شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

پىتىر سەدىقىسىنى قەيەردە ئادا قىلىمەن؟

سۇئال

مەن كۇۋەيتتە ياشايمەن، لېكىن قىزىمنى ئامېرىكىدا داۋالىتىۋاتىمەن، رامىزان روزىسىنى ئامېرىكىدا تۇتتۇم، مەن پىتىر سەدىقىسىنى ئامېرىكىدا ئادا قىلىمەنمۇ ياكى ئائىلەمدىكىلەرگە ھاۋالە قىلسام ئۇلار كۇۋەيتتە ئادا قىلىۋەتسىمۇ بولامدۇ؟. پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن نەخ پۇل بەرسەك قانداق بولىدۇ؟ چۈنكى ئامېرىكىدا يېمەكلىك بەرمەستىن نەخ پۇل بېرىدىكەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئۆلمالارنىڭ بايان قىلىشىچە، پىتىر سەدىقىسى ئىنساننىڭ بەدىنىگە ئالاقىدار بولۇپ، ئۇنىڭ مال بىلەن ئالاقىسى يوق، شۇنىڭ ئۇچۈن ئىنسان ھېيت كېچىسى ياكى ھېيت كۈنىدە قەيەردە بولسا شۇ يەردە ئادا قىلىدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" ناملىق ئەسەرنىڭ 4/134-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "پىتىر سەدىقىسىنى بىرىدىغان ۋاقىتتا ئىنسان قەيەردە بولسا،  ئۇنى شۇ يەردە ئادا قىلىدۇ، ئىنسان ئۇ يەردە ئىقتىسادى بولسۇن ياكى بولمىسۇن بۇنىڭ پەرقى يوق".

    پىتىر سەدىقىسىنى نەخ پۇل بىلەن ئادا قىلىش مەسىلىسىنى 22888-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلغان ئىدۇق. سەئۇدى ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىدا يىمەكلىك بېرىش كېرەك، نەخ پۇل بەرسە توغرا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز مۇمكىن بولسا يېمەكلىك بىلەن ئادا قىلىشقا تېرىشىڭ، ئەگەر كەمبەغەل كىشى يېمەكلىك ئېلىشنى رەت قىلىپ نەخ پۇل بېرىشنى تەلەپ قىلسا، بۇ ھالەتتە ھاجەت ياكى زۆرۈر بولغانلىقى ئۈچۈن نەخ پۇل بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. 

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى