پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قايتا ئىشلەپ چېقىرىشقا سۆڭەك توزاندىسى قوشۇلغان شېكەرنڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   قايتا ئىشلەپ چېقىرىلغان قومۇش شېكىرى ھاراممۇ؟چۈنكى زاۋۇت شېكەرنى قايتا ئىشلەپ چېقارغاندا ئۇنىڭغا كىلىش مەنبىيى ئېنىق بولمىغان ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلگەن كۈلىنى ئىشلىتىدىكەن، بۇنى ئىستىمال قىلىش توغرىمۇ ياكى توغرا ئەمەسمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بۇنىڭ قىسقىچە جاۋابى: بۇ سۆڭەكلەر پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلۈپ  كۆمۈر ياكى كۈلگە ئايلانغان بولسا، بۇ كۈل پاكىزە بولىدۇ، بۇنى قايتا ئىشلەپ چېقىرىش جەريانىدا شېكەرگە ئارلاشتۇرسا بۇ شېكەرنىڭ ھالاللىقىغا ھېچ قانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

    تەپسىلى جاۋابى: بىرىنچى: شېكەر ئىشلەپ چېقىرىشتا كۆيدۈرۈلگەن سۆڭەكنى ئارىلاشتۇرۇش دېگەن: شېكەر قومۇشىنىڭ سېقىلغان سۈيىنى ياكى قىزىلچىنىڭ سۈيىنى يىمەكلىكتە ئىشلىتىلىنىدىغان ئاق شېكەر قىلىپ قايتا ئىشلەپ چېقىرىش جەريانىدا  ئۇنىڭغا كۆيدۈرۈلگەن سۆڭەكنىڭ كۆمۈرى ياكى كۈلىنى ئىشلىتىشتىن ئىبارەتتۇر.

"دۇنيا ئەرەپ توپلىمى" 17-توم 249-بەتتە مۇنداق بايان قېلىنغان: "ئۆسۈملۈك كۆمۈرىدىن بولغان ئىككى تۈر بولۇپ بۇ باشقا تۈرلەردىن بەكرەك تونۇشلۇقتۇر، ئۇ بولسىمۇ: ياغاچتىن تەييار قىلىنىدىغان ئۆتۈن كۆمۈرى ۋە ھايۋان كۆمۈرى دەپمۇ ئاتلىدىغان ئومۇمەن ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكىدىن ياسالغان كۈلىدىن ئىبارەتتۇر، سۆڭەك كۆمۈرى ئاساسەن سۆڭەك كۈلىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ ئۇنىڭ تەركىبىدە كېرەكسىز گاز ۋە ئارىلاشما ماددىلار بار.

   زاۋۇتلار سۆڭەك كۆمۈرى ياكى كۈلىنى رەڭلەرنى يىپىشتۇرۇش ئۈچۈن سوقۇلغان ھالەتتە ئىشلىتىدۇ، بولۇپمۇ ئاق شېكەر ئىشلەپ چېقىرىشتا بۇ ئاساسلىق رول ئوينايدۇ.

   ئىككىنچى: شېكەر ماددىسىنى قايتا ئىشلەپ چېقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان سۆڭەك كۈلى ئىككى خىل ھالەتتىن تاشقىرى بولمايدۇ: بىرىنچىسى: بۇ سۆڭەك پاكىزە بولىدۇ، يەنى شەرئى يول بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن، گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكى بولۇپ، بۇنىڭ پاكىزە ۋە ھالال ئىكەنلىكىدە ھېچ ئىختىلاپ يوق.

    ئىككىنچىسى: بۇ سۆڭەك نىجىس بولۇپ ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ سۆڭىكى بولۇپ، بۇنىڭدىكى توغرا قاراش، سۆڭەك كۆيدۈرۈلۈپ كۈلگە ئايلانغاندىن كېيىن پاكىزە بولىدۇ، چۈنكى ھەنەپى، مالىكى مەزھىبى ۋە باشقا كۈچلۈك قاراشلارغا كۆرە، نىجىس نەرسە باشقا بىر ماددىغا ئۆزگەرتىش بىلەن پاكىزە بولىدۇ.

    "كۇۋەيت پىقھى توپلاملىرى"10-توم 278-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "ھەنەپى، مالىكى مەزھەب قارىشىدا ۋە ئىمام ئەھمەدتىن بولغان يەنە بىر رىۋايەتتە ئۆزى نىجىس بولغان نەرسە باشقا بىر ماددىغا ئۆزگەرتىش بىلەن پاكىزە بولىدۇ، نىجىس نەرسىنىڭ كۈلى نىجىس بولمايدۇ، تۇزلۇققا نىجىس نەرسە چۈشۈپ كىتىپ تۇزقا ئايلىنىپ كەتسە تۇز نىجىس بولمايدۇ، ئېشەك ياكى چوشقا قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىپ لايغا ئايلىنىپ كەتسە بۇنىڭ بىلەن قۇدۇق سۈيى نىجىس بولمايدۇ، ھاراق سىركىگە ئۆزگەرتىلسە، ئۆزى ئۆزگەرسۇن ياكى باشقىلار ئۆزگەرتسۇن سىركە نىجىس بولمايدۇ، بىر نەرسىنىڭ ئۆزى ئۆزگەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ سۈپىتىمۇ ئۆزگىرىدۇ، چۈنكى شەرىئەت نىجاسەتنىڭ سۈپىتىنى شۇ نەرسىنىڭ ئۆزىگە بېكىتتى، ئۆزى ئۆزگىرىدىكەن ئۇنىڭ سۈپىتىمۇ ئۆزگىرىدۇ.

ئەگەر سۆڭەك ياكى گۆش تۇزغا ئايلانسا، بۇ تۇزنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، چۈنكى تۇز دېگەن سۆڭەك ۋە گۆش ئەمەس، بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار شەرىئەتتە بەك كۆپ، قان نىجىس ئۇ گۆشكە ئۆزگەرسە پاك بولىدۇ، سېقىلغان مېۋە سۈيى پاك، ئۇ مەس قىلغۇچى ئىچىملىككە ئۆزگەرسە نىجىس بولىدۇ.

    بۇنىڭدىن: بىر نەرسىنىڭ ئۆزى ئۆزگەرسە، ئۇنىڭدىكى سۈپەتنىڭمۇ بىرگە يوق بولىدىغانلىقى روشەن بولىدۇ.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە ۋە شاگىرتى ئىبنى قەييىممۇ بۇ قاراشنى تاللىغان، ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نەرسىنىڭ ئەسلىنى ئۆزگەرتىش بىلەن پاك بولىدۇ دېگەن كىشىنىڭ سۆزى توغرىدۇر، چۈنكى نىجاسەت تۇزغا ياكى كۈلگە ئايلانسا، ئۇنىڭ ئەسلى ئۆزگىرىدۇ ۋە ئىسمى، سۈپىتىمۇ ئۆزگىرىدۇ، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ، قاننىڭ ۋە چوشقا گۆشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېكىستلەر لەپزى جەھەتتىن بولسۇن ياكى مەنا جەھەتتىن تۇز، كۈل ۋە توپا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالمايدۇ، چۈنكى يۇقىرىدىكى نەرسىلەردە بولغان ئەسلى نىجىسلىق بۇ نەرسىلەردە بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ نەرسىلەرنى نىجىس ۋە پاسكىنا دېيىشكە ھېچ دەلىل يوق. ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 20-توم 522-بەت].

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھاراقنىڭ باشقا نەرسىگە ئۆزگىرىش بىلەن پاك بولىشى قىياس قىلىش-سېلىشتۇرۇش بىلەن بولىدۇ، چۈنكى ھاراق پاسكىنا دەپ سۈپەتلەنگەنلىكتىن نىجىس دەپ قارالغان، ئەگەر ئەسلى يوق بولسا ياكى ئۆزگەرسە سۈپەتمۇ يوق بولىدۇ ياكى ئۆزگىرىدۇ، مانا بۇ شەرىئەتنىڭ ئەسلى مەنبىيىدۇر شۇنداقلا جازا-مۇكاپاتنىڭمۇ ئاساسىدۇر.

    مۇشۇنىڭغا ئاساسەن بۇنىڭدىكى قىياس قىلىش-سېلىشتۇرۇش توغرىدۇر، بۇنى ئەسلى ئۆزگەرتىلگەن باشقا نىجىس ماددىلارغىمۇ سېلىشتۇرغۇلى بولىدۇ، باشقا نەرسىگە ئۆزگەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەسلى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، بەلكى ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى سۈپەت بىلەن سۈپەتلىنىدۇ.

   بىر نەرسىنىڭ ئىسمى ۋە سۈپىتى ئۆزگىرىدىكەن ياكى يوق بولىدىكەن، ئۇنىڭدا نىجىس دېگەن ھۆكۈمنىڭ داۋاملىشىشى چەكلىنىدۇ، ھۆكۈم دېگەن شۇ نەرسە بار بولغاندىكى ياكى يوق بولغاندىكى  ئىسىم، سۈپەتكە ئەگىشىدۇ.

    ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ، قاننىڭ، ھاراقنىڭ ۋە چوشقا گۆشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېكىستلەر لەپزى جەھەتتىن بولسۇن ياكى مەنا جەھەتتىن بولسۇن، تېكستتا بولسۇن ياكى سېلىشتۇرۇشتا بولسۇن  زىرائەت، مېۋە، كۈل، تۇز، توپا ۋە سېركە قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالمايدۇ.

باشقا نەرسىگە ئۆزگەرگەن ھاراق بىلەن باشقا نەرسىلەرنىڭ ئارىسىنى ئايرىغۇچىلار مۇنداق دەيدۇ: "مېۋە سۈيى ھاراققا ئۆزگىرىپ نىجىس بولغان، ھاراق باشقا نەرسىگە ئۆزگىرىپ پاك بولدى".

      ئۇلارغا دەيمىزكى: قان، سۈيدۇك، چوڭ تەرەتمۇ باشقا نەرسىدىن ئۆزگىرىپ نىجىس بولغان، يەنە باشقا نەرسىگە ئۆزگىرىش بىلەن پاك بولىدۇ". ["ئىئلامۇل مۇقىئىين"3-توم 183-184-بەت].

    بۇ مۇشۇ ئەسىردىكى كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ تاللىغان قارىشىدۇر، شۇنىڭدەك سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى پەتىۋا كومېتىتى ئۆلىمالىرى بۇنى تاللىغان، "دائىمى كومېتىت پەتىۋاسى" 22-توم 299-بەتتە مۇشۇ قاراش بايان قىلىنغان.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى