پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قەلبدە ئىمان سۇسلاشسا  قانداق قىلىش كېرەك؟

سۇئال

بىز ئەرەب ئىسلام دىيارىدا ياشايمىز، لېكىن دىيارىمىزدا ئىماننىڭ تەمىنى تېتىيالمايمىز، بىزگە ئاللاھ تائالانى ئەسلىتىدىغان ياخشى كىشىلەرنىڭ ئازلىقىدىن شىكايەت قىلىمىز، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن بىزگە مەنپەئەتلىك بولغان كۆرسەتمىلەر بىلەن نەسىھەت قىلىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   1-قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئوقۇڭ، تىلاۋەتلىرىنى دائىم تىڭشاڭ، كۈچىڭىزنىڭ يېتىشچە ئاڭلىغان ۋە ئوقۇغان ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىڭ، چۈشىنەلمىگەن يەرلەر بولسا يۇرتىڭىزدىكى ياكى باشقا جايلاردىكى ئەھلى-سۈننەت ئالىملىرىدىن سوراڭ.

    قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرلىرىنى ئوقۇشىڭىز سىزنىڭ ئوقۇغان ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىشىڭىزغا ياردىمى بولىدۇ، تەپسىرلەرنىڭ ئەڭ قىسقا ۋە گۈزەل بولغىنى شەيخ سەئدى رەھىمەھۇللاھنىڭ تەپسىرىدۇر.

   2-سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان زىكىرلەر بىلەن ئاللاھنىڭ زىكرىنى كۆپ قىلىڭ، مەسىلەن: لائىلاھە ئىللەللاھۇ، سۇبھانەللاھى، ۋەلھەمدۇ لىللاھى، ۋەلا ئىلاھە ئىللەلاھۇ ۋاللاھۇ ئەكبەر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھنىڭ "ئەلئەزكار نەۋەۋىيە" ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىتاپلارغا مۇراجىئەت قىلىڭ.

    ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئىمان زىيادە بولۇپ، قەلبتە خاتىرجەملىك بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَلا بِذِكْرِ اللَّهِ تَطْمَئِنُّ الْقُلُوبُ تەرجىمىسى: (تەۋبە قىلغانلار) ئىمان ئېيتقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ، بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ. سۈرە رەئد 28-ئايەت].

    ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىت قىلىش بىلەن بىرگە نامازنى، روزىنى ۋە ئىسلامنىڭ قالغان ئاساسلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىڭ، ھەممە ئىشلىرىڭىزدا ئاللاھغا تەۋەككۇل قىلىڭ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَجِلَتْ قُلُوبُهُمْ وَإِذَا تُلِيَتْ عَلَيْهِمْ آيَاتُهُ زَادَتْهُمْ إِيمَاناً وَعَلَى رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ * الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلاةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ * أُولَئِكَ هُمُ الْمُؤْمِنُونَ حَقّاً لَهُمْ دَرَجَاتٌ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَمَغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ تەرجىمىسى: پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۆمىنلەردۇر،ئۇلار (مۇكەممەل رەۋىشتە) ناماز ئوقۇيدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدۇ، ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە، مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا (يەنى جەننەتنىڭ تۈگىمەس نېمەتلىرىگە) ئېرىشىدۇ. [سۈرە ئەنفال 2-3-4-ئايەتلەر].

   شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئىمان ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش بىلەن زىيادە بولىدۇ، ئاسىيلىق قىلىش بىلەن كېمىيىدۇ، نامازغا ئوخشاش ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان ئىبادەتلەرنى ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن مەسچىتتە ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىڭ، زاكاتنى كۆڭلىڭىز خوش رازىلىق بىلەن ئادا قىلىڭ، بۇ سىزنى گۇناھتىن پاكلايدۇ، پىقىر-مىسكىنلەرگە رەھمەت بولىدۇ.

    تەقۋادار ياخشى كىشىلەر بىلەن ھەم-سۆھبەتتە بولۇڭ، ئۇلار سىزنىڭ شەرىئەتنى ئىجرا قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ، سىزنى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەختلىك بولىدىغان يولغا باشلايدۇ.

    ئاسى ۋە بىدئەتچى كىشىلەردىن يىراق بولۇڭ، چۈنكى ئۇلار سىزنى پىتنىگە سىلىپ ياخشىلىق قىلىش ئىرادىڭىزنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ئارتۇقچە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىڭ، ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىڭ ۋە بۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سوراڭ.

    ئەگەر سىز ئاشۇ ئىشلارنى قىلسىڭىز، ئاللاھ تائالا سىزنىڭ ئىمانىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، ياخشىلىقتىن يوقۇتۇپ قويغانلىرىڭىزنى تاپقىلى مۇيەسسەر قىلسۇن، ئاللاھ تائالا سىزگە ياخشىلىقنى ۋە ئىسلامدا مۇستەھكەم تۇرۇشنى زىيادە قىلسۇن".

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: "دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى 3-توم 187-بەت