سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئاياغ ياكى پايپاققا مەسھى قىلىنىدىغان ۋاقىت ئاخىرلاشقان بولسا ياكى پايپاقنى ئۈستى تەرەپتىن ئازراق چۈشۈرگەن بولسا بۇنىڭ بىلەن تاھارەت سۇنامدۇ؟

سۇئال

مەن ناماز ئوقۇۋىتىپ، ناماز ئارىسىدا، ئاياغ ياكى پايپاققا مەسھى قىلىنىغان ۋاقىتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېسىمگە ئالدىم. ئەمدى نېمە قىلىشىم كېرەك؟ نامازنى بۇزىمەنمۇ؟ ئاياقنىڭ ئىچىگە كەيگەن پايپاقنى تاھارەت ئىلىپ بولغاندىن كىيىن كەيگەن بولسام، ئاندىن ئاياغنى سىلىۋىتىپ پايپاق بىلەن تۇرسام، تاھارىتىم سۇنۇپ كىتەمدۇ ياكى كەتمەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئاياغ ياكى پايپاققا مەسھى قىلىنغان ۋاقىت ئاخىرلىشىپ، سىزنىڭ تاھارىتىڭىز سۇنمىغان بولسا، كۈچلۈك قاراشتا بۇنىڭ بىلەن تاھارەت سۇنمايدۇ. كۆپچىلىك ئالىملار بۇ قاراشنى تاللىغان، ئۇلار بۇ توغرىدا دەلىل بولمىغاندىن كىيىن تاھارەت سۇنمايدۇ دەيدۇ،ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن: "ئىبنى ھەزمى، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە، (ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى بولسۇن)، تاھارەت دېگەن بىزگە تونۇشلۇق بولغان، چوڭ-كىچىك تاھارەت قىلىش، يەل چىقىپ كىتىش، قاتارلىق ئىشلارنىڭ سادىر بولىشى بىلەن سۇنىدۇ. بۇ69829-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

سىز ناماز ئوقۇۋاتقاندا مەسھى قىلىش ۋاقتى ئاخىرلاشقان بولسا، سىز نامىزىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ، تاھارىتىڭىز سۇنۇپ كەتكەنگە قەدەر پەرزدىن ۋە نەپلىدىن قانچىلىك ئوقۇسىڭىز بولىدۇ.

ئىككىنچى: ئالىملارنىڭ توغرا بولغان كۈچلۈك قارىشىدا تاھارەت ئىلىپ ئاياغ ياكى پايپاققا مەسھى قىلغان بولسا ئاندىن ئاياغ ياكى پايپاقنى سىلىۋەتسە ئۇنىڭ بىلەن تاھارەت سۇنمايدۇ، چۈنكى شەرئى دەلىل-ئىسپات بويىچە، ئۇ كىشى ئاياغ ياكى پايپاققا مەسھى قىلىش بىلەن ئالغان تاھارىتىنى كامىل قىلغان بولدى، ئاندىن ئاياغنى ياكى پايپاقنى سىلىۋەتسە شەرئى پىرىنسىپ بويىچە ئۇ كىشىنىڭ تاھارىتى بۇزۇلمايدۇ. مەسھى قىلىنغان ئاياغ ياكى پايپاقنى سىلىۋەتسە تاھارەت سۇنىدۇ دەيدىغان دەلىل يوق،مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن تاھارەت داۋاملىشىدۇ. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە ۋە باشقا بىر قىسىم ئالىملار بۇ قاراشنى تاللىغان. ["پەتىۋالار توپلىمى" 21-توم179-215-بەتلەر. "ئىبنى ئۇسەيمىين رىسالە ۋە پەتىۋالار" توپلىمى 11-توم 179-بەت].

مەسھى قىلىش ۋاقتى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئاياغ ياكى پايپاقنى سىلىۋەتكەن بولسا، كامىل تاھارەت ئىلىپ پۇتىنى يۇيۇپ ئاندىن كىيىپ مەسھى قىلسا بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى