سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

رەجەپ ئېيىدا روزا تۇتۇش توغرىسىدا

سۇئال

رەجەپ ئېيىدا روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنغانمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: رەجەپ ئېيى بولسا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغان ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن ئايلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ عِدَّةَ الشُّهُورِ عِنْدَ اللَّهِ اثْنَا عَشَرَ شَهْراً فِي كِتَابِ اللَّهِ يَوْمَ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضَ مِنْهَا أَرْبَعَةٌ حُرُمٌ ذَلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ فَلا تَظْلِمُوا فِيهِنَّ أَنْفُسَكُمْتەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ قەمەرى ئايلارنىڭ سانى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) 12 دۇر، ئۇلاردىن تۆتى (يەنى زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم، رەجەپ) ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايلاردۇر، بۇ توغرا دىندۇر (يەنى مەزكۇر تۆت ئايدا ئۇرۇشنىڭ ھارام قىلىنىشى ئاللاھنىڭ توغرا دىنىدۇر)، بۇ ئايلاردا ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق بىلەن، ئاللاھ چەكلىگەن گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆزۈڭلارغا زىيان سالماڭلار. [سۈرە تەۋبە 36-ئايەت].

ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن ئايلار: رەجەپ، زۇلقەئدە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەم ئايلىرىدىن ئىبارەت.

ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان 4662-نومۇرلۇق ھەدىستە، ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان 1679-نومۇرلۇق ھەدىستە ئەبى بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: يىل ئون ئىككى ئاي بولۇپ، ئۇنىڭدىن تۆت ئايدا ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن، بۇ ئايدىن ئۈچ ئاي ئارقىمۇ-ئارقا كېلىدۇ، ئۇ: زۇل قەئدە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەم يەنە بىرى جەمادۇل ئاخىر بىلەن شەباننىڭ ئوتتۇرىدا كىلىدىغان رەجەپ ئېيىدىن ئىبارەتتۇر.

بۇ ئايلارنىڭ ھارام (يەنى ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن ئاي) دەپ ئاتىلىشى سەۋەبلەر:

1- ئەگەر دۈشمەن ھۇجۇم قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ ئايلاردا ئۇرۇش باشلاش قاتتىق چەكلىنىدۇ، چۈنكى بۇ ئايلارنىڭ ھۆرمىتىنى ئاياغ-ئاستى قىلىش باشقا ئايلارغا قارىغاندا بەك ئېغىر گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.

2- ئاللاھ تائالا بۇ ئايلاردا گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلىشتىن بىزنى چەكلىدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَلا تَظْلِمُوا فِيهِنَّ أَنْفُسَكُمْ تەرجىمىسى: بۇ ئايلاردا ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق بىلەن، ئاللاھ چەكلىگەن گۇناھ ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا زىيان سالماڭلار. [سۈرە تەۋبە 36-ئايەت].

گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلىش بۇ ئايلاردا ۋە باشقا ئايلاردا ئوخشاشلا چەكلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئايلاردا دىندا ھارام قىلىنغان ئىشلارنى ئىشلەش بەكرەك چەكلىنىدۇ.

ئىمام سەئدى رەھىمەھۇللاھ فَلا تَظْلِمُوا فِيهِنَّ أَنْفُسَكُمْ دېگەن ئايەتنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: بۇ ئايلاردا ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق بىلەن، ئاللاھ چەكلىگەن گۇناھ ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا زىيان سالماڭلار دېگەن ئايەتتىكى ئالماش بىر يىلدىكى ئون ئىككى ئاينى ئىپادىلىشىمۇ مۇمكىن، ئاللاھ تائالا بۇ ئايلارنى بەندىلەرنىڭ ئۆزىگە تائەت-ئىبادەت قىلىش بىلەن گۈللەندۈرۈش، ئۆزىنىڭ ئاتا قىلغان نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ئۆلچەم قىلىپ بايان قىلدى ۋە بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بېكىتىپ بەردى. يەنى ئايەتتىكى خۇلاسە: بۇ ئايلاردا ئۆزۈڭلارغا زىيان سېلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭلار دەيدۇ.

ئايەتتىكى ئالماش پەقەت ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن تۆت ئاينى ئىپادىلىشىمۇ مۇمكىن، ئۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى ھەر ۋاقىت ئۆزىگە زىيان سېلىشتىن چەكلەش بىلەن بىرگە بۇ ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن تۆت ئايدا زىيان سېلىشتىن قاتتىق چەكلىدى، چۈنكى ئۇ ئايلاردا ئۇرۇش قىلىش باشقا ئايلارغا نىسبەتەن قاتتىق چەكلەنگەنلىكتىن، ئۇ ئايلاردا بەندىلەرنىڭ گۇناھ ئىشلەپ ئۆزىگە زىيان سېلىشمۇ باشقا ئايلارغا قارىغاندا قاتتىق چەكلىنىدۇ". تۈگىدى.

ئىككىنچى: رەجەپ ئېيىدا روزا تۇتۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ئايدا روزا تۇتۇشنىڭ ياكى بۇ ئايدىكى مەلۇم كۈنلەردە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىغان.

بەزى كىشىلەرنىڭ بۇ ئايدىن مەلۇم كۈنلەرنى روزا تۇتۇشقا خاسلاشتۇرىۋىلىپ، بۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇش باشقا كۈنلەردە روزا تۇتقاندىن ياخشى دېگەن سۆزلىرىنىڭ ئىسلام دىنىدا ھېچ ئاساسى يوق.

ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن ئايلاردا روزا تۇتۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنغان (رەجەپ ئېيىمۇ بۇ ئايلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر). بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بۇ ئايلاردا روزا تۇتقىن ۋە ئىغىز ئاچقىن. [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى 2428-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇتنىڭ زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمىدا زەئىپ دەپ كەلتۈرگەن].

گەرچە بۇ ھەدىس سەھىھ بولغان تەقدىردىمۇ، پەقەت ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن ئايلاردا روزا تۇتۇشنىڭ مۇستەھەپ-ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ مەقسەت بىلەن رەجەپ ئېيىدا روزا تۇتقانلار باشقا ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن ئايلاردا روزا تۇتسا ياخشى بولىدۇ. ئەمما ئۇ ئايلاردىن پەقەت رەجەپ ئېيىنى خاسلاشتۇرىۋىلىشى توغرا بولمايدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار توپلىمى" ناملىق ئەسىرى 25-توم 190-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "مەخسۇس رەجەپ ئېيىدا روزا تۇتۇش توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ئاجىز بەلكى توقۇلما ھەدىس بولۇپ، ھەدىسشۇناس ئالىملار بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھېچ بىرىگە تايانمايدۇ، بۇ ھەدىسلەر پەزىلەتلىك ئەمەللەرنىڭ توغرىسىدا بايان قىلىنغان زەئىپ ھەدىسلەردىن بولماستىن بەلكى ھەممىسى دېگۈدەك توقۇلما-يالغان ھەدىسلەردىن ئىبارەتتۇر.

مۇسنەد ۋە باشقا ھەدىس توپلاملىرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن ئايلاردا يەنى: رەجەپ، زۇلقەئدە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەم ئايلىرىدا روزا تۇتۇشقا بۇيرۇغانلىقى توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنغان بولۇپ، روزا تۇتۇش پەقەت رەجەپ ئېيىغا خاس قىلىنماستىن تۆت ئاينىڭ ھەممىسىدە روزا تۇتۇشقا بۇيرىغان". تۈگىدى.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "رەجەپ ئېيىدا روزا تۇتۇش ۋە بەزى كېچىلىرىدە كېچە نامىزى ئوقۇش توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى يالغان، توقۇلما ھەدىستىن ئىبارەتتۇر". ["مەنار ئەلمۇنىيپ" ناملىق ئەسەر 96-بەت].

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ: "تەبيىنىل ئەجەپ" ناملىق ئەسەرنىڭ 11-بېتىدە مۇنداق دەيدۇ: "رەجەپ ئېيىنىڭ پەزىلىتى، بۇ ئايدا ياكى بۇ ئايدىكى مەلۇم كۈندە روزا تۇتۇش، مەلۇم كېچىلەردە ئايرىم ناماز ئوقۇش توغرىسىدا ھۆججەتلىككە يارايدىغان سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىغان". تۈگىدى.

شەيخ سەيد سابىق رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ: "پىقھى سۈننەت" ناملىق ئەسىرى 1-توم 383-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "رەجەپ ئېيىدا روزا تۇتسا باشقا ئايلاردا روزا تۇتقاندىن ئارتۇق ساۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ، لېكىن ئۇ ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن ئاي، بۇ ئايدا مەخسۇس روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىدى، بۇ توغرىدا كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ ھېچ قايسى دەلىل بولۇشقا يارىمايدۇ". تۈگىدى.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن رەجەپ ئېيىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى روزا تۇتۇپ، كېچىسى قىيامدا تۇرۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ: "رەجەپ ئېيىنىڭ 27-كۈنىنى روزا تۇتۇش، كېچىسىنى قىيامدا تۇرۇشقا خاس قىلىۋېلىشنىڭ ئۆزى بىدئەت ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ، بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتۇر دېگەن". تۈگىدى. ["ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى" 20-توم 440-بەت].

ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى