يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

تېرىگە سۇنىڭ يېتىپ بېرىشىنى توسۇپ قويىدىغان ئامىل تاھارەتنىڭ كامىل بولىشىغا تەسىر يەتكۇزەمدۇ؟

سۇئال

   تاپانلىرىم يېرىلىپ كەتكەن بولۇپ، بەزى نەرسىلەر پۇتۇمغا چاپلىشىپ قالىدۇ، ئۇنى چىقىرالمايمەن، بۇ نەرسە تاھارەتنى(باتىل) بىكار قىلىۋېتەمدۇ؟، بىر قېتىم تاپىنىمغا ئاسپىلىتتەك بىرنەرسە چاپلىشىپ قېلىپ ئۇنىڭدىن كېچىك بىر قىسمىنى چىقاردىم، قالغان  پارچىسىنى چىقىرالمىدىم، بۇ شەكىلدە ئادا قىلغان ناماز توغرا بولامدۇ؟، تىلىپۇن پىراگرامىلىرى ناماز ۋاقتىنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ نەشىر قىلىش ھوقۇقى بار، بۇنى قوللانسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: تېرىگە سۇنىڭ يېتىپ بېرىشىنى چەكلەيدىغان نەرسىنى ئېلىۋېتىش ۋاجىپ بولىدۇ، تىرناق ئاستىدىكى كىر-قاسماق، تاپىنىنىڭ يېرىقلىرىغا كېرىپ قىلىپ چىقىرالماي قالغان ئاز نەرسىلەر بولسا بۇنىڭدىن ئەپۇ قېلىنىدۇ.

    مىرداۋىي"ئەل ئىنساپ" 1-توم 158-بەتتە مۇنداق دەيدۇ:" ئەگەر تىرناقنىڭ ئاستىدا ئازراق كىر-قاسماقلار بولۇپ بۇ نەرسىلەر سۇنىڭ تىرناقنىڭ ئاستىغا يېتىشىنى چەكلەپ قويسا تاھارەت توغرا بولمايدۇ".

   ئىبنى ئەقىيلمۇ شۇنداق دېگەن، بەزىلەر توغرا بولىدۇ دېگەن، بۇ توغرا قاراشتۇر. ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ بۇ قاراشقا مايىل بولغان. شەيخ تەقىيىددىن ئىبنى تەيمىيە بۇ قاراشنى تاللىغان. بەزىلەر: ھۈنەر، سانائەت قىلىدىغان، دىخانچىلىق ۋە چارۋىچىلىققا ئوخشاش جاپالىق خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن ساقلىنىشى قېيىن بولسا تاھارەت توغرا بولىدۇ دېگەن.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە قان ۋە خېمىرگە ئوخشاش نەرسىلەرنىمۇ تېرىگە سۇنى يېتىشىنى چەكلەيدىغان ئاز نەرسىنىڭ قاتارىغا قېتىۋەتكەن".

    تېرىگە چاپلىشىپ قالغان نەرسىنى ئېلىۋېتىش قىيىن بولسا، مىقدارى كۆپ بولسا بۇ ئەپۇ قىلىنمايدۇ، سىز تېڭىققا مەسىھ قىلغاندەك ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلىسىز.

    ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر بەدىنىدە سۇنىڭ تېرىگە يېتىپ بېرىشىنى چەكلەيدىغان نەرسە بولسا، ئۇ كىشىگە تاھارەتتە يۇيۇشقا بۇيرۇلغان ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنى يۇدى دېگەن سۆز ئەمەلىيلەشمەيدۇ، لېكىن شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ : ئاز نەرسە بولسا ئەپۇ قېلىنىدۇ، بولۇپمۇ دائىم مۇشۇنداق قېيىن ئىش قىلىدىغان كىشىلەردىن ئەپۇ قىلىنىدۇ دېگەن.

    بۇ بوياقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچىلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ، كۆپ ۋاقىتلاردا بىر-ئىككى نۇقتا بوياق ئېزى قالىدۇ، ياكى يۇيۇشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ياكى شۇ ۋاقىتتا ئۇنى چىقىرىۋېتىدىغان نەرسە تاپالمايدۇ، ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىغا كۆرە، بۇنداق نەرسىلەردىن ئەپۇ قىلىنىدۇ. لېكىن ئېھتىياتەن بۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلىش كېرەك بولىدۇ: ئىمام مۇسلىم 243-ھەدىستە ئۆمەر بىن خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، بىر كىشىنى تاھارەت ئېلىپ پۇتىنىڭ تاپىنىدىن تېرناقچىلىق ئورۇننى چالا قويۇپ يۇدى، بۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۆرۈپ قىلىپ، ئۇ كىشىگە: «قايتىپ بېرىپ تاھارەتنى كامىل ئالغىن» دېدى، ئۇ كىشى تاھارەتنى قايتىدىن ئېلىپ كېلىپ ئاندىن ناماز ئوقۇدى. ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئازراق ئورۇن بولسىمۇ بۇنىڭدىن ئەپۇ قىلمىدى، چۈنكى بۇ نامازنىڭ ۋاقتى چېقىپ كېتىشتىن ئىلگىرى يوق قىلىش مۇمكىن بولىدىغان ئىش ئېدى، ئەگەر مۇمكىن بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا تېڭىقنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلغانغا ئوخشاش ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلىدۇ". ["كاپىينىڭ شەرھىسى"].    

   ئىككىنچى: تىلىپۇن پىراگراممىلىرىنىڭ ساھىبى ناماز ۋاقتىنى ئەسلىتىپ تۇرىدىغان پىراگرامىنى كۆچۈرۈۋېلىشقا رۇخسەت قىلمىسا ئۇنى چۈشۈرۈپ قوللىنىش توغرا بولمايدۇ، بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئىلگىرى 454 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى