۇنداق دەيدۇ: سۈننەت بويىچە ھېيت نامىزىدا خۇتبە ئوقۇغاندا ئىككى خۇتبىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇش كېرەك دېگەن بۇ ئەسەرنىڭ راۋىلىرى ئۇلانمىغان، زەئىپ ۋە خۇتبىنى تەكرارلاشتا بىر نەرسە ئىسپاتلانمىغان، ئاساسلىقى جۈمە خۇتبىسىگە قىياس قىلىشقا تايانغان.

    بۇنىڭدىن ئىككى خۇتبىنىڭ تايىنىشى تۆۋەندىكى ئىشلاردىن ھاسىل بولغان بولىدۇ:

1-ئىبنى ماجەدە رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ئەسەر، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بۇنىڭ ئىككىلىسى زەئىپتۇر.

2-ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇتبەدىن بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ ئۇ كىشى تابىئى.

3-جۈمە خۇتبىسىگە قىياس قىلىش.

4-شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ ھۆججەت كەلتۈرۈلىدىغان تۆتىنچى بىر ئىشنى زىكىر قىلىپ مۇنداق دېدى: "ئىككى خۇتبە" دېگەن سۆزگە ئاساسەن پىقھى ئۆلىمالىرى(ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن)ھېيت خۇتبىسىنى ئىككى خۇتبە دېگەن قاراشتا بولدى، چۈنكى بۇ توغرىدا ئىبنى ماجەدە بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ ئىسنادىغا قاراش كېرەك، ھەدىسنىڭ سىرىتقى كۆرۈنۈشىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى خۇتبە سۆزلىگەن، بىرلىككە كەلگەن ھەدىسلەرگە ۋە باشقا ھەدىسلەرگە قارىغان كىشى ئۈچۈن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەقەت بىر خۇتبە سۆزلىگەنلىرى ئاشكارا بولىدۇ، لېكىن بىرىنچى خۇتبە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاياللار تەرەپكە يۈزلىنىپ ئۇلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلغان، بۇنى ئىككى خۇتبىنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ئەسلى قىلىش ئېھتىماللىقى بولسىمۇ ئۇ يىراقتۇر، ئاياللارغا خۇتبەنىڭ ئاۋازى يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ خۇتبە سۆزلىگەن، دېگەنگىمۇ ئېھتىماللىق بار، خۇتبە ئاۋازى ئۇلارغىمۇ يەتكەن لېكىن ئۇلارغا ئايرىم خۇتبە سۆزلەشنى مەقسەت قىلغان دېگەنگىمۇ ئېھتىماللىق بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا ئاياللارغا خاس بولغان نەرسىلەر توغرىسىدا ۋەز-نەسىھەت قىلغان". ["شەرھۇل مۇمتىئ"5-توم 191-بەت].

    دائىمى كومىتېتى ئۆلىمالىرىدىن: "ئىككى ھېيتنىڭ خۇتبىسىدە، ئىككى خۇتبىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئىككى ھېيتتا خۇتبە سۆزلەش سۇننەت بولۇپ، خۇتبە ھېيت نامىزىدىن كېيىن بولىدۇ. نەسائى، ئىبنى ماجە ۋە ئەبۇ داۋۇدتا ئەتادىن ئۇ كىشى ئابدۇللاھ ئىبنى سائىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن ھېيت نامىزىغا ھازىر بولدۇم، نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھازىر خۇتبە ئوقۇيمىز، خۇتبە ئاڭلاشنى ياقتۇرىدىغانلار ئولتۇرسۇن، كېتىشنى خالايدىغانلار كەتسۇن دېدى.

    شەۋكانى رەھىمەھۇللاھ "نەيلۇل ئەۋتار" ناملىق ئەسەردە مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىستە خۇتبىنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ، ئەگەر ۋاجىپ بولغان بولسا خۇتبە ئاڭلاش ئۈچۈن ئولتۇرۇشمۇ ۋاجىپ بولاتتى".

    ھېيت نامىزىدا ئىككى خۇتبە سۆزلىگەن كىشىنىڭ جۈمە خۇتبىسىگە ئوخشاش ئىككى خۇتبىنىڭ ئارىسىنى ئايرىش ئۈچۈن يەڭگىل ئولتۇرىشى كېرەك بولىدۇ، ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھ ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇتبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلتۈرگەن رىۋايىتىدە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام ئىككى ھېيت نامىزىدا خۇتبە سۆزلىگەندە، ئىككى خۇتبىنىڭ ئارىسىنى يەڭگىل ئولتۇرۇش بىلەن ئايرىشى سۈننەتتۇر".

    بەزى ئۆلىمالار ھېيت نامىزى ئۈچۈن پەقەت بىر خۇتبە سۆزلىنىدۇ دەيدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەقەت بىر خۇتبە سۆزلىگەنلىرى بايان قىلىنغان. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر. ["ئىسلام پەتىۋالىرى 1-توم 425-بەتتىن نەقىل قېلىندى].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: ھېيتنىڭ خۇتبىسىدە ئىمام بىر خۇتبە سۆزلەمدۇ ياكى ئىككى خۇتبە سۆزلەمدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "پىقھى ئۆلىمالىرىنىڭ مەشھۇر قارىشىدا ھېيتنىڭ خۇتبىسى ئىككى خۇتبىدۇر، بۇ توغرىدا زەئىپ ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان بولسىمۇ لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېيت نامىزىدا بىر خۇتبە ئوقۇغان دەپ بايان قىلىنغان، بۇ مەسىلىدە كەڭىرچىلىك بار". ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار مەجمۇئەسى"16-246-بەت].

    يەنە 16-توم 248-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ھېيت نامىزىدا بىر خۇتبە ئوقۇش سۈننەتتۇر، ئەگەر ئىككى خۇتبە ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس بايان قىلىنغان، لېكىن ئاياللارغا ۋەز-نەسىھەت قىلىشقا سەل قارىماسلىق لازىم، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئۇلارغا ئايرىم ۋەز-نەسىھەت قىلغان.

    ئەگەر ئىمام مىكرۇپۇن بىلەن سۆزلەپ ئاياللارمۇ خۇتبىنى ئاڭلىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا خۇتبىنىڭ ئاخىرىدا ئاياللارغا خاس ۋەز-نەسىھەت قىلىش كېرەك، ئەمما مىكرۇپۇن يوق، ئاياللار ئىمامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغان بولسا، بىر-ئىككى كىشىنى ئىلىپ بېرىپ ئۇلارغا ئايرىم ۋەز-نەسىھەت قىلسا بولىدۇ".

    جاۋاپنىڭ خۇلاسىسى: بۇ ئىجتىھادى مەسىلىلەردىن بولۇپ، بۇنىڭدا كەڭىرچىلىك بار، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە بۇنى كەسكىن ئايرىيدىغان كۆرسەتمە يوق، كۆرۈنۈشتە بىر خۇتبە بولسىمۇ ئەمما ئىمام ئۆز قارىشىدا سۈننەت يېقىن دەپ قارىغان بويىچە خۇتبە سۆزلىسە بولىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى