بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. بۇ يەردە ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلار زىننەتلىنىشى تەلەپ قىلىنىدىغان بىر تۈرلۈك ئەدەپلەر بار، سىز ئىلىم تەلەپ قىلىش يولىدا بۇنى لازىم تۇتسىڭىز ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن سىزنى چوقۇم مەنپەئەتلەندۈرىدۇ:
-سەۋرچانلىق:
ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! ئىلىم تەلەپ قىلىش بولسا پەزىلەتلىك ئىشلاردىن بولۇپ، بۇنىڭغا ھېرىش-چارچاش يوللىرىنى بېسىپ ئۆتكەندە يەتكىلى بولىدۇ. ئەبۇ تەممام ئۆزىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: " قوي مېنى، ئۈستۈنلۈكىدىن ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتەي، قىيىنچىلىققا چىدىمىساڭ يۇقىرى پەللىگە يېتەلمەيسەن، يۇقىرى پەللىگە يېتىشنى ئاددى دەپ قارامسەن، چوقۇم ھەسەل ھەرىسىنىڭ نەشتىرى ھەسەلسىز بولمايدۇ.
يەنە بىر شائىر مۇنداق دەيدۇ: شان-شەرەپكە يېتىش ئۈچۈن ئۆمۈلىدىم، يۈگۈرگەنلەر كۆپ جاپا تارتىش بىلەن شان-شەرەپكە يەتتى، شان-شەرەپ نۇرغۇن كىشىلەرنى چارچىتىپ زىرىكتۈردى، ۋاپا قىلغان ۋە سەۋېر قىلغانلارغا ئۇچراشتى، سەن شان-شەرەپنى يەيدىغان خورما دەپ ئويلىمىغىن، ئاچچىق قىيىنچىلىقلارغا تېتىمىغۇچە شان-شەرەپكە يېتەلمەيسەن.
سەۋېر قىلغىن، سەۋرچان بولغىن، ئەگەر جىھاد قىسقا بولسىمۇ سەۋىر قىلغىن. ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ سەۋېرچانلىقى ئاخىرىقى ھاياتىغىچە بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اصْبِرُوا وَصَابِرُوا وَرَابِطُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! تائەت ـ ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە ۋە سىلەرگە يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا سەۋر قىلىڭلار، دۈشمەنلەرگە قارشى زىيادە چىداملىق بولۇڭلار،(چېگرالىرىڭلارنى ساقلاپ)جىھادقا تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھدىن قورقۇڭلار (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماڭلار». [سۈرە ئال ئىمران 200 -ئايەت.]
-ئىخلاس بىلەن ئىش قىلىش:
بارلىق ئىشلىرىڭىزدا ئىخلاسنى لازىم تۇتۇڭ، سىزنىڭ مەقسىتىڭىز ئاخىرەت دىيارى ۋە ئاللاھ رازىلىقى بولسۇن، رىيادىن، ئۆزىڭىزنى نامايەندە قىلىشتىن، تەڭ-تۈشلىرىڭىزدىن ئۇستۇن بولۇشتىن ھەزەر قىلى. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئالىم-ئۆلىمالار بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلىش، نادانلارنى ئۆزىگە قارىتىش ياكى كىشىلەرنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈش مەقسىتىدە ئىلىم ئۈگەنلەرنى ئاللاھ تائالا دوزاخقا كىرگۈزىدۇ». نىسائى رىۋايىتى 2654-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "نىسائىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن.]
ئومۇمەن سىز ئىچكىرى ۋە تاشقىرى جەھەتتىن ۋە چوڭ-كىچىك گۇناھلاردىن پاك بولۇڭ.
-ئىلمىگە ئەمەل قىلىش:
شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئىلىمغا ئەمەل قىلىش دېگەن ئىلىمنىڭ مېۋىسىدۇر، ئىلىمنى ئۆگىنىپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان كىشى توغرىسىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مىسال بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مَثَلُ الَّذِينَ حُمِّلُوا التَّوْرَاةَ ثُمَّ لَمْ يَحْمِلُوهَا كَمَثَلِ الْحِمَارِ يَحْمِلُ أَسْفَارًا بِئْسَ مَثَلُ الْقَوْمِ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِ اللَّهِ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ تەرجىمىسى: «تەۋراتنى كۆتۈرۈشكە(يەنى ئەمەل قىلىشقا) تەكلىپ قىلىنغان، ئاندىن ئۇنى كۆتۈرمىگەنلەر (يەنى تەۋرات بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان ۋە ھىدايەتتىن پايدىلانمىغان يەھۇدىيلار) خۇددى كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ (يەنى پايدىلىق چوڭ ـ چوڭ كىتابلارنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان، چارچاشتىن باشقا، ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدىلىنالمايدىغان ئېشەككە ئوخشايدۇ)، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان قوۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ». [سۈرە جۈمە 5 -ئايەت.]
ئىلىمسىز ئەمەل قىلغان كىشىنى خىرىستىئانلارغا ئوخشاتتى، ئۇلار پاتىھە سۈرىسىدە زىكىر قىلىنغان ئازغۇنلاردۇر.
دەرسلىك قىلىدىغان كىتابلار 20181 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا زىكىر قىلىندى. مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.
ئاللاھنىڭ دائىم كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېسىدىن چىقارماسلىق:
ئاشكارا-يوشۇرۇن ئىشلاردا ئاللاھنىڭ دائىم كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى لازىم تۇتۇش بىلەن رەببىڭىزنىڭ تەرىپىگە قورقۇنچ ۋە ئۈمىت ئارىسىدا ھەرىكەت قىلىڭ، چۈنكى بۇ ئىككىسى مۇسۇلمان ئۈچۈن قۇشنىڭ ئىككى قانىتىغا ئوخشاشتۇر. پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىڭ، دىلىڭىزنى ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە تولدۇرۇڭ، تىلىڭىز ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن ھەرىكەتلىنىپ تۇرسۇن، ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتى ۋە ھۆكۈملىرى بىلەن خۇرسەن بولۇپ، خۇشاللىنىپ كۆڭلىڭىزنى خۇرسەن قىلىڭ.
ھەر قېتىم سەجدە قىلغاندا ئاللاھ تائالاغا دۇئانى كۆپ قىلىڭ، ئاللاھ تائالا سىزگە ئىلىم يولىنى ئېچىپ بەرگەي ۋە مەنپەئەتلىك ئىلىم ئاتا قىلغاي، سىز ئاللاھ تائالا بىلەن سەمىمى بولسىڭىز، ئاللاھ سىزنى مەنپەئەتلىك ئىلىمغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ، بۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، سىزنى رەببانى ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ مەرتىۋىسىگە يەتكۈزىدۇ.
- ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش:
ئى ئەقىللىق يىگىت! ياش ۋاقتىڭىزدا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئىلىم تەھسىل قىلىشقا ئالدىراڭ، قۇرۇق ئۈمىت-ئارزۇلارغا ئالدانماڭ، سىزنى ئىلىم تەلەپ قىلىشقا يۈزلىنىش ۋە تىرىشچانلىق قىلىشتىن تامامەن چەكلەپ قويىدىغان ھاياتىڭىزدىن بىرەر سائەتنى ۋاقىتنىمۇ پايدىسىز ئۆتكۈزۈشكە سەۋەپ بولىدىغان ئەھمىيەتسىز ئالاقىلارنى ئۈزۇڭ، چۈنكى ئۇ ئىشلار يول توسىدىغان قاراقچىغا ئوخشايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلگىرىكى ئالىم-ئۆلىمالار ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن يۇرتلىرىدىن ئايرىلىشنى، ۋەتىنىدىن يىراق بولۇشنى ياخشى كۆرگەن، چۈنكى ئىنساننىڭ پىكرى چېچىلغاندا ئىنچىكە ھەقىقەتلەرنى ئىدراك قىلالمايدۇ، ئاللاھ تائالا بىر كىشىنىڭ كۆكسىدە ئىككى قەلب قىلمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن: سەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭنى ئىلىمگە بەرمىسەڭ، ئىلىم ساڭا بىر جۇزئىسىنىمۇ بەرمەيدۇ دېيىلىدۇ.
ئۆلىمالار بىلەن ئارتۇقچە ئىختىلاپ قىلىشتىن ساقلىنىش: سىز ئىلىم تەلەپ قىلىشنىڭ دەسلىۋېدىلا ئومۇمى ئىنسانلار ياكى ئالىم-ئۆلىمالار بىلەن ئىختىلاپ قىلىشقا مەشغۇل بولۇشتىن ساقلىنىڭ، چۈنكى بۇ ئىش ئىنساننىڭ زېھنىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ، ئەقلىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، شۇنىڭدەك چوڭ شەرھى كىتابلارنى ئوقۇشتىن ھەزەر قىلىڭ، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى زايە قىلىدۇ، زېھنىڭىزنى چاچىدۇ، بەلكى سىز ئوقۇۋاتقان كىتاپ ياكى ئۆگىنىۋاتقان ماددىنى مۇكەممەل بىلىش ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىزنى بېرىڭ، كىتابتىن زۆرۈر بولمىغان يەنە بىر كىتابقا يۆتكىلىشتىن ھەزەر قىلىڭ، چۈنكى بۇنداق قىلىش بولسا مەقسەتكە يېتەلمەسلىك ۋە زېرىكىشنىڭ ئالامىتىدۇر، سىز ھەر بىر ئىلىمنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغانلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۇڭ.
پۇختا ۋە تولۇق ئىگىللەش:
ياد قىلماقچى بولغان ماددىنى ناھايىتى پۇختا، توغرا شەكىلدە ياد قىلىشقا ھېرىس بولۇڭ، بۇنى ئۇستازغا ياكى سىزگە ياردەم بېرىدىغان كىشىلەرگە تىڭشىتىڭ، ئاندىن ياد قىلغان ماددىنى پىششىق ياد قىلىڭ، ياد قىلغان بىلىملەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ھەر كۈنى مەلۇم ۋاقىت ئاجرىتىپ تەكرارلاشنى ئادەت قىلىڭ.
-كۆپ كىتاپ كۆرۈش:
ئاساسلىق قىسقا مەنبەنى ياد قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ شەرھىلىرىنى ۋە ئۇنىڭدىكى مۇھىم پايدىلار، پەرقلىق مەسىلىلەرنى پۇختا ئىگىللەش، دائىم كىتاپ كۆرۈش بىلەن ئاددى تەتقىقاتلاردىن يۆتكۈلۈش، ئىنچىكە مەسىلىلەر ۋە تېپىلغۇسىز پايدىلارنى، كەم ئۇچرايدىغان شاخچە مەسىلىلەرنى خاتىرە قالدۇرۇش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، بارلىق ئىلىملاردىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ھۆكۈملەرنىڭ ئارىسىدىكى پەرقلەرنى ئايرىش، ئاڭلىغان بىر پائىدە ياكى بېكىتىلگەن بىر قائىدە بىلەن ئايرىم بولىۋالماستىن بەلكى ئۇنى ئەستە تۇتۇپ ئىزاھلاشقا ئەھمىيەت بېرىش.
ئىلىم تەلەپ قىلىشتىكى ھىممىتىڭىز يۇقىرى بولسۇن، كۆپ ئىلىم ئېلىشقا ئىمكانىيەت تۇرۇقلۇق ئاز ئىلىم بىلەن كۇپايىلەنمەك، ئازراق ئىلىم ئۆگىنىپلا پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسى بولدۇم دەپ قانائەتلەنمەڭ، ئىمكانىيەت بولغان پايدىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كېچىكتۇرمەڭ، ئىلىمدىن سوۋۇتىدىغان قۇرۇق ئارزۇلار بىلەن مەشغۇل بولماڭ، كېچىكتۈرۈش ئاپەتتۇر، چۈنكى سىز ھازىر بىر ئىلىمنى ئۈگەنسىڭىز، ئىككىنچى بىر ۋاقىتتا يەنە بىر ئىلىمنى ئۆگىنىسىز.
تىنىڭىز ساق، جۇشقۇن ، ياشلىقىڭىز ئۇرغۇپ تۇرغان، ئەستە تۇتۇشىڭىز كۈچلۈك، مەشغۇلىيەتلىرىڭىز ئاز بولغان، خىزمەت توسقۇنلىقى ياكى مەنسەپ توسقۇنلىقىغا ئۇچراشتىن ئىلگىرىكى بوش ۋاقىتلىرىڭىزنى غەنىمەت بىلىڭ،
سىزدىن ئىمكانىيتىڭىزنىڭ يېتىشچە ئېھتىياجلىق بولىدىغان كىتابلارنى ھاسىل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىلىم تەلەپ قىلىشنىڭ قورالىدۇر، پايدىسى بولمايدىغان مەلۇماتلارغا پەرۋا قىلماڭ، ئىلىمدىن بولغان نېسىۋېڭىزنى چۈشەنچىڭىز بويۇنچە توپلاڭ، بەلكى كۈچىڭىزنىڭ يېتىشچە ئۇ ئېلىمدىن پايدىلىنىشقا تېرىشىڭ.
- ياخشى ھەمرا تاللاش:
ئىلىم بىلەن كۆپ مەشغۇل بولىدىغان، ئېسىل تەبىئەتلىك ياخشى ھەمرا تاللاشقا ھېرىسمەن بولۇڭ، ئۇ سىزنىڭ مەقسىتىڭىزنى ھاسىل قىلىشقا ۋە ئالىدىغان پايدىلىرىڭىزنى مۇكەممەل قىلىشقا، ئىلىم تەلەپ قىلىشقا بولغان جۇشقۇنلىقىڭىزنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ، چارچاش ۋە زېرىكىشنى ئازايتىدۇ، دىندار، ئامانەتدار، ئەخلاقلىق كىشىلەر ئاللاھ ئۈچۈن سەمىمىي ھەمراھ بولىدۇ.
ناچار كىشىلەرگە دوست بولۇشتىن ھەزەر قىلىڭ، ئۇنداق كىشى قېنى بۇزۇق، پەسكەش، تەبىئىتى يوق، تۇراقسىز كېلىدۇ، ئىنسانلار بىر توپ مۈشۈككە ئوخشاش بولۇپ ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئوخشاش يارىتىلغان، ئۇنداق كىشىلەرگە ئارىلىشىشتىن ھەزەر قىلىڭ، چۈنكى ئۇ كېسەللىك، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇش ھەمراھ بولۇشتىن ئاساندۇر.
ئۇستازلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئەدەپلىك بولۇش:
ئىلىم دېگەن دەسلەپتىلا كىتابتىن ئېلىنمايدۇ، بەلكى ئازغۇنلۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەلەپنىڭ ئاچقۇچلىرى بولغان ئىشەنچىلىك ئۇستازلاردىن ئېلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇستازغا ئەدەپلىك بولۇڭ، بۇ مەقسەتكە يېتىش، ئىلىمنى ھاسىل قىلىش، نىجات تېپىش ۋە ئۇتۇق قازىنىشنىڭ ئاساسىدۇر. ئۇستازىڭىزنى لايىق رەۋىشتە ئىززەت-ھۆرمەت قىلىڭ، قەدرىنى قىلىڭ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئولتۇرغاندا، سۆزلەشكەندە ئەدەپ بىلەن ئولتۇرۇپ، سۆزلىشىڭ، سوئالىڭىزنى گۈزەل شەكىلدە سوراڭ، سۆزىگە قۇلاڭ سىلىڭ، ئۇستازنىڭ ئالدىدا كىتابنى ئاچقاندا ئەدەپ بىلەن ئېچىڭ، ئۇستازنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇۋالماڭ، ئالدىدىن تولا ئۆتمەڭ، ئۇستازدىن بۇرۇن سۆز قىلىۋالماڭ، ساقال تارىماڭ، كۆپ سۆز قىلماڭ، سۆزىگە قوشۇق سالماڭ، دەرسىگە كاشىلا بولۇپ سوئالغا جاۋاپ بېرىشىنى سوراپ چېڭ تۇرۇۋالماڭ، باشقا جامائەتلەر بولغان سورۇنلاردا كۆپ سوئال سوراشتىن ساقلىنىڭ، ھەقىقەتەن بۇنداق قىلىش سىزگە مەغرۇرلۇقنى ئۇستازغا بىزار بولۇشنى كەلتۈرىدۇ، ئۇستازنى ئىسمى بىلەنلا ياكى لەقىمى بىلەنلا چاقىرماڭ، بەلكى ئۇستاز ياكى ئۇستازىم دەپ چاقىرىڭ".
ئەگەر سىز ئۇستازنىڭ خاتالاشقانلىقىنى سەزسىڭىز ياكى شۇنداق ئويلىسىڭىز ئۇنى كۆزىڭىزدىن چۈشۈرمەڭ، بۇ سىزنىڭ ئۇنىڭ ئىلمىدىن مەھرۇم بولىشىڭىزغا سەۋەپ بولىدۇ، ئىنسانلاردىن كىم خاتالىقتىن سالامەت قالغان!. ئۇستاز بەكىر ئەبۇ زەيدنىڭ "ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ زىننىتى" ناملىق ئەسىرىگە قارالسۇن.
ئاللاھ تائالا سىز ۋە بىزنى ئىلىمگە مۇۋەپپەق قىلىپ ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشقا، بىزنى مۇسۇلمان ئالىملىرىدىن بولۇپ تەربىيلىنىپ چېقىشقا، ئاللاھنىڭ دىنىغا مەنبە بولۇش ۋە تەقۋادارلارغا يېتەكچى قىلىشىنى سورايمىز. ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئامىن.
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.