سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا بولغان ئېتىقادى توغرىسىدا

سۇئال

مۇسۇلمانلارنىڭ مەريەم ئوغلى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا بولغان ئېتىقادى قانداق؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

بىز مۇسۇلمانلارنىڭ مەريەم ئوغلى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا بولغان ئېتىقادىمىز ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدە بايان قىلىنغان دەلىللەردىن ئىبارەتتۇر.

بىز مەريەم ئوغلى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى ئاللاھنى بىر دەپ ئىتىقاد قىلىپ توغرا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذْ قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ إِنِّي رَسُولُ اللَّـهِ إِلَيْكُم مُّصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيَّ مِنَ التَّوْرَاةِ وَمُبَشِّرًا بِرَسُولٍ يَأْتِي مِن بَعْدِي اسْمُهُ أَحْمَدُ فَلَمَّا جَاءَهُم بِالْبَيِّنَاتِ قَالُوا هَـٰذَا سِحْرٌ مُّبِينٌ تەرجىمىسى: «ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن دېدى. ئىسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: "بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر" دېدى.» [سۈرە سەپ 6-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَقَالَ الْمَسِيحُ يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ اعْبُدُوا اللَّـهَ رَبِّي وَرَبَّكُمْ إِنَّهُ مَن يُشْرِكْ بِاللَّـهِ فَقَدْ حَرَّمَ اللَّـهُ عَلَيْهِ الْجَنَّةَ وَمَأْوَاهُ النَّارُ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ أَنصَارٍ تەرجىمىسى: ئىسا: "ئى بەنى ئىسرائىل! مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن (يەنى ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى) بولمايدۇ،" دېدى. [سۈرە مائىدە 72-ئايەت].

ئىسا ئەلەيھىسسالام ئىلاھ ئەمەس ھەم ناسارالار گۇمان قىلغاندەك ئاللاھنىڭ ئوغلىمۇ ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّـهَ هُوَ الْمَسِيحُ ابْنُ مَرْيَمَ تەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسادۇر، دېگۈچىلەر كاپىر بولدى [سۈرە مائىدە 72-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَقَالَتِ الْيَهُودُ عُزَيْرٌ ابْنُ اللَّـهِ وَقَالَتِ النَّصَارَى الْمَسِيحُ ابْنُ اللَّـهِذَٰلِكَ قَوْلُهُم بِأَفْوَاهِهِمْ يُضَاهِئُونَ قَوْلَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِن قَبْلُ قَاتَلَهُمُ اللَّـهُ أَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ تەرجىمىسى: يەھۇدىيلار: "ئۈزەير ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر دېدى، ناسارالار: مەسىھ (يەنى ئىسا) ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر دېدى، بۇ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى (دەلىلسىز) سۆزىدۇر، (ئۇلارنىڭ سۆزلىرى) ئىلگىرىكى كاپىرلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ: پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرىدۇر دېگەن) سۆزلىرىگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇنكى، (ئاللاھنىڭ بالىسى يوقلۇقىغا روشەن دەلىل تۇرسا، ھەقىقەتتىن باتىلغا بۇرۇلۇپ) ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ) ئاللاھقا يالغان چاپلايدۇ.» [سۈرە تەۋبە30-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامنى بۆشۈكتىكى ۋاقىتتا سۆزلەتكەندە مۇنداق دېگەنلىكىنى قۇرئان كەرىم تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىدۇ: قَالَ إِنِّي عَبْدُ اللَّـهِ آتَانِيَ الْكِتَابَ وَجَعَلَنِي نَبِيًّاتەرجىمىسى:بوۋاق ئېيتتى: "مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن، ماڭا كىتابنى بەردى (يەنى ئىنجىلنى بېرىدۇ) ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلدى (يەنى قىلىدۇ). [سۈرە مەريەم 30-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر بىلەن ئۇنى قوللىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: إِذْ قَالَ اللَّـهُ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ اذْكُرْ نِعْمَتِي عَلَيْكَ وَعَلَىٰ وَالِدَتِكَ إِذْ أَيَّدتُّكَ بِرُوحِ الْقُدُسِ تُكَلِّمُ النَّاسَ فِي الْمَهْدِ وَكَهْلًا ۖ وَإِذْ عَلَّمْتُكَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَالتَّوْرَاةَ وَالْإِنجِيلَ ۖ وَإِذْ تَخْلُقُ مِنَ الطِّينِ كَهَيْئَةِ الطَّيْرِ بِإِذْنِي فَتَنفُخُ فِيهَا فَتَكُونُ طَيْرًا بِإِذْنِي ۖ وَتُبْرِئُ الْأَكْمَهَ وَالْأَبْرَصَ بِإِذْنِي ۖ وَإِذْ تُخْرِجُ الْمَوْتَىٰ بِإِذْنِي ۖ وَإِذْ كَفَفْتُ بَنِي إِسْرَائِيلَ عَنكَ إِذْ جِئْتَهُم بِالْبَيِّنَاتِ فَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ إِنْ هَـٰذَا إِلَّا سِحْرٌ مُّبِينٌ تەرجىمىسى: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: ئى مەريەم ئوغلى ئىسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن، ئەينى زاماندا ساڭا روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن مەدەت بەردىم، (كىچىكىڭدە) بۆشۈكتە ۋە (پەيغەمبەر بولغان) ئوتتۇرا ياش ۋاقتىڭدا كىشىلەرگە سۆزلەيتتىڭ، ئەينى زاماندا ساڭا كىتابنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتتىم، ئەينى زاماندا مېنىڭ ئىزنىم بىلەن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياسايتتىڭ-دە، ئۇنى پۈۋلىسەڭ ئىزنىم بىلەن ئۇچىدىغان قۇش بولاتتى، مېنىڭ ئىزنىم بىلەن تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتاتتىڭ، ئەينى زاماندا، مېنىڭ ئىزنىم بىلەن ئۆلۈكلەرنى (تىرىلدۈرۈپ قەبرىلەردىن) چىقىراتتىڭ، ئەينى زاماندا بەنى ئىسرائىلنى ساڭا چېقىلىشتىن توستۇم، سەن ئۇلارغا مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەن چېغىڭدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىرلار: "بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر" دېدى. [سۈرە مائىدە 110-ئايەت].

ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ توي قىلمىغان قىز مەريەمدىن ئاتىسىز تۇغۇلغانلىقىغا ئىشىنىمىز، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بىر نەرسىنى پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، بول دېسە پەيدا بولىدىغان قۇدرىتىگە زىت كەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:إِنَّ مَثَلَ عِيسَىٰ عِندَ اللَّـهِ كَمَثَلِ آدَمَ ۖ خَلَقَهُ مِن تُرَابٍ ثُمَّ قَالَ لَهُ كُن فَيَكُونُ تەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىسانىڭ مىسالى (ئۇ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقتىن) ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى ئاللاھ (ئاتا ـ ئانىسىز) تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: "ۋۇجۇدقا كەل" دېدى ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى (ئىسانىڭ ئىشى ئادەمنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس). [سۈرە ئال-ئىمران 59-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:إِذْ قَالَتِ الْمَلَائِكَةُ يَا مَرْيَمُ إِنَّ اللَّـهَ يُبَشِّرُكِ بِكَلِمَةٍ مِّنْهُ اسْمُهُ الْمَسِيحُ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ وَجِيهًا فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَمِنَ الْمُقَرَّبِينَ ، وَيُكَلِّمُ النَّاسَ فِي الْمَهْدِ وَكَهْلًا وَمِنَ الصَّالِحِينَ ، قَالَتْ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي وَلَدٌ وَلَمْ يَمْسَسْنِي بَشَرٌ ۖ قَالَ كَذَٰلِكِ اللَّـهُ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ ۚ إِذَا قَضَىٰ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُن فَيَكُونُ تەرجىمىسى: ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئېيتتى: "ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا (ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىز) ئاللاھنىڭ بىر كەلىمىسى (دىن تۆرەلگەن بىر بوۋاق) بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇكى، ئۇنىڭ ئىسمى، مەسىھ مەريەم ئوغلى ئىسادۇر، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق ۋە ئاللاھقا يېقىنلاردىن بولىدۇ. ئۇ بۆشۈكتىمۇ (يەنى بوۋاقلىق چېغىدىمۇ)، ئوتتۇرا ياش بولغاندىمۇ كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىنى) سۆزلەيدۇ ۋە (تەقۋادارلىقتا كامىل) ياخشى ئادەملەردىن بولىدۇ". مەريەم: "پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا (يەنى ئەرلىك بولمىسام) قانداق بالام بولىدۇ؟" دېدى. پەرىشتە: "ئاللاھ خالىغىنىنى شۇنداق يارىتىدۇ (يەنى ئاتا ـ ئانا، ئارقىلىقمۇ ۋە ئۇنىڭسىزمۇ يارىتىدۇ). بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، ۋۇجۇدقا كېلىدۇ" دېدى. [سۈرە ئال-ئىمران 45-46-47-ئايەتلەر].

يەھۇدىيلارغا بۇرۇن ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەر ئىسا ئەلەيھىسسالام شەرىئىتىدە ھالال قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادلىرىغا ئېيتقان سۆزىنى قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: وَمُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيَّ مِنَ التَّوْرَاةِ وَلِأُحِلَّ لَكُم بَعْضَ الَّذِي حُرِّمَ عَلَيْكُمْ ۚ وَجِئْتُكُم بِآيَةٍ مِّن رَّبِّكُمْ فَاتَّقُوا اللَّـهَ وَأَطِيعُونِ تەرجىمىسى: مەن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغان ھالدا (كەلدىم)، سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن (كەلدىم). پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە (مېنىڭ ئەمرىمگە) ئىتائەت قىلىڭلار. [سۈرە ئال-ئىمران 50-ئايەت].

ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولمىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان يەھۇدىيلارنىڭمۇ ئۇنى ئۆلتۈرمىگەنلىكىگە، بەلكى ئاللاھ تائالا ئۇنى دۈشمەنلەرنىڭ سۈيقەستىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ھايات ھالەتتە ئاسمانغا ئىلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. ئاللاھ تائالا يەھۇدىيلار بۇ ھەقتە دېگەنلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: وَبِكُفْرِهِمْ وَقَوْلِهِمْ عَلَىٰ مَرْيَمَ بُهْتَانًا عَظِيمًا ، وَقَوْلِهِمْ إِنَّا قَتَلْنَا الْمَسِيحَ عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ رَسُولَ اللَّـهِ وَمَا قَتَلُوهُ وَمَا صَلَبُوهُ وَلَـٰكِن شُبِّهَ لَهُمْ ۚ وَإِنَّ الَّذِينَ اخْتَلَفُوا فِيهِ لَفِي شَكٍّ مِّنْهُ ۚ مَا لَهُم بِهِ مِنْ عِلْمٍ إِلَّا اتِّبَاعَ الظَّنِّ ۚ وَمَا قَتَلُوهُ يَقِينًا ، بَل رَّفَعَهُ اللَّـهُ إِلَيْهِ ۚ وَكَانَ اللَّـهُ عَزِيزًا حَكِيمًا تەرجىمىسى: يەنە ئۇلارنىڭ كۇفرى (يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن ۋە مەريەمگە چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق). يەنە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىسا ئىبنى مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق). ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئىسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، دارغا ئاسقىنىمۇ يوق ۋە لېكىن ئۇلارغا شۈبھە سېلىندى (ئىسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرسىنى ئاستى)، ئىسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى (مەسلىسى) دە شۈبھىدىدۇر. ئۇلار بۇ (ئىشنىڭ ھەقىقىتى) نى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىسانى جەزمەن ئۆلتۈرمىدى.. بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى (يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇپ تىرىك ھالدا ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. [سۈرە نىسا 156-157-158-ئايەتلەر].

ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىشارەت بەرگەنلىكىگە ئىشىنىمىز. بۇ ھەقتە ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذْ قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ إِنِّي رَسُولُ اللَّـهِ إِلَيْكُم مُّصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيَّ مِنَ التَّوْرَاةِ وَمُبَشِّرًا بِرَسُولٍ يَأْتِي مِن بَعْدِي اسْمُهُ أَحْمَدُ ۖ فَلَمَّا جَاءَهُم بِالْبَيِّنَاتِ قَالُوا هَـٰذَا سِحْرٌ مُّبِينٌ تەرجىمىسى: «ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن دېدى. ئىسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: "بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر" دېدى.» [سۈرە سەپ 6-ئايەت].

بىز ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىر زاماندا چۈشىدىغانلىقىغا، يەھۇدىيلارنىڭ بىز ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن دېگەن گۇمانى بويىچە ئۇنى ئىنكار قىلىدىغانلىقى، ناسارالارنىڭ ئۇنى ئاللاھ ياكى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلاردىن ئىسلامدىن باشقىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، يېقىنقى زاماندا سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا مەريەم ئوغلى ئىسا چۈشىدۇ، يەنە بىر رىۋايەتتە: سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا مەريەم ئوغلى ئىسا چۈشمەي تۇرۇپ، قىيامەت بولمايدۇ. ئۇ ئادالەتنى بەرپا قىلىدۇ، كرېست بەلگىلىرىنى سۇندۇرىدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، جىزيەنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ، ھېچ كىشى مال-دۇنياغا قىزىقمىغىدەك ھالەتتە مال-دۇنيا بەرىكەتلىك بولۇپ كېتىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 2222-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 155ھەدىس].

يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، ئىسلام شەرىئىتى ئەبەدىيدۇر ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدۇ. بەلكى ئىسا ئەلەيھىسسالام مۇشۇ ئۈممەتنىڭ ھۆكۈم قىلغۇچىسى بولىدۇ. كرېست بەلگىلىرىنى سۇندۇرىدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، ناسارالارنىڭ دىنىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كرېست بەلگىلىرىنى ھەقىقەتتە سۇندۇرۇپ تاشلايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئۇلۇغلاپ قىلغان گۇمانلىرىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلاردىن جىزيەنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ ۋە جىزيە قوبۇل قىلمايدۇ، كاپىرلاردىن ئىسلامدىن باشقىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بەلكى ئىلگىرى جىزيە تۆلەۋاتقانلار بولسا بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەستىن ئۇلاردىنمۇ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەگەر بۇنىڭدىن باش تارتسا ئۆلتۈرۈلىدۇ. مال-دۇنيا بەرىكەتكە تولۇپ، ھېچ كىشى مالنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئاللاھنىڭ بەرىكىتى چۈشۈپ مال-دۇنيا ھەددى-ھېسابسىز بولۇپ كېتىدۇ، ياخشىلىقلار بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ داۋاملىشىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغانلىق ۋە كىشىلەرگە زۇلۇم قىلمىغانلىقنىڭ سەۋەبىدىندۇر. ئۇ ۋاقىتتا زېمىن ئۆزىنىڭ بارلىق بايلىقلىرىنى ئاشكارا قىلىدۇ، كىشىلەر قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بىلگەنلىكتىن ئۇلاردا مال-دۇنياغا قىزىقىش بولمايدۇ. ئاندىن كىيىن ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولىدۇ، مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ نامىزىنى ئوقۇپ دەپنە قىلىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىسا ئەلەيھىسسالامغا مەن ئەڭ يېقىن، چۈنكى مەن بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا باشقا پەيغەمبەر كەلمىگەن..... ئاندىن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىر زاماندا چۈشىدىغانلىقىنى زىكىر قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇ زېمىنغا چۈشۈپ ئاللاھ خالىغان مۇددەتكە قەدەر ياشايدۇ، ئاندىن ۋاپات تاپقۇزىلىدۇ، مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ نامىزىنى چۇشۇرۇپ دەپنە قىلىدۇ. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 9349-ھەدىس. ئەلبانىي سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 2182 -ھەدىستە سەھىھ دەپ بايان قىلدى].

ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلغانلاردىن ئۇ قىيامەت كۈنىدە ئادا-جۇدا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِذْ قَالَ اللَّـهُ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ أَأَنتَ قُلْتَ لِلنَّاسِ اتَّخِذُونِي وَأُمِّيَ إِلَـٰهَيْنِ مِن دُونِ اللَّـهِ ۖ قَالَ سُبْحَانَكَ مَا يَكُونُ لِي أَنْ أَقُولَ مَا لَيْسَ لِي بِحَقٍّ ۚ إِن كُنتُ قُلْتُهُ فَقَدْ عَلِمْتَهُ ۚ تَعْلَمُ مَا فِي نَفْسِي وَلَا أَعْلَمُ مَا فِي نَفْسِكَ ۚ إِنَّكَ أَنتَ عَلَّامُ الْغُيُوبِ ، مَا قُلْتُ لَهُمْ إِلَّا مَا أَمَرْتَنِي بِهِ أَنِ اعْبُدُوا اللَّـهَ رَبِّي وَرَبَّكُمْ ۚ وَكُنتُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًا مَّا دُمْتُ فِيهِمْ ۖ فَلَمَّا تَوَفَّيْتَنِي كُنتَ أَنتَ الرَّقِيبَ عَلَيْهِمْ ۚ وَأَنتَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ﴾ تەرجىمىسى: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: "ئى مەريەم ئوغلى ئىسا! سەن كىشىلەرگە، ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار، دېدىڭمۇ؟" ئىسا ئېيتتى: (رەببىم!) شەنىڭگە لايىق ئەمەس نەرسىلەردىن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنكى، ماڭا ئېيتىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى مەن ئېيتمايمەن، ئەگەر مەن بۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، ئۇنى سەن چوقۇم بىلىسەن (يەنى مېنىڭ ئۇنداق دېمىگەنلىكىم ساڭا مەلۇملۇق). سەن مېنىڭ زاتىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ زاتىڭدىكىنى بىلمەيمەن، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن. مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنى، يەنى مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، دېدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن. [سۈرە مائىدە 116-117-ئايەتلەر].

يۇقىرىق ئايەتتە: مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنى، يەنى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، دېدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن دېگەن ئايەتتىكى بايان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى قارىشى ۋە ئىتىقادىدۇر.

ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى ئاللاھنى يەككە-يىگانە ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوق، ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق مەئبۇد بەرھەق يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن مەريەمگە تاشلانغان سۆز ۋە روھ، جەننەت، دوزاخ ھەق دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى جەننەتنىڭ سەككىز ئىشىكىنىڭ قايسىسىدىن كىرىشنى خالىسا شۇنىڭدىن جەننەتكە كىرگۈزىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 3435-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 28ھەدس].

ئاللاھ ھەممەيلەننى ئىماندا مۇستەھكەم قىلىپ، ئىمان بىلەن ۋاپات بولۇشقا مۇيەسسەر قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى