ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «كاپىرلارنىڭ ئۆز ئېتىقادى بويۇنچە قىلغان نىكاھ ئەھدىلىرىمۇ توغرا بولىدۇ، ئەگەر ئەر-ئايال كاپىر بىرلىكتە مۇسۇلمان بولسا، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى نىكاھى ئېتىراپ قېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ نىكاھىنىڭ ئىلگىرى قايسى شەكىلدە، قانداق ھالەتتە ئىلىپ بارغانلىقى نەزەرگە ئېلىنمايدۇ، ئۇلار ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ نىكاھىدا شەرت قىلىنغان ۋەلى، گۇۋاھچىلار، قىز-يىگىت ئىككى تەرەپنىڭ ئالدىم-تەگدىم دەپ جاۋاپ بېرىشى قاتارلىق بىر تۈرلۈك شەرتلەر بېكىتىلمەيدۇ، بۇ توغرىدا مۇسۇلمان ئالىملىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ يوقتۇر.
ئىبنى ئابدۇل بەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلام ئالىملىرى: ئەگەر كاپىر ئەر-ئاياللار بىرلا ۋاقىتتا مۇسۇلمان بولسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نىكاھنى چەكلەيدىغان ئىمىلدەشلىك ۋە نەسەپ تۇغقانچىلىقى بولمىسا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى نىكاھى بويۇنچە ياشاۋېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە نۇرغۇن كىشىلەر مۇسۇلمان بولدى، ئۇلارنىڭ ئاياللىرىمۇ مۇسۇلمان بولدى، ئۇلار ئەسلىدىكى نىكاھى بويۇنچە ئەر-ئايال بولۇپ ياشاۋەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن نىكاھنىڭ شەرتلىرى ۋە قانداق ھالەتتە نىكاھ قىلغانلىقلىرىنى سورىمىدى، بۇ كۆپ كىشىلەر بىرلىككە كەلگەن مۇتەۋاتىر دەرىجىسى بىلەن بىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش ئەڭ ئىشەنچىلىك بولدى".
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.